تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ پاتېنتنى ئايلاندۇرۇشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قويۇپ بەردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن چۇنشياڭ

4 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە بولغان مەملىكەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىدە، شىنجاڭ شۆبە يىغىن مەيدانى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، بولۇپمۇ پاتېنتنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشتىكى يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى مەركەزلىك نامايان قىلدى. بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى يارىتىشتا مىقدار ۋە سۈپەتنىڭ تەڭ ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقى بېرىش مىقدارى 2160 بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %41.18 ئاشتى.

پاتېنتنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىدىغان مۇھىم ۋاسىتە، شۇنداقلا يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىدىغان مۇھىم تەدبىر. ئاپتونوم رايونىمىز پاتېنتنى ئايلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ ساقلانما پاتېنتنى ئېنىقلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پاتېنتنى كەسىپلەشتۈرۈش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

يولنى كېڭەيتىپ، كۆپ مەنبەلىك قوللاش

پاتېنتنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشتا، كەسىپ «ئاساسلىق جەڭ مەيدانى»، كارخانا «باش رولچى»، كارخانىلارنىڭ پاتېنتنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشتىكى توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئاچقۇچ.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى (بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى) بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى نيې چياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايون پاتېنتنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەخسۇس پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، پاتېنتنى يولغا قويۇش تۈرىنىڭ سۈپىتىنى مەنبەدىن ئىگىلىدى. بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز پاتېنتنى يولغا قويۇش تۈرىدىن 30نى تاللىدى، قوللاش مەبلىغى 7 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خۇاتەيلۇڭ خىمىيەلىك ياردەمچى قوشۇلمىلار چەكلىك شىركىتى ئۇدا ئىككى يىل ئاپتونوم رايوننىڭ پاتېنتنى ئايلاندۇرۇش تۈرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، شىركەت پەن - تېخنىكا تۈرى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خۇاڭ نىڭ مۇنداق دېدى: «شىركىتىمىزنىڭ ئىككى تۈرلۈك پاتېنت تېخنىكىسى 550 مىڭ يۈەن مەبلەغ مەدىتىگە ئېرىشتى، پاتېنت تېخنىكىسىنى بازار ئېھتىياجلىق مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرىمىز. يېقىنقى ئۈچ يىلدا پاتېنتنى تېخنىكىغا ئايلاندۇرۇشقا تايىنىپ، شىركىتىمىزنىڭ سېتىش كىرىمى 40 مىليون يۈەندىن ئاشتى».

ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىللىق پاتېنتنى يولغا قويۇش تۈرلىرىنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى باشلاندى، ئىلتىماس قىلىنغان تۈرلەردىن «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا يېقىنلىشىش تەلەپ قىلىنىپلا قالماي، تۈرىمۇ بىرلا خىل پاتېنتنى ئايلاندۇرۇش تۈرىدىن پاتېنتنى يۆتكەش، پاتېنتنى ئايلاندۇرۇش، پاتېنت يېتەكچىلىكىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە كۆپەيتىلىپ، پاتېنتنى يولغا قويۇش تۈرىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى بېيىتىلدى.

ئاپتونوم رايونىمىز «جىجياڭتۇڭ» قاتارلىق «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى + پۇل مۇئامىلە» رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پاتېنت نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى مەبلەغ مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش ۋە پاتېنت تېخنىكىسى بار بولسىمۇ تەرەققىيات مەبلىغى بولماسلىقتەك ئاغرىق نۇقتا مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

بۇ يىل 3 - ئايدا، شىنجاڭدىكى 14 تۈرلۈك كەشپىيات پاتېنتىغا ئىگە مەلۇم ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداش پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى كارخانىنىڭ كەشپىيات پاتېنتى ئارقىلىق بانكىدىن 4 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ، كارخانىنىڭ كۆچمە مەبلىغى قىس بولۇش قىيىنچىلىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلدى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلغان، پۈتۈن يىلدا 76 بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى رەنىگە قويۇپ تىزىملانغان، رەنە سوممىسى 1 مىليارد 153 مىليون يۈەن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە 62 پاتېنت ھوقۇقى رەنىگە قويۇلغان. 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خەۋپ - خەتەر تولۇقلىما پۇلى ئۈچۈن جەمئىي 10 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، 9 مىليارد 584 مىليون يۈەن رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سوممىسىنى قوزغىتىپ، جەمئىي 200دىن ئارتۇق كارخانىغا ياردەم قىلغان، يۆلىگەن.

ساقلانما پاتېنتنى رەتلەپ جانلاندۇرۇش

4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، مەملىكەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبە مەيدانى كۆرگەزمە رايونىدا، شىنجاڭ داشۆ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق زامانىۋى كەسىپ شۆيۈەنى (ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇشى شۆيۈەنى)نىڭ ئوقۇغۇچىسى لۈ كەي كۆرگۈچىلەرگە كوللېكتىپ تەتقىق قىلىپ ئاچقان ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاش ماشىنا ئادىمىنى نامايان قىلدى.

لۈ كەي تۇرۇشلۇق شىنجاڭ ئالاھىدە ماشىنا ئادەم ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى شىنجاڭ داشۆدىكى كۆپلىگەن تەتقىق قىلىپ ئېچىش كوللېكتىپىنىڭ بىرى. شىنجاڭ داشۆ «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشى تۈرىنى رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىستراتېگىيەسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈش ھەم رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆز خاسلىقىغا ئىگە پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۈنۈملۈك كەشپىيات پاتېنتىغا ئىگە بولۇش مىقدارى جەمئىي 8302 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى قىممەتتىكى كەشپىيات پاتېنتىغا ئىگە بولۇش مىقدارى 3314. ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى زور مىقداردىكى پاتېنتقا ئىگە بولۇپ، ئاساسىي ئەھۋالنى ئۈزۈل - كېسىل ئېنىقلاپ، رەتلەپ چىقىپ، ساقلانما پاتېنتنى جانلاندۇرۇش پاتېنتنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى.

نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ داشۆ بۇلتۇر يىل بېشىدا تېخنىكىنى پاي قىلىپ قوشۇشنى باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ مەكتەپتىكى پىروفېسسور جوۋ جيەنپىڭ ھەم ئۇنىڭ كوللېكتىپى ئۆزى تەتقىق قىلىپ ئاچقان ئون تۈرلۈك پاتېنتنى پەن - تېخنىكا نەتىجىسى، تېخنىكىنى باھا قويۇپ پاي قوشۇش شەكلى بىلەن جياڭسۇ جىنخۇ ئاۋىياتسىيە پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىپ، شىركەتنىڭ يېڭى پايچىكى بولۇپ قالدى. «بۇ، مەكتىپىمىزنىڭ تېخنىكىنى پاي قىلىپ قوشۇشتىكى تۇنجى ئەمەلىيلەشكەن تۈر بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدىمۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش ھېسابلىنىدۇ» دېدى شىنجاڭ داشۆ پەن - تېخنىكا باشقارمىسى نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تاڭ جۈنخۇ.

توردا ۋە تور سىرتىدا دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇش

ئۇزاقتىن بۇيان، پاتېنتنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇش جەھەتتە، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشى قىيىن بولۇش ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تېخنىكىغا ئېرىشىشى قىيىن بولۇشتىن ئىبارەت «ئىككى قىيىن بولۇش» مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.

نيې چياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونىمىز تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجدىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىن كۈچەپ، مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن كارخانىلار ئارىسىدىكى ئۇچۇر بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پاتېنتنى كەسىپلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتتى.

پاتېنتنى ئېچىۋېتىش ئىجازىتى پاتېنتنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز پاتېنتنى ئېچىۋېتىش ئىجازىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ يولغا قويۇپ، تۇنجى تۈركۈمدە يەتتە پاتېنتنى ئېچىۋېتىش ئىجازىتى تۈرىنى ئېلان قىلدى، بۇ تۈرلەر تېببىي دورا تېخنىكىسى، مېتال بۇيۇملار تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

بىرنەچچە ئايدىن كېيىن، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا ئۆزىنىڭ «قارىقات ئۇرۇقىنى پىششىقلاش ئۇسۇلى» كەشپىيات پاتېنتى توغرىسىدا شىنجاڭ جيالۇن بىيوتېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭدىكى تۇنجى پاتېنتنى ئېچىۋېتىش ئىجازىتى سودا توختامى ئىمزالىدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا پاتېنتنى ئېچىۋېتىش ئىجازىتى ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

شىنجاڭ جيالۇن بىيوتېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى جاۋ شېڭجۈن مۇنداق بىلدۈردى: سودىنىڭ پۈتۈشى بىلەن شىركەت بىيوتېببىي دورا ساھەسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ قارىقات ئۇرۇقىنى پىششىقلاش تېخنىكىسى جەھەتتىكى پۇرسەتنى ئىگىلىدى.

بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى رەسمىي تورغا چىقىرىلغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تىجارەت مۇلازىمەت سۇپىسى (www.wlmqip.com) تۈرلۈك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، كارخانا، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مۇتەخەسسىسلىرى ئارىسىدا كۆۋرۈك بەرپا قىلىپ، تور + تور سىرتى ئۆزئارا تىرەك بولىدىغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تىجارەت مۇلازىمىتى يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ پاتېنت تېخنىكىسىنى «پۇلغا ئايلاندۇردى».

«تىجارەت مۇلازىمەت سۇپىسى ئارقىلىق، شىركىتىمىز تۈجۈپىلەشكەن، كەسىپلەشكەن، ئومۇميۈزلۈك بولغان پاتېنتنى يۆتكەپ ئايلاندۇرۇش تېخنىكا مەدىتى ۋە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدى، كارخانىنىڭ پاتېنت ئىلتىماس قىلىشى ۋە ئايلاندۇرۇشى تېخىمۇ ئاسانلاشتى ھەم قولايلاشتى.» ئۈرۈمچى مۇيى ليەنخۇا بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ خۇاليەن مۇنداق دېدى: 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى شىركەتكە يۆتكەلگەن «بىر خىل مىكرو ئورگانىزملىق ئورگانىك ئوغۇت ھەم ئۇنى تەييارلاش ئۇسۇلى» پاتېنت تېخنىكىسى نۆۋەتتە ئايلاندۇرۇپ قوللىنىلماقتا، كارخانىمىزنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 10 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.