تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش

− ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى دىڭ شياۋشى، ۋاڭ زىمىڭ، ۋاڭ مىڭيۈ

پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى. كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئىنتىزام ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەۋىلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە نىزامى، پارتىيە ئىنتىزامى ئارقىلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى توغرىلاپ، خىسلىتىنى تاۋلاپ، توغرا كەيپىياتنى چىڭىتىپ ۋە يېتىلدۈرۈپ، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش

ئىنتىزام − پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى «ئۆلچەم»، شۇنداقلا پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۆز ھەرىكىتىگە چەك قويۇشىدىكى ئۆلچەم ۋە قوللانما.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى قىلىپ، ئۇنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە نىزامى، پارتىيە ئىنتىزامى ئېڭى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ يىل 1 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ يۈكسەك غايە ـ ئىنتىلىشىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك»؛

1 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە دوكلاتى ۋە باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى قاراپ چىققاندا، مۇنداق تەلەپ قىلدى: «ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزلىك ئىنتىزام تەربىيەسىنى تەشكىللەپ ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك»؛

3 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ 2024 ـ يىلى ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىلىق ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىنتىزام ۋە قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، پاكلىق خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، ئىنتىزام، قانۇن ۋە قائىدىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىش كېرەك»؛

3 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، خۇنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە قارىتا مۇنداق ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: «پارتىيەلىك كادىرلارنى ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشقا يېتەكلەپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ توغرا ھوقۇق قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىشى، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىشى، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىشى، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى پۈتۈن پارتىيەنى قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشقا يېتەكلىدى، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تېز سۈرئەتتە قانات يايدۇرۇلدى.

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» توغرىسىدا كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ «ئىنتىزام قىسمى» بولۇپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، نىزامنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىنتىزام ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەۋىلىك ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىدىيە ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىكى باشلامچىلاردىن، قائىدە ـ ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشتىكى ئۈلگىلەردىن بولۇش كېرەك.

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى بىرىنچى ۋاقىتتا بۆلۈم ئىشلىرى ھەيئىتى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك.

«ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىش، <ئىككىنى تىكلەش>نى سادىقلىق بىلەن ھىمايە قىلىش، <ئىككىنى قوغداش>نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى رېئال سىناق قىلىش، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىش كېرەك.» شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى مۇنداق تەلەپ قىلدى: پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، تىرىشىپ ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش قويۇق كەيپىياتى يارىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتتە باشلاش، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مۇنداق تەلەپ قىلدى: پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇش ۋە پارتىيە ئىنتىزامىغا سەل قاراش، پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنىڭ خەۋپىگە بولغان تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگاننى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.

ئىنتىزام قاتتىق بولسا پاك بولغىلى بولىدۇ، پاك بولسا مەقسەت بىردەك بولىدۇ، مەقسەت بىردەك بولسا ئىش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار مۇنداق ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئارقىلىق سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىقنى بىلىپ، قىل دېگەننى قىلىپ، قىلما دېگەننى قىلماي، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ئىنتىزامنى ئۆگىنىپ، ئىنتىزامنى بىلىپ، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈش

ئىنتىزامنى ئۆگىنىش ئىنتىزامنى بىلىشنىڭ ئاساسى، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.

ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى نىشان ـ تەلەپلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئۆگىنىش مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى نىزامنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيە ئىنتىزامى، قائىدىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نېمىنى قىلسا بولىدىغانلىقىنى، نېمىنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ، باشتىن ـ ئاخىر سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا تەربىيەلىشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك.

− ئەينەن ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، نىزامنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش

«پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى باشلانغاندىن كېيىن، بىز دەرھال دىققەتنى پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيەسىنى دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، دەرسلىككە كىرگۈزۈش، كاللىغا كىرگۈزۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، دەرس تەسىس قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرسلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەكتىپى خاسلىقىغا ئىگە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردۇق» دېدى خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى ئىلمىي سوتسىيالىزم ئوقۇتۇش ـ تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى لى تاۋ.

خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى ئوقۇتقۇچىلارنى مەخسۇس تېمىلىق چۈشەندۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نەق مەيداندا ئوقۇتۇش، مىساللارنى ئانالىز قىلىش، مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كۇرسانتلارنىڭ نىزامنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، مۇھىم مەزمۇنى ۋە بەلگىلىمە تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، دەل جايىدا ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىپ، ھەم سۆزنى چۈشىنىش، ھەم مەنىسىنى چۈشىنىش، ھەم ئىشنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى چۈشىنىش، ھەم ماھىيىتىنى چۈشىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسىدا، كۇرسانتلار نىزامغا سېلىشتۇرۇپ مۇھىم نۇقتىلارنى سىزىپ، خاتىرە قالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىنى چىڭ كۆزلەپ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، كۆڭلىدە ئەيمىنىش، گەپ ـ سۆزدە ئېھتىيات قىلىش، ھەرىكىتىگە چەك قويۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئىنتىزام ـ قانۇن تەربىيەسى كۆچمە پونكىتى تەسىس قىلىش شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ نىزامنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى. كۆچمە پونكىت سۈرەت ۋە يېزىقنى كىرىشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، نىزامنى ئۆگىنىش بويىچە لېكسىيە سۆزلەشنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈپ، بەزى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى كۆڭلىگە پۈكمەسلىك، چۈشەنمەسلىك، ئىگىلىمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇش، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش، يالغۇز تۇرغاندا، كىچىك ئىشلاردا ئېھتىياتچان بولۇشىغا كۈچ قوشتى.

− ئىبىرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئەتراپتىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپتىكى كىشىلەرنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش

4 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، خەينەن ئۆلكىلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، دىڭئەن ناھىيەسىنىڭ سابىق ھاكىمى لى XXنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە چېتىشلىق دېلو توغرىسىدا خەينەن ئۆلكىلىك 1 ـ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە ئوچۇق سوت ئېچىلدى. ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئۆلكىلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى ۋە دىڭئەن ناھىيەسىدىكى 40تىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىرنى نەق مەيدانغا بېرىپ سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلاش، ئىبرەت تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشقا تەشكىللىدى.

سوت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار نەق مەيداندا ئىنتىزام ـ قانۇن تەربىيەسىگە ئائىت بىلىملەردىن مەخسۇس تېمىلىق دەرس ئۆتۈپ، دېلو ئەھۋالىغا بىرلەشتۇرۇپ ئالاقىدار ئىنتىزام ـ قانۇنلارنىڭ ماددىلىرىنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى.

ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى تارماقلىرى ئىجابىي جەھەتتىن يېتەكلەش بىلەن سەلبىي جەھەتتىن ئاگاھلاندۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى، پارتىيە گۇرۇپپىسى ئۆگىنىشى، ياشلار نەزەرىيە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى ئۆگىنىشى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قائىدە تۇرغۇزۇپ، كەيپىياتنى توغرىلاپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە پۇختا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بابمۇباب، ماددىمۇماددا ئۆگەندى، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگەندى، دېلو مىسالى ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈردى، تەربىيە ئارقىلىق ئۆگىنىشكە ياردەم بەردى، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئارقىلىق، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىنتىزام قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ـ ئۆزىنى چەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئىرادە، ئىنتىزام ئىرادىسى، ئەخلاق ئىرادىسى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ پارتىيە ئىنتىزامى، قانۇن ـ نىزاملارنى ئاڭلىق ھۆرمەت قىلغۇچىلاردىن، قەتئىي ئىجرا قىلغۇچىلاردىن، سادىق قوغدىغۇچىلاردىن بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى، ساپلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش

ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار «ھەقىقىي» بولۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، «قاتتىق» بولۇش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، «ئەمەلىي» بولۇش جەھەتتە كۈچەپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيە ئىنتىزامىنى قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش، ھەرىكىتىدە كۆرسىتىشكە تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.

تەدبىرلەرنى ئىنچىكلەشتۈرۈپ، پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش −

بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ھەردەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەت پىلانى تۈزۈشى، ۋەزىپە تىزىملىكىنى رەتلەپ چىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ «مەشغۇلات خەرىتىسى»نى شەكىللەندۈردى. شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) مەكتەپ دەرىجىلىك، مەكتەپ پارتىيە كومىتېتى بەنزىسى، پارتىيە ياچېيكىسى، ئاساسلىق كۇرستىكى كۇرسانتلاردىن ئىبارەت تۆت قاتلامدىن 27 تۈرلۈك ۋەزىپە تىزىملىكىنى شەكىللەندۈردى، تەلەپلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتتى.

گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتى مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، دۆلەت مۈلكىدىكى مەركەز كارخانىلىرىدىكى ھەردەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ھەم پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى ياخشى تۇتۇشنى، ھەم يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن كادىرلار، ياش كادىرلار، ئاچقۇچلۇق ئىش ئورنىدىكى كادىرلار قاتارلىق نۇقتىلىق ئوبيېكتلارغا قارىتىلغان ئىنتىزام جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى گەۋدىلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

بېيجىڭ سىفەن داشۆسى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىغا كۈچ چىقىرىپ، رەھبىرىي كادىرلار، ئادەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، نىشانلىق تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى قانات يايدۇردى، بۇنىڭ بىلەن پارتىيەلىك كادىرلار ئەيمىنىشنى بىلدى، سەگەك بولدى، تۆۋەن چەكنى ساقلىدى.

ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى كۆزلەپ، ئاساسىي كەسىپنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆگىنىش بىلەن خىزمەتنى، تەربىيە بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش −

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى نىزامنى ئۆگىنىشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئورگاندىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ بىلىشكە تېگىشلىك پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامى ۋە دۆلەت قانۇنى تىزىملىكىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، ئورگاننىڭ تۈرلۈك تۈزۈم، بەلگىلىمىلىرىنى كېڭەيتىپ ئۆگىنىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئەتراپلىق ئىگىلەش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىگىلەشنى ئىشقا ئاشۇردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنى قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا كۆڭۈل قويۇپ مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا گەۋدىلەندۈرۈشنى تەكىتلىدى.

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا سوت ئورگانلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام، قانۇننى چىڭىتىپ «دېلو» باشقۇرۇشنى «ئادەم» باشقۇرۇش، «مەھكىمە»نى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى قىلىپ، قاتتىق پارتىيە ئىنتىزامى ئارقىلىق سوت قىلىشنى باشقۇرۇش، قوشۇننى باشقۇرۇشنى پۇختىلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەلەپ قىلغان بەلگىلەنگەن ھەرىكەتلەرنى تەپتىش خىزمىتى ئەمەلىيىتى، تەپتىش قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتى، ئالىي تەپتىش ئورگان كادىرلىرى قوشۇنى ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ھەممىسىنى تەربىيەگە ئىگە قىلدى، ئومۇميۈزلۈك تەربىيەگە ئىگە قىلدى.

مەۋھۇم ئىش قىلماي، قۇرۇق نام قوغلاشماي، شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلەرنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش −

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى، تەسىرات ماقالىسى يېزىش قاتارلىقلارغا قاتتىق تەلەپ قويماسلىق، زۆرۈرىيىتى يوق شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق، «ئۆزى تاللىغان ھەرىكەت»نى خالىغانچە كۆپەيتمەسلىك، قاتلاممۇقاتلام يۈكلەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىكنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئىچكى قىسىمدىكى كۆزىتىش ـ تەكشۈرۈش ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى يىللىق باھالاش، پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش خىزمىتىدىن بەرگەن مەلۇماتىنى باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشتىكى ئاڭلىقلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىكى قەتئىيلىكنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر بولۇشى، پۇختا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

تونۇش يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، مۇھىم نۇقتا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈلدى، مەسئۇلىيەت يەنىمۇ چىڭىتىلدى.

پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، پۈتۈن پارتىيە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق ئىرادىنى مۇجەسسەملەپ، ئىستىلنى تاۋلاپ، قوشۇننى چېنىقتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز يېتەكلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.