تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى

سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك

ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ ئۆگىنىشكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئۆزلەشتۈرۈلدى، ئىدىيەۋى تونۇش بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، يۆنىلىش، ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ كۆلەمدە قوغداش، كەڭ ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشتە تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ۋە نەتىجە يارىتىش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى باشتىن - ئاخىر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى بىۋاسىتە يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا يول باشلاپ يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلدى، تۈرتكە بولدى. باش شۇجى چۇڭچىڭدا يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، كەڭ كۆلەمدە قوغداش، كەڭ ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەكىللەندۈرۈشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنى ئالغا سىلجىتىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىمىز، يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل شارائىتى، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كەڭ كۆلەمدە قوغداش، كەڭ ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كەم - كوتسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى سىجىل يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش كېرەك. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش، ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، نېفىت - تەبىئىي گاز جەھەتتە زاپاسنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ۋە «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەش ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق، ئېنېرگىيە ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك. ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشى قاتارلىق رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە ماسلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان چوڭقۇر قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى، غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەر ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكى، رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئۈزلۈكسىز ئايلاندۇرۇپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى چىقىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي قوغداپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئارىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «مۇقىملىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش»تە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ياخشى قىلىپ، مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، قاتناش - تىرانسپورت قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى ئەلالاشتۇرۇش، تەڭشەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە كەسپىدە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، چېن مىڭگو، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى قاتارلىقلار كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.