تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

خۇاڭگۇڭ بازىرىدا 2000دىن ئارتۇق قوي - كالا ۋاسىتىچىسى ھەرىكەتكە كەلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگېس

4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سەھەر، «مە، مە... مۆ، مۆ...» دەپ مەرەۋاتقان، مۆرەۋاتقان قوي - كالىلارنىڭ ئاۋازلىرى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى، تەرەپ - تەرەپتىن غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئۇچئۇن خۇيزۇ يېزىسى ئالتىئۆي كەنتىگە كەلگەن دېھقان - چارۋىچىلار خۇاڭگۇڭ بازىرىغا بارىدىغان يولدا ئۇياقتىن بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.

شۇ جايدىكى باقمىچىلىق ئائىلىسى قۇربانجان ئابدۇسالام بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھى ئىككى كالىنى يېتىلەپ بازارغا ماڭدى، ھەر ھەپتىدە نەچچە قېتىم بازار ئايلىنىپ، مال - چارۋىلىرىنى سېتىپ، يەنە بىرئاز كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە قۇرۇق مېۋىلەرنى سېتىۋېلىپ، لەڭمەندىن بىر تەخسە يەپ ئۆيگە قايتىش ئۇنىڭ 20 يىلدىن بۇيانقى ئادىتىگە ئايلانغانىدى.

شۇ جايدىكى كىشىلەر خۇاڭگۇڭ بازىرى دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن خۇاڭگۇڭ تىرىك چارۋا سودا بازىرى يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 600 مودىن ئاشىدۇ. 2022 - يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شىنجاڭ چۇاڭجىن خۇاڭگۇڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا چەكلىك شىركىتى خۇاڭگۇڭ بازىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئۇنىڭ نامىنى شىنجاڭ چۇاڭجىن خۇاڭگۇڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزىگە ئۆزگەرتىپ، تىرىك چارۋا سودىسى، چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، تىرىك چارۋىلارنى ۋاكالىتەن بېقىش، بازار ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىر گەۋدىلەشكەن، سودىلىشىش، كارانتىن قىلىش، ياتاق، يېمەك - ئىچمەك، ئىستىراھەت قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە بولغان مۇلازىمەت تىپىدىكى سودا سۇپىسى قۇردى.

«ئىككى يىل ئىلگىرى، ئۇنىڭ <ئانىسى>نى 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلغا ساتقانىدىم.» تىرىك چارۋا سودا رايونىدا، قۇربانجان جاراڭلىق ئاۋازدا ئائىلىسىنىڭ ساپ نەسىللىك قوڭۇر كالىسىنى تونۇشتۇرۇۋاتاتتى.

ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، قوي - كالا ۋاسىتىچىسى ئۆركەش تۇرغان ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ بىر سودىنى كېلىشتۈرۈۋاتاتتى. «بۇ، مەن بۈگۈن كۆرگەن ئەڭ بەستلىك كالا، سەن ماڭىمۇ ئىشەنمەمسەن؟» ئۆركەش سول قولىدا كالا سېتىۋالغۇچىنىڭ قولىنى، ئوڭ قولىدا كالا ساتقۇچىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى ئىككىيلەننىڭ قولىنى تۇتقۇزۇپ توختىماي كېلىشتۈرۈۋاتاتتى. كۆپچىلىك ئولىشىپ قاراپ تۇرغان ئەھۋالدا، بىر يوغان سىمېنتال كالىسى 26 مىڭ 500 يۈەن باھاغا پۈتۈشۈلدى.

يېقىنقى يىللاردا، ئۆركەش بۇ خىزمەتكە تايىنىپ ئۆي سېتىۋالدى، ئاپتوموبىل سېتىۋالدى، چاي پۇلى تاپتى. ئۆركەش قۇربانجان تەرەپكە بۇرۇلدى، «نېمىگە ئالدىرايسەن؟ ئۆگۈنلۈككە چوڭ بازاردا 12 مىڭ يۈەنگە سېتىلىشى مۇمكىن ئىدى.» ئۆركەش كالىغا قاراپ قويۇپ، قۇربانجاننىڭ ئاران 10 مىڭ يۈەن باھا قويغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھەر چارشەنبە كۈنى خۇاڭگۇڭ بازىرىنىڭ چوڭ بازار كۈنى، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىن نۇرغۇن لوبەن تىرىك چارۋا سېتىۋالغىلى كېلىدۇ، ئۆركەشنىڭ تەجرىبىسى بويىچە، ئادەم كۆپ بولسا، ئېلىم - سېتىم ياخشى بولىدۇ.

«نۇرغۇن پۇلنى مۇشۇ يەردە تاپتىم، سودا ياخشى بولسا بىر كۈندە 2000 يۈەن تاپىمەن، ناچار بولسا بۈگۈنكىدەك بولىدۇ، ئىككى ئادەم، ئىككى كالا، قانداق كەلگەن بولساق شۇنداق قايتىمىز.» قۇربانجان ئۆركەشكە ئوخشاش بازار ئەھۋالىنى بىلىدىغان ھەم سۆز قابىلىيىتى بار ۋاسىتىچى دوستىنىڭ بولغانلىقىدىن خۇشال ئىدى.

خۇاڭگۇڭ بازىرىدىكى ئەلا نەسىللىك تىرىك چارۋىلار ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن زور بىر تۈركۈم سودىگەرنى جەلپ قىلدى، شۇنداقلا ئۆركەشكە ئوخشاش 2000دىن ئارتۇق دېھقان - چارۋىچىنى «قوي - كالا ۋاسىتىچىسى»گە ئايلاندۇردى.

چۈشتىن كېيىن، توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ دۆڭمەھەللە بازىرىدىن كەلگەن قوي - كالا ۋاسىتىچىسى ئالىمجان ئىبراھىم «ۋاكالىتەن بېقىش رايونى»دا رەسمىيەت بېجىردى. «ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويۇپ سودىلىشالماسلىقمۇ نورمال ئىش، كالا ئاۋۋال بىر نەچچە كۈن <مېھمانخانا>دا تۇرىدۇ.» ئالىمجان مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بازارغا بېرىپ، شۇ كۈنى پۈتۈشەلمىسەك كېچىلەپ توققۇزتاراغا قايتىش، يېقىن ئەتراپتىكى قوتانلارنى يۇقىرى باھادا ئىجارىگە ئېلىش، چارۋىنى تۆۋەن باھادا سېتىۋېتىشتەك ئۈچ خىل ئاقىۋەتكە قالاتتۇق. قىينىلاتتۇق ھەم پاراكەندە بولاتتۇق».

سودىغا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، بۇ ئىككى يىلدا، خۇاڭگۇڭ بازىرى تىرىك چارۋىلارنى «ۋاكالىتەن بېقىش رايونى» قۇردى. ئالىمجاننىڭ 20 كالىسى 32 كىۋادرات مېتىرلىق «ئۆلچەملىك ياتاق»قا ۋاكالىتەن بېقىشقا بېرىلدى، ئۆلچەملىك ياتاق تېمپېراتۇرىسى تۇراقلىق ئىسسىق سۇ بىلەن 24 سائەت تەمىنلىنىدۇ، ياتاق ھەققى كۈنىگە بەش يۈەن بولۇپ، يەنە چاقىرغان ھامان كېلىدىغان «مۇلازىمەتچى» بار.

مۇلازىمەتنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش، بازار ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، شىنجاڭ چۇاڭجىن خۇاڭگۇڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزى كۈنلۈك تىرىك چارۋا سودا مىقدارى 15 مىڭ تۇياققا يېتىش رېكورتىنى ياراتتى.

«100 قوينىڭ بىر يىلدا يەيدىغان، ئىچىدىغانلىرىنى چىقىرىۋەتسەم، 60 مىڭ يۈەن تاپالايمەن.» ئونيار بازىرىدىن كەلگەن خال يارى تىرىك چارۋا سودا رايونىدا قوينىڭ بوينىغا قوڭغۇراق ئېسىپ، كۈلگىنىچە دولان قويىنى سۈرەتكە تارتتى. خال چارۋا سودىسى قىلىش ماھىرى بولۇپ، خۇاڭگۇڭ بازىرىدىكى تىرىك چارۋا سودىسىنىڭ سودا ئەھۋالىغا ئاساسەن نېمە بېقىش كېرەكلىكىگە ھۆكۈم قىلالايدۇ. بۇ بىر نەچچە يىلدا، بورداق كالىغا قارىغاندا، ئۇ قوي بېقىشقا بەكرەك ئۈمىد باغلىدى.

«ئاداش، تېز ماڭايلى!» مۇساجان مەمەتجان توشۇش ئاپتوموبىلىدىن سەكرەپ چۈشۈپلا، ئۆزىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق توشۇش زاكازىنىڭ ۋاقتى توشاي دەپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ خالنى ئالدىراتتى. «بىرەر قېتىم كەم قاتنىغىنىڭغا ھېچنېمە بولمايدۇ، كاۋاپ يەۋىلىپ ماڭايلى» دېدى خال چاقچاق قىلىپ، مۇساجان ناھايىتى تىرىشچان، تۇرمۇشتىمۇ بەك تېجەشلىك بولۇپ، خۇاڭگۇڭ بازىرىدا مەخسۇس قوي - كالا توشۇپ، خوتۇنىنىڭ ئۆي جاھازلىرى دۇكىنى ئېچىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

«بۇنداق ئاممىغا يېقىن كۆرۈنۈشنى بەك ياخشى كۆرىمەن، ھەممە ئادەم ناھايىتى قىزغىن، ئەستايىدىل سودىلىشىدۇ.» خېبېيدىن كەلگەن ساياھەتچى جاڭ جىيۈەن ناھايىتى خۇشال ھالدا بازاردا توختىماي سۈرەتكە تارتتى. شىنجاڭغا كېلىشتىن بۇرۇن، ئۇ خۇاڭگۇڭ بازىرىدا چوڭ فىلىم ئىشلەش پىلانىنى تۈزگەنىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.