باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ
بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، ئاممىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش نازارىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يېتەكچىلىك قىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سىنلىق يىغىنىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: باش شۇجى شى جىنپىڭ 5 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى گۇاڭدۇڭنىڭ مېيجوۋ شەھىرى مېيجوۋ ـ دابۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ چاياڭ بۆلىكىدىكى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئاپىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەرگەن ۋە زۇڭلى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 5 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى كەچتە ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش نازارىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، ھەيدەكچىلىك قىلدى. 5 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون مەخسۇس سىنلىق يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، زۇڭلى لى چياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ جىددىي ئۇقتۇرۇشىدىكى تەلەپلەر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىش، خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشىگە تۈرتكە بولۇش، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش نازارىتىدە، ما شىڭرۇي پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: گۇاڭدۇڭنىڭ مېيجوۋ شەھىرى مېيجوۋ ـ دابۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ چاياڭ بۆلىكىدە گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئاپىتى يۈزبېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىش كۆرۈلدى، بۇ، كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ، كىشىنى تېخىمۇ سەگەكلىككە ئۈندەيدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپەتتىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، زور بىخەتەرلىك خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىشى كېرەك. «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاراشلىق جاي، تارماق، كارخانا قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، كۆمۈر كان ئىشلەپچىقىرىشى، يول قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، نۇقتىلىق سورۇن، ئاپەت ئاسان يۈزبېرىدىغان رايون ۋە مېتېئورولوگىيە، سۇ ئەھۋالى قاتارلىقلارنى كۆزىتىپ ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك بويىچە تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك. جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بايرامنى تىنچ ـ ئامان ئۆتكۈزۈشى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تىنچ، تەرتىپلىك مۇھىت يارىتىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت سىنلىق يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، شىنجاڭدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش دۇچ كېلىۋاتقان كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، ئەڭ قاتتىق تەلەپ، ئەڭ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، خەۋپ ـ خەتەر يۇقىرى بولغان يول بۆلەكلىرى، كېچىلىك يول قاتنىشى قاتارلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ پۈتۈن كۈچ بىلەن يەر تەۋرەش، قار ئېرىش تىپىدىكى كەلكۈن، قاتتىق يامغۇر، قىيان، لاتقا ـ شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق تۈرلۈك ئاپەت خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە يوشۇرۇن خەۋپنى مەركەزلىك تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك؛ خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، كان، شەھەر ـ بازارلاردىكى يېقىلغۇ گاز، چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى پائالىيەت قاتارلىق ساھەلەرگە چىڭ قادىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايرام مەزگىلىدە تۈرلۈك ساياھەت كارخانىلىرى، مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى، ساياھەت سورۇنى ئەسلىھەلىرى، ساياھەت ئاپتوموبىلى قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ماھىيەتتىن بىخەتەر بولۇش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەردان مۇقىيىت ئاپتونوم رايون بويىچە يول قاتنىشى، كان، ئوت ئۆچۈرۈش، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار، قۇرۇلۇش قىلىش، يېقىلغۇ گاز، ساياھەت، تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى، تەبىئىي بايلىق نازارىتى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش نازارىتى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، سۇچىلىق نازارىتى ۋە شىنجاڭ قاتناشقا مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىدىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىغا ئەزا ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلارغىچە ئېچىلدى.