تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە كۆزىتىشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان ۋە چۇڭچىڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى ۋە بىرلەشمە يىغىنلارنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش ۋە كۆزىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش»تىن ئىبارەت مۇھىم تەلەپنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، بىزگە تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، بىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئۈستۈنلۈك شارائىتى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە قويۇپ، كەڭ كۆلەمدە قوغداش، كەڭ ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتا تېخىمۇ زور رولنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۆھپىسى قوشۇش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا سىڭىشىشنى تېزلىتىش كېرەك. تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىش مەسىلىسىنى قەتئىي ھەل قىلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، دۆلەت ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى، بىرلەشمە يىغىنىنى ئەلالاشتۇرۇش، تەڭشەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى ۋە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى ۋە بىرلەشمە يىغىن مېخانىزمىنىڭ كۆلىمى، مىقدارىنى تىزگىنلەش تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت تەرتىپى ۋە قائىدىسىنى ئىلمىي تۈزۈپ چىقىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى ۋە بىرلەشمە يىغىن مېخانىزمىنى تەسىس قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئىلمىي، يۈرۈشۈشىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، باشقۇرۇشنىڭ تېخىمۇ قېلىپلاشقان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ 2024 - يىللىق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى مۇھاكىمە قىلىندى، مۇزاكىرە قىلىندى ۋە مۇنداق تەكىتلەندى: دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى شىنجاڭ خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە قويۇپ سىستېمىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپى، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشى، زامانىۋى مەدەنىيلىك يېتىلدۈرۈش، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاچقۇچلۇق نۇقتىلارنى دەل جايىدا تېپىپ سىجىل كۈچەپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شەكىلۋازلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئوبراز قۇرۇلۇشى، سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشىدىن ساقلىنىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يىغىندا كۈسەن بۆلەك رايونىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ۋە ئالاقىدار لايىھە توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇنداق تەكىتلەندى: كۈسەن بۆلەك رايونىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئۇنى شىنجاڭنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى قىلىپ، تۈرلەرنىڭ يۈرۈشۈشىنى باشقۇرۇش ۋە مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ سىجىل كۈچەپ، كۈسەن مەدەنىيىتى ۋە غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى قاتارلىق خارابىلىكلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان مول ئىچكى خاس مەزمۇن ۋە كۆپ قاتلاملىق قىممەتنى چوڭقۇر قېزىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قېزىپ قوغداش، تەتقىق قىلىپ چۈشەندۈرۈش، جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەتكە تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەشكە ئالاقىدار خىزمەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى، ئاپتونوم رايوننىڭ بەرپا قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە باھالاپ تەقدىرلەش پائالىيەتلىرىنى ئېنىقلاش، ئەلالاشتۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىگە ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، ئېنىقلاش، ئەلالاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوندىكى بەرپا قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە باھالاپ تەقدىرلەش پائالىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇرۇپ ۋە ئېنىقلاپ، مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى كەسكىن سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مەسىلە تىزىملىكى، ۋەزىپە تىزىملىكى، مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش، ئۈزۈل - كېسىل تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ ساھەسىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەر ۋە قايتا - قايتا يۈزبېرىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. نەتىجىلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆزىتىشتە بايقالغان مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كۆزىتىش ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆزىتىش ئارقىلىق قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆزىتىش ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.