5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە، 2024-يىللىق شىنجاڭ «1-ماي» خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە «ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان ھەيدەش تېخنىكىسى كەلگۈسى تۇرمۇشنى يورۇتىدۇ» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، 60تىن ئارتۇق داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىل، مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل تىپى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.
ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدا يەنە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئېلان قىلىش يىغىنى، سىناپ ھەيدەپ بېقىش، ئاپتوموبىل مەدەنىيىتى ھەمتۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىستېمالچىلارنى ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلارنى چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
2023-يىللىق شىنجاڭ «1-ماي» خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى نەق مەيدانى (ماتېرىيال سۈرەت).
مەنبە: مىدۇڭ رايونلۇق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
بۇ يىل، دۆلىتىمىزنىڭ ئاپتوموبىل بازىرىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. يېقىندا، گوۋۇيۈەن بېسىپ تارقاتقان «كەڭ كۆلەملىك ئۈسكۈنە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ھەرىكەت لايىھەسى»دە، ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئوبوروتتىكى توسۇق نۇقتىلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ئاپتوموبىللاردا پەلەمپەيسىمان ئىستېمال قىلىش ۋە يېڭىلاپ ئىستېمال قىلىش ئالغا سىلجىتىلدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى كونا ئاپتوموبىلنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يۈرۈشلۈك ئاپتوموبىل سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش كارخانىلىرىنىڭ پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ سېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە مەدەت بەردى. ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە نەق پۇل ئېتىبارى، پۇل مۇئامىلە ياردەم تولۇقلىمىسى، ئالماشتۇرۇش ئېتىبارى قاتارلىق كۆپ خىل ئېتىبارلار بېرىلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ «1-ماي» خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى ئۇدا 12 يىل ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، زاۋۇتلار يېتەكچى بولۇپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاپتوموبىل سېتىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىستېمال ئىچكى ئېھتىياجىنى قوزغىتىش، ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىماقتا.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى