«1ـ ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قاتناش ـ تىرانسپورت، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى، ئادەم توپلاشقان جايلار قاتارلىق ئاممىغا چېتىلىدىغان رايونلارنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپ ـ خەتىرى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئاممىنىڭ ساياھەتكە چىقىشى بىرقەدەر مەركەزلەشكەن. بۇ بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىلىرىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.
«1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى
1. بىخەتەر سەپەرگە چىقىشتا
ھاۋارايى، يول ئەھۋالىغا ئالدىن دىققەت قىلىپ، مۇساپىنى مۇۋاپىق پىلانلاڭ. پۈتۈن مۇساپىدىكى بارلىق خادىملار بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاڭ. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش يولىنى ئىگىلىۋالماڭ. ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلماڭ. يۈك ئاپتوموبىلى، تىراكتور ۋە ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت ھەيدىگەندە، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئادەم سالماڭ. نورمىدىن ئارتۇق يولۇچى سالىدىغان يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، «قارا ماشىنا»غا ئولتۇرۇشقا قەتئىي قارشى تۇرۇڭ.
2. كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، خەتەردىن ساقلىنىشتا
مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى ئېلان قىلغان ھۆل - يېغىن، كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى قاتارلىق ئالدىن مەلۇمات ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان قىيان، لاتقا - شېغىللىق ئېقىن، تاش چۈشۈش قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەت ۋە شەھەر ئىچىدىكى ھۆلچىلىك ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىڭ. ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايى كۆرۈلگەندە، ئامال بار سىرتقا چىقماڭ. خەۋپ - خەتەردىن جىددىي ساقلىنىشتىكى مۇناسىپ بىلىملەرنى ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىنىڭ ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنى بىلىۋېلىڭ.
3. كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى ئوينىغاندا
پىرقىرىما، دومىلاش تۈرىدىكى كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىگە ئولتۇرغىنىڭىزدا، يېنىڭىزدا ئېلىپ يۈرىدىغان نەرسىلەرنى چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئېلىۋېتىڭ. ئەگەر، ئۈسكۈنە توختاپ قېلىپ بوشلۇقتا ئېسىلىپ قالسىڭىز ياكى ئۈسكۈنىدىن چىقالماي ئايرىلالماي قالسىڭىز، تەمكىن بولۇپ، قۇتقۇزۇشنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈڭ. ئاتا - ئانىلار بالىلارغا ياخشى قاراڭ، بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتى قۇرۇلمىسىنى توغرا تاقىغان - تاقىمىغانلىقىنى تەكشۈرۈڭ. بوران قاتارلىق ناچار ھاۋارايىدا، سىرتتا گاز قاچىلانغان قەلئەدە ئوينىماسلىق لازىم.
4. مەنزىرە رايوندىكى بىخەتەرلىك
ئەينەك ئاسما يول، ئاسما كۆۋرۈك، يۇقىرى بوشلۇقتىكى سىيرىلما يول قاتارلىق توردا ئالقىشلانغان ئويۇن تۈرلىرىدىكى خەۋپ - خەتەردىن ھوشيار بولۇڭ. ساياھەتچىلەرگە ئېچىلمىغان دەريا - دېڭىز ساھىللىرى، «قارا» مەنزىرە نۇقتىسى قاتارلىق جايلاردا ئوينىماڭ. سۇ ئۈستى ھەرىكىتىدە قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ياخشى تاقاڭ. بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى، قۇتقۇزۇش خادىملىرى يوق سۇ رايونىغا بېرىپ سۇ ئۈزمەڭ. پىيادە مېڭىپ تىك يەر شەكلىدىن ئۆتكەندە، تېيىلىپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ. يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا، خەتەرلىك بۆلەكلەردە سۈرەتكە چۈشمەڭ، سۈرەتكە تارتماڭ، سۈرەتكە تارتقاندا ئارقا تەرىپىڭىزگە دىققەت قىلىڭ.
5. كەچلىك بازارلاردىكى مەززىلىك تائاملار كوچىسىدا
بىخەتەر چىقىش ئېغىزىدا يايما يايماڭ، توكنى ئۆز مەيلىڭىزچە، قالايمىقان تارتىپ ئۇلىماڭ. ئاشخانىدىن چىققان ئەخلەتلەرنى كۆيدۈرمەڭ، ئوتنىڭ يېنىغا يېنىشچان ماددىلارنى قويماڭ. سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز تۇڭىنى پات - پات تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ، ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرىنى تولۇق تەييارلاڭ. قۇتقۇزۇش يولىنى توسۇۋالماڭ، تاماكا قالدۇقىنى قالايمىقان تاشلىماڭ. ئەخلەتلەرنى تازىلاڭ، توك مەنبەسىنى ئېتىۋېتىڭ، بىخەتەرلىكنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاڭ.
6. ئادەم توپلاشقان سورۇنلاردا
بىخەتەر چىقىش ئېغىزىنى كۆزىتىڭ، ئەگەر تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، جاننى قۇتۇلدۇرۇش يولىنى تاللاڭ، لىفىتقا چىقماڭ. بىخەتەرلىك ئەسكەرتىشىگە بويسۇنۇپ، ئامال بار كىشىلەر توپىدىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇڭ، تاماشا كۆرمەڭ، توپلىشىۋالماڭ. ئادەم ئېقىمى ئارىسىدا توختاپ قالماڭ، تەتۈر يۆنىلىشتە ماڭماڭ، يەڭگىللىك بىلەن ئاياغنى كۆتۈرۈۋالماڭ، ئېگىلىپ يەردىن نەرسە تېرىدىغان، ئاياغ بوغقۇچىنى چىگىدىغان ھەرىكەتلەردە بولماڭ. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشسىڭىز، ئىككى تىزىڭىزنى ئالدىغا ئېگىپ يانچە يېتىپ كۆكرىكىڭىز ۋە قورسىقىڭىزنى، ئىككى قولىڭىزنى گىرەلەشتۈرۈپ ئىككى جەينەكنى ئالدىغا قارىتىپ بېشىڭىزنى قوغداڭ.
7. ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا
ئورمان رايونى، يايلاقلاردا ساياھەت قىلغاندا، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بەلگىلىمىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىڭ. تاغقا ئوت ئېلىپ كىرمەڭ، دالىدا ئوت قالاپ ئىسسىنماڭ، ئورمان رايونىدا تاماكا چەكمەڭ، دالا تامىقى يېمەڭ، پوجاڭزا ئاتماڭ.
8. كېمىدە ئولتۇرۇش بىخەتەرلىكى
مۇنتىزىم كېچىك كېمىسى ياكى يولۇچىلار كېمىسىگە ئولتۇرۇڭ، نورمىدىن ئارتۇق يۈك باسقان ياكى ئادەم بىلەن يۈك ئارىلىشىپ كەتكەن كېمىگە ئولتۇرماڭ. كېمىنىڭ قىيسىيىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كېمىنىڭ بىر تەرىپىدە قىستىلىشىپ ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىڭ. قولىڭىزنى، پۇتىڭىزنى كېمە سىرتىغا چىقىرىپ سۇ ئوينىماڭ، كېمىدە قوغلىشىپ ئوينىماڭ. ناچار ھاۋارايىغا يولۇققاندا، كېمىگە ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىڭ. كېمىگە چىقىش - چۈشۈشتە قىستاشماڭ، تالاشماڭ. خەتەرلىك بۇيۇم، توشۇش چەكلەنگەن بۇيۇملارنى كېمىگە ئېلىپ چىقماڭ.
9. ئېگىز ئىمارەتلەردە
ئېگىز قەۋەتلىك پۇقراۋى ئىمارەتلەرنىڭ ئاممىۋى كارىدورى، تارقاقلاشتۇرۇش يولى، پەلەمپەي ئارىلىقى، بىخەتەر چىقىش ئېغىزىغا توكلۇق ۋېلىسپىت توختىتىش ياكى توكلۇق ۋېلىسپىتكە توك قاچىلاش مەنئى قىلىنىدۇ. تارقاقلاشتۇرۇش يولى، بىخەتەر چىقىش ئېغىزى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ. ناۋادا ئېگىز ئىمارەتتە ئوت ئاپىتى يۈزبېرىش ئەھۋالىغا يولۇقسىڭىز، تەمكىن بولۇڭ، مال - مۈلۈككە بېرىلمەڭ، لىفىتقا ئولتۇرماڭ، قېچىپ جاننى قۇتۇلدۇرۇشتا قارىغۇلارچە ئىش كۆرمەڭ.