تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

بازاردىكى داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر مەريەمگۈل ئەسەت

4 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى ئەتىگەندە، بازار ئېچىلىشىغىلا قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شەھەر ئىچى يېزىسىدىكى پۇقرالار بازىرى تۈركۈم ـ تۈركۈم كىشىلەر ئېقىمىنى كۈتۈۋالدى.

پۇقرالار بازىرى ئېۋىرغول رايونى شەھەر ئەتراپىدىكى شەھەر ئايلانما يولىغا جايلاشقان بولۇپ، ھەر جۈمە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇز يېرىمدا بازار ئېچىلىدۇ، 30 ـ 40 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرى ئايلىنىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بازارلارنىڭ بىرى.

بازارغا كىرگەندە مېۋە ـ كۆكتات، كالا ـ قوي گۆشى، گۈل ـ گىياھ، كۆچەت، كىيىم ـ كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم، ئۆي جاھازلىرى بۇيۇملىرى، مېتال سايمان قاتارلىقلار كۆزنى قاماشتۇراتتى، كاۋاپداندىن چىقىۋاتقان مەززىلىك پۇراق تەرەپ ـ تەرەپكە تارىلاتتى، راڭپىزا، سوغۇق چۆپ دېگەندەك ئۇششاق يېمەكلىك يايمىلىرىنىڭ ئالدى ئادەملەر بىلەن لىق تولغانىدى...

«كېلىڭلار، كېلىڭلار، يۇرتداشلار، دوختۇرخانا قان بېسىمىنى ھەقسىز ئۆلچەيدۇ، مۇتەخەسسىسلەر ھەقسىز كېسەل كۆرىدۇ.» بازارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاق خالات كىيگەن ئىككى پىدائىي بىر تەرەپتىن ساغلاملىق بىلىملىرى تەشۋىقات قوللانمىسى تارقاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاممىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈشكە يېتەكلىدى. بىر قاتار ئۈستەل تىزىلغان، بىر لوزۇنكا ئېسىلغان، بىرنەچچە ئورۇندۇق قويۇلغان بولۇپ، دوختۇرلار تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.

بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسى كەلگەنمىدۇ؟ مۇخبىرلار قىزىقىپ بېرىپ بۇنىڭ جاۋابىنى تاپماقچى بولدى.

«يېزىلىق دوختۇرخانىمىزدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەممىسى كاندىدات ئالىي دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنۋانغا ئىگە.» شەھەر ئىچى يېزىلىق دوختۇرخانا پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئاينىساگۈل ئىلياس پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: دۆلەت يېزا ـ كەنتلەرنىڭ سەھىيە ـ داۋالاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدىغان نۇرغۇن ياخشى سىياسەتلەرنى يولغا قويدى، يېزا ـ بازارلاردىكى تېببىي خادىملار شەرتنى ھازىرلىغاندىن كېيىن، كاندىدات ئالىي دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنۋانغا تەكلىپ قىلىنالايدۇ، «شەھەر ئىچى يېزىلىق دوختۇرخانىدا، ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانى بار داۋالاش مۇتەخەسسىسىدىن ئىككىسى، كاندىدات ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانى بار داۋالاش مۇتەخەسسىسىدىن يەتتىسى بار».

ھەقسىز كېسەل كۆرۈش ئورنىدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېسىلىنى كۆرۈۋاتقان ئىبادەت ئىبراھىم شەھەر ئىچى يېزىلىق دوختۇرخانا تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى. «مەن ئاساسىي قاتلامدىكى دوختۇرخانىدا 33 يىل ئىشلىدىم، بۇنىڭ ئىچىدە ئېۋىرغول رايونىدىكى ئەڭ چەت، يىراق بولغان تاشۋېلىق يېزىلىق دوختۇرخانىدا 23 يىل ئىشلىدىم.» ئىبادەت مۇنداق دېدى: «ھازىر سىياسەت ياخشى، دوختۇرخانىدىكى نوپۇزلۇق دوختۇرلارنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشتى، ياش دوختۇرلارنىڭ قىزغىنلىقى بار، قوشۇن مۇقىم، دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسى بارغانسېرى ئۆستى».

يېزا ـ بازارلىق دوختۇرخانىلار دېھقان ـ چارۋىچى ئاممىغا بىۋاسىتە يۈزلەنگەن بولۇپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشتىكى بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسى. ئىلگىرى ئۇنۋان باھالاش چەكلىمىگە ئۇچراش، تەمىنات سەۋىيەسى شەھەردىكى دوختۇرخانىلار بىلەن پەرقلىق بولۇش سەۋەبىدىن، يېزا ـ بازارلىق دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش قوشۇنى مۇقىم بولماي، ياش دوختۇرلارنىڭ ئىستېپا بېرىش ئەھۋالى بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايتتى.

«ھازىر ئۇنداق ئەمەس.» قومۇل شەھەرلىك سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر سائادەت ئەمەت مۇنداق دېدى: 2022 ـ يىلى، قومۇل شەھىرى ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى تېببىي خادىملارغا يۈزلىنىپ، ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىنى نىشانلىق باھالاش شەرتىنى تۈزدى. باھالاشتا نەتىجە ۋە تۆھپە گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ماقالە سانىغا قويۇلىدىغان تەلەپ مۇۋاپىق بوشاشتۇرۇلۇپ، سۈپەتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، سان ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپى، جاپالىق رايونلاردىكى دوختۇر ـ سېسترالارغا مايىللاشتۇرۇلۇپ، ئۇزاق مۇددەت يېزا ـ كەنتلەردە يىلتىز تارتقان زور بىر تۈركۈم تېببىي خادىملار ئوتتۇرا دەرىجىلىك، كاندىدات ئالىي دەرىجىلىك ھەمدە ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋان ئالدى.

«بۇ سىياسەت پۈتۈن دوختۇرخانىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ كەسىپنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش، ئىش ئورنىدا يىلتىز تارتىش قىزغىنلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.» شەھەر ئېچى يېزىلىق دوختۇرخانا پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى خۇڭشيا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، دۇختۇرخانىمىزدىكى 66 تېببىي خادىم ئىچىدە ئۇنىۋېرسال ۋىراچتىن 11 كىشى، كەسپىي ۋىراچتىن 16 كىشى، دورىگەردىن ئىككى كىشى، مەسئۇل دورىگەردىن بىر كىشى بار بولۇپ، داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى.

بازاردا ئامما مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمىتىنى ناھايىتى ئېتىراپ قىلدى. «دوختۇرلارنىڭ ھەممىسىنى تونۇيمىز، ئۇلارنىڭ سەۋىيەسى ناھايىتى يۇقىرى. بالىلارنىڭ كېسىلى، ياشانغانلارنىڭ كېسىلىنىڭ ھەممىسىنى كۆرەلەيدۇ، مۇلازىمىتىمۇ ناھايىتى ياخشى» دېدى شەھەر ئىچى يېزىسى ئاھالىسى ئەمەت ئىسمايىل.

«بازار بىزنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشىمىزدىكى مۇھىم سورۇن. بىز ئىلمىي سەھىيە ـ ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنى، ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك.» لى خۇڭشيا مۇنداق دېدى: داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى يۇغۇرۇش يېزا ـ بازارلىق دوختۇرخانىلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى، يېزا ـ بازارلىق دوختۇرخانىلار ئاممىنىڭ كېسىلىنى ياخشى كۆرۈپلا قالماي، يەنە سالامەتلىكنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، سالامەتلىكنى ئاسراش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك، «بازاردا ئادەم كۆپ بولۇپ، بۇ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدىغان ياخشى جاي، بازار بار يەردە بىز تېببىي خادىملارمۇ بار».

چۈشكە يېقىن، بازاردا ئادەم بارغانسېرى كۆپەيدى، ھەقسىز كېسەل كۆرۈش ئورنى ئادەم بىلەن لىق تولدى. قان بېسىمىنى ئۆلچەش، تومۇر تۇتۇش، كېسەللىك ئەھۋالىنى سوراش... مۇتەخەسسىسلەر جىددىي خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.