تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئەمگەك ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ قالتىس شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

شان - شەرەپ ئەمگەكچىلەرگە مەنسۇپ، بەخت ئەمگەكچىلەرگە مەنسۇپ. «1 - ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى ھارپىسىدا، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى، شىنجاڭدىكى ئالتە كوللېكتىپ شەرەپ بىلەن مەملىكەتلىك 1 - ماي ئەمگەك تەقدىرنامىسىگە ئېرىشتى، 24 شەخس شەرەپ بىلەن مەملىكەتلىك 1 - ماي ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشتى، 31 كوللېكتىپ شەرەپ بىلەن مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئاۋانگارتى نامىغا ئېرىشتى. ئەمگەكنى مەدھىيەلەيدىغان، ئەمگەكچىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان بۇ بايرامدا، ھەربىر شان - شەرەپ خۇددى لەپىلدەپ تۇرغان شانلىق بايراقتەك تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەر جاسارەت بىلەن نەتىجە ياراتقان پۇختا ئىزنالارنىڭ بەلگىسىگە ئايلانماقتا، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەردىكى، ھەرقايسى سەپلەردىكى ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنى تىرىشىپ ئىجاد قىلىپ، باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ قالتىس شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇرماقتا.

ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ ئالىيجاناب، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل، ئەمگەك بارلىق بەختنىڭ مەنبەسى. ئۇزاقتىن بۇيان، كەڭ ئەمگەكچى ئامما پارتىيە بىلەن بىر مەقسەتتە بولۇپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ كۈرەش قىلىپ، جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئەقىل - پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەجرى ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. سوتسىيالىزم ئىشلەش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن، يېڭى دەۋر كۈرەش قىلىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. ئەمگەك جۇڭخۇا مىللىتىنى ياراتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شانلىق تارىخىنى ياراتتى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ پارلاق كېلەچىكىنىمۇ جەزمەن يارىتىدۇ.

يېڭى دەۋر كۈرەش قىلغۇچىلار دەۋرى. ھەرقايسى سەپلەردە ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن تۈركۈم - تۈركۈم ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ئىلغار خىزمەتچىلەر، مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئاۋانگارتلىرى ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، پەقەت پۇختا ئەمگەك قىلغاندىلا، تىرىشىپ ئەمگەك قىلغاندىلا، ئاددىي خىزمەت ئورنىدىمۇ قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ؛ دەۋر ئۆزگەرگەن، ئىش ئورنى ئوخشاش بولمىغان تەقدىردىمۇ، شەخسىنىڭ كۈرىشىنى جەمئىيەت ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشقا سىڭدۈرگەندىلا، ئۆز قىممىتىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. مەيلى چارۋىچىلىق مەيدانىدا باشلامچىلىق بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ ئاممىنى بېيىشقا يېتەكلىگەنلەر بولسۇن ياكى ئېنېرگىيە كارخانىلىرىدا تېخنىكا تايانچلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەنلەر بولسۇن؛ مەيلى شىنجاڭنىڭ مېۋە - چېۋىلىرىنىڭ قانداق قىلغاندا تېخىمۇ تاتلىق، يۇقىرى ھوسۇللۇق بولۇشىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغانلار بولسۇن ياكى شىنجاڭنىڭ قىممەتلىك سۇ بايلىقىدىن قانداق قىلغاندا تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچىگەن ۋە تەھلىل قىلغانلار بولسۇن... بۇ ئۈلگىلەرنىڭ، نەمۇنىچىلارنىڭ جىسمىدا، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنىڭ جۇلالىق نۇرلىرى چاقناپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىكى تۈرلۈك نەتىجىلىرىنىڭ قانداق قولغا كەلگەنلىكىگە جاۋاب بېرىپ، ھەر مىللەت ئەمگەكچىلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمگەك قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىجادىيەت يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىپ، ئەمگەك ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.

شىنجاڭ كۈرەش قىلىدىغان مۇنبەت تۇپراق. مەۋقە شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا قويۇلۇپ، يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش بۇرغىسى ھەر مىللەت تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنى دەۋر ئېقىمىنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا چاقىرماقتا، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن»دىن ئىبارەت بۇرچ، مۇھىم تاپشۇرۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا سىجىل، چوڭقۇر تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسى، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت تارىخىي پۇرسەت كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە جىددىي ئېھتىياجلىق. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، جاسارەت بىلەن ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان شىنجاڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن مىسلىسىز پۇرسەت ۋە چەكسىز كەڭ سەھنە ھازىرلاپ، ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنى كەڭ تۇپراقتا كارامىتىنى كۆرسىتىشكە چاقىرماقتا. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتمۇ چوقۇم ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىش، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىش، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىش، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىش مۇھىم فاڭجېنىنى تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ ئەمگەكچى ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇلارنى ئاسراپ، ھەقىقىي تۈردە ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنى جاپالىق ئەمگەك قىلىش، سەمىمىي ئەمگەك قىلىش، ئىجادىي ئەمگەك قىلىش داۋامىدا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمگەكنى قەدىرلەيدىغان، ئەمگەكچىلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەمگەك قىزغىنلىقىنى بەس - بەستە ئۇرغۇتۇشى، ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇشى كېرەك.

ئەمگەك دەۋر شانلىق سەھىپىسىنى پۈتىدۇ، كۈرەش گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. بىز ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجاد قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش قايناق ئەمەلىيىتىگە بەس - بەستە ئاتلىنىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىش داۋامىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئەمگەك ئارقىلىق قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.