تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ بۇ يەردە ئايرودۇرۇم قۇرىدۇ!

شىنجاڭ ھەممىباب ئايرودرۇمىغا يەنە يېڭى ئەزا قوشۇلىدۇ

    4-ئاينىڭ 28-كۈنى

خەلق ئاۋىياتسىيە تورى ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا

شىنجاڭ قەشقەر مەكىت ھەممىباب ئايرودرۇمىنىڭ

ئورۇن تاللاش دوكلاتىنى باھالاش يىغىنى

4-ئاينىڭ 24-كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغان

    باھالاش يىغىنى ئارقىلىق، باھالاش گۇرۇپپىسى بىردەك مەكىت ھەممىباب ئايرودۇرۇمىنىڭ ئورنىنى بېكىتىش بويىچە، ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، مەكىت ناھىيەسى قۇمقۇسار يېزىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال شارائىتى بىرقەدەر ياخشى بولۇپ، A1 دەرىجىلىك ھەممىباب ئايرودۇرۇم قۇرۇش شارائىتىنى ھازىرلىغان، دەپ قارىغان.
    كېيىنكى قەدەمدە، لايىھەلىگۈچى ئورۇن باھالاش پىكرىگە ئاساسەن، ئايرودۇرۇمنىڭ ئورۇن تاللاش دوكلاتىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئورۇن تاللاش تەستىقىي جاۋابىنى بالدۇرراق قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ.
    ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشى مەكىت ناھىيەسىنىڭ جەمئىيەت، ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ساياھەتچىلىكنىڭ تېز سۈرئەتتە ياخشىلىنىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، پۈتۈن رايون ساياھەت كەسپى سىستېمىسى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە رېئال ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

يېشىل رەڭ مەكىت ناھىيەسىنىڭ ئەڭ يارقىن ئاساسىي رەڭگىگە ئايلانماقتا.

مەنبە: مەكىت ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

    مەكىت ناھىيەسى شىنجاڭنىڭ غەربىي جەنۇبىغا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 10 مىڭ 900 كىۋادرات كىلومېتىر، جەنۇبتا قاغىلىق ناھىيەسى بىلەن قوشنا، غەربتە يەكەن ناھىيەسىگە تۇتىشىدۇ، شىمالدا يەكەن دەرياسى ئارقىلىق مارالبېشى ناھىيەسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، شەرقتە تەكلىماكان قۇملۇقى ئارقىلىق خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ، مەركىزىي شەھەر − ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان تاشيول مۇساپىسى 1410 كىلومېتىر، قەشقەر شەھىرىگە 140 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، يەكەن دەرياسى ۋادىسىدىكى بەش ناھىيەنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى مۇھىم تۈگۈن شەھەر ۋە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم رايون. مەكىت ناھىيەسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قۇملۇق ئارىسىغا قىستۇرۇلغان بىردىنبىر ناھىيە، شۇنداقلا دۇنياغا داڭلىق دولان يۇرتى، ئىسمى-جىسمىغا لايىق چىلان ماكانى، مەنزىرىسى گۈزەل ساياھەت شەھەرچىسى.

ئىشچى مەكىت ناھىيەسى چىلانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ چۇاڭجىن مېۋىچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سېخىدا چىلان پىششىقلىماقتا (ماتېرىيال سۈرەت).

جاڭ جيەنجۈن فوتوسى

خەۋەر قىلىنىشىچە

شىنجاڭدا ھازىر قۇرۇلغان ھەم ئىسپات ئېلىنغان A1 تۈردىكى ھەممىباب ئايرودۇرۇمدىن ئىككىسى

ئىشلىتىلىۋاتقان B تۈردىكى ھەممىباب ئايرودۇرۇمدىن 11ى

ئىشلىتىلىۋاتقان تىك ئۇچار ئايروپىلان ئايرودۇرۇمىدىن 4ى بار ئىكەن

2022-يىلى 5-ئايدا، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن A1 تۈردىكى ھەممىباب ئايرودۇرۇم ئورقۇ ھەممىباب ئايرودۇرۇمىدا تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچقان نەق مەيدان.

سۈي ۋېنجۈەن فوتوسى

قۇرۇلۇۋاتقان A1 تۈردىكى ھەممىباب ئايرودۇرۇمدىن ئىككىسى بار بولۇپ

ئۇلار قاغىلىق ھەممىباب ئايرودۇرۇمى، ئارشاڭ ھەممىباب ئايرودۇرۇمىدىن ئىبارەت

پىلاندا لايىھەلەنگەن تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ئۇچۇش مۇلازىمەت پونكىتىدىن ئۈچى بار بولۇپ

ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالتاي، قاراماي، چەرچەندە

جىڭ، چىرا ھەممىباب ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشلىرىدا

ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەت تېز قانات يايدۇرۇلماقتا

مەنبە: ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى، خەلق ئاۋىئاتسىيەسى تورى ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرى، مەكىت نۆل ئارىلىق ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.