ئەركىن تۇنىياز قومۇل شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، قومۇل، 5 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قومۇل شەھىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، «1 ـ ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭغا كىرىش ـ چىقىشتىكى تاشيوللارنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئېنېرگىيە بايلىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، چوڭ ـ چوڭ تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچى خادىملارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەم بايراملىق سالام يوللىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز شىڭشىڭشيا گۇڭئەن تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ شىنجاڭغا كىرىدىغان ـ چىقىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىغا قارىتا سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى ھەم ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان كادىر ـ ساقچىلاردىن ھال سورىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتوموبىل ئېقىمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۆۋەتچىلىك ـ دىجورنىلىق قىلىش ۋە ئۇچۇر دوكلات قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ قاتناش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئامما ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ راۋان، بىخەتەر سەپەرگە چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
شىنجاڭ ئېنېرگىيە(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قومۇل سەنتاڭخۇ كان رايونى شىتوۋمېي 1 ـ نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىدا، قېزىش ماشىنىلىرى قېزىش ئورنىدا گۈرۈلدەپ مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، كۆمۈر توشۇش ئاپتوموبىللىرى ئۇياقتىن ـ بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. «1 ـ پەسىلدە ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى قانچىلىك بولدى؟ رەقەملەشكەن كان قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟» ئەركىن تۇنىياز كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: قومۇلنىڭ چوڭ تىپتىكى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بازىسى قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، كۆمۈر كانلارنى ئاقىللاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش، تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇش بويىچە ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» قاتارلىقلارنى كۆمۈر مەنبەسى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى قومۇل ئېنېرگىيەنى توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش بازىسى ئاساسلىقى يەرشارى بويىچە تۇنجى 2 ـ ئەۋلاد تېخنىكا ئارقىلىق كۆمۈردىن ماي ئېلىش تۈرىنى ئۈستىگە ئالغان، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى تۇنجى كۆمۈردىن ماي ئېلىش تۈرى. ئەركىن تۇنىياز تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كېلىپ، كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن مەسىلىلەرنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، پىلاننى تەتۈر ساناق بويىچە تىزىپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىپ، تىرىشىپ قۇرۇلۇشنى بالدۇرراق پۈتتۈرۈش كېرەك. پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات يۇرتى ـ ئورۇنلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ماي تەركىبى مول كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك.
شىنجاڭ خۇاتەي يېڭى ماتېرىيال پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 30 مىڭ توننا يۇقىرى ئىقتىدارلىق تىتان ھەم تىتان قېتىشمىسى يېڭى ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، ئەركىن تۇنىياز تىتاننى ئاساس قىلغان كەسىپ تەرەققىياتى، بازار ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، كەلگۈسى پىلان قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: زەنجىردىكى ئاساسلىق كارخانىلارنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى سالمىقىنى زورايتىپ، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، زەنجىرنى يېتەكلەش، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش، زەنجىرنى مۇستەھكەملەش جەھەتتە سىجىل كۈچەش كېرەك. قومۇل شەھىرى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، ۋانادىي ـ تىتان كەسپىنى زورايتىشى ۋە كۈچەيتىشى كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى كارخانىلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭدۇڭنىڭ مېيجوۋ شەھىرى مېيجوۋ ـ دابۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ چاياڭ بۆلىكىدىكى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئاپىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، قاتناش، كان، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا چىڭ قادىلىپ، خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى دائىملىق بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. قومۇل شەھىرى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەھلىل قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بۆسۈش نۇقتىسى، ئېشىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 ـ لىنىيەسى، باركۆل داخې ئايرودۇرۇمى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش، ئېنېرگىيە ساقلاش ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، 2 ـ پەسىللىك ئىقتىسادتا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك.