تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش بىر تۈرلۈك ئەسىر قۇرۇلۇشى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چۇڭچىڭدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى ھەم يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□ خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، لى زېڭخۇي، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي

4 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، چۇڭچىڭ. بىر مەيدان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، بىر قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىدا، دىققەت يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇشقا ئورتاق مەركەزلەشتۈرۈلدى. نۇقتىدىن دائىرىگىچە پىلانلاندى، دائىرىدىن نۇقتىغىچە كۈچ سەرپ قىلىندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا، چۇڭچىڭنىڭ ئەشيا ئوبوروتى باغچە رايونىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئېچىۋېتىشنى كۆزدە تۇتتى؛ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپ تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى پىلانلىدى؛ مەھەللە، «شەھەر چوڭ مېڭىسى»گە بېرىپ، شەھەرنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى يولى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزدى. ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، شەھەرنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتىن ئىبارەت بۇ دۆلەت ئىستراتېگىيەسى سەۋەبلىك غايەت زور ئۆزگىرىش بولغانىدى.

بۇ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش باش تېمىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىشى، شۇنداقلا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن 8 - قېتىم ئاچقان رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا دائىر مەخسۇس تېمىلىق يىغىن. چۆل - باياۋانلار، قارلىق ئېگىزلىكلەر، ھەيۋەتلىك تاغلار، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريالار... ئۇزاقتىن بۇيان، دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان غەربىي قىسىم رايونلارغا باش شۇجى نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا چوڭقۇر ھېسسىيات ۋە ئۈمىد مۇجەسسەملەنگەن:

«غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش بىر تۈرلۈك ئەسىر قۇرۇلۇشى. بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، داۋاملىق تۈردە قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋامىدا غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك!»

بىر ئېچىۋېتىش يولى

«كەڭ كۆلەمدە قوغداش، كەڭ ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەكىللەندۈرۈش كېرەك»

ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش زېمىنى كەڭ، تەرەققىيات سەۋىيەسى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. 40 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلى شەرقىي قىسىم ۋە جەنۇبتىكى دېڭىز بويلىرىنى ياشارتتى، غەربىي قىسىممۇ تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئىنتىزار بولدى.

ئەندىزە پىكىر يولىنى بەلگىلەيدۇ. 2013 - يىلى كۈزدە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، غەربىي قىسىم رايونلاردىمۇ بۇنىڭ بىلەن يېڭى تەرەققىيات پوتېنسىيال ئېنېرگىيەسى جۇش ئۇردى.

چۇڭچىڭ غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىۋېتىشنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكشۈرۈشتە بولغان تۇنجى بېكىتىدە، چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈن باغچە رايونىغا كىردى.

باغچە رايونى ئىچىدىكى غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولى چۇڭچىڭ سۇسىز پورت تىجارەت ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزى. چوڭ ئېكراندىكى خەرىتىدە، چۇڭچىڭ كوردىنات نۇقتىسى قىلىنىپ، دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان «چوڭ تومۇر» سىزىپ چىقىلغانىدى: غەربتە، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بىۋاسىتە ياۋروپاغا يېتىپ باراتتى؛ شىمالدا، «چۇڭچىڭ - مەنجوۋلى - رۇسىيە» تۆمۈر يولى جەنۇب - شىمالنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتتى؛ شەرقتە، چاڭجياڭ دەرياسى ئالتۇن سۇ يولى ئوتتۇرا قىسىم رايونلار بىلەن چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسىنى تۇتاشتۇردى؛ جەنۇبتا، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولى تاغ - دېڭىزدىن ھالقىپ ئۆتتى.

غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولى باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا تەكشۈرۈشتە بولغاندا كۆپ قېتىم كۆڭۈل بۆلگەن سودا لىنىيەسى. «بۇ يولنىڭ قانداق تەننەرخ ئەۋزەللىكى بار؟ ئۈنۈمى قانداق؟» «يول بويى يەنە قانداق توسالغۇلار بار؟» نەق مەيداندا باش شۇجى تەپسىلىي سورىدى.

«چۇڭچىڭدىن گۇاڭشى چىنجوۋغا بېرىپ، ئاندىن مالاككا بوغۇزىدىن ئۆتكەندە، چاڭجياڭ دەرياسى ئالتۇن سۇ يولىنى بويلاپ شەرقىي قىسىم دېڭىز بويى ئارقىلىق ئاندىن جەنۇبقا بارغانغا سېلىشتۇرغاندا ئون نەچچە كۈن، ھەتتا 20 كۈن تېجەپ قالغىلى بولىدۇ».

يەنە بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات كىشىنى ھاياجانغا سالدى. چۇڭچىڭدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداش مۇنداق تونۇشتۇردى: «غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولى 121 دۆلەت ۋە رايوندىكى 503 پورتنى قاپلىدى، 2023 - يىلى <يېڭى ئۈچ خىل> مەھسۇلاتنىڭ ئېكسپورت سوممىسى 8 مىليارد 820 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشتى».

كۆپ يىلدىن بۇيان، غەربىي جەنۇبتىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ تاغ مەھسۇلاتلىرى، يەرلىك مەھسۇلاتلىرى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيىگە ئەگىشىپ تۆۋەن ئېقىنغا يېتىپ باردى، شەرقىي جەنۇبنىڭ رەخت، پاختا يىپلىرى جاراڭلىق چۇەنجياڭ ناخشىسىغا جور بولۇپ يۇقىرى ئېقىنغا يېتىپ باردى. بۈگۈنكى كۈندە، تۆمۈر يول، تاشيول، ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ھەممە تەرەپكە تۇتاشتى، چۇڭچىڭنىڭ تەرەققىياتىمۇ جۇڭگونىڭ، ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ، دۇنيانىڭ نەزەر دائىرىسىگە قويۇپ ئويلىشىلىدۇ.

«ئەشيا ئوبوروتى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ <تومۇرى>. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر تەسىرات بىلەن مۇنداق دېدى: «غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولىنى قۇرۇش، <قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئىچكى - تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب قوش يۆنىلىشتە ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان> سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ بەلگە خاراكتېرلىك تۈرنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، غەربىي قىسىم بىلەن ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلارنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، گىرەلىشىپ تورلاشقان تۈگۈن شەكىللەندۈرۈش كېرەك».

باغچە رايونىدا، چۇڭچىڭ تۆمۈريول يۈك ساندۇقى مەركىزى ۋوگزالى كېچە - كۈندۈز توختىماي يۈرۈشۈپ تۇراتتى. ئىلگىرى بۇ يەر كۆزگە چېلىقمايدىغان كىچىك ۋوگزال ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ۋە غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولى سەۋەبىدىن دۇنيا بىلەن تۇتاشتى. رېلىس، پويىز، يۈك ساندۇقى ئارقىلىق دۆلەت ئىچى بازىرى بىلەن خەلقئارا بازار، جۇڭگو ئىقتىسادى بىلەن دۇنيا ئىقتىسادى چوڭقۇر يۇغۇرۇلدى.

ئون يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ گېرمانىيەنىڭ دۇيىسبۇرگتا ئەڭ ئاۋۋال قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بولغان «چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا» ناملىق پويىزنىڭ كۈچلۈك تىرانسپورت كۈچىگە گۇۋاھ بولغانىدى. پويىز دەل چۇڭچىڭدىكى بۇ ۋوگزالدىن يولغا چىقىپ، غەربكە، يەنە غەربكە قاراپ مېڭىپ، تاغلاردىن ھالقىدى، چۆللۈكلەرنى كېسىپ ئۆتتى، چېگرادىن ئۆتتى، قەدىمىي يىپەك يولى قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غەربىي قىسىمنىڭ قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولىدىكى «دوستلار چەمبىرىكى» ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. غەربىي قىسىم رايونلار ئەتراپتىكى 13 دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، چېگرا لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 18 مىڭ كىلومېتىردىن كۆپرەككە يېتىدۇ. جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلەش، شىمال بىلەن تۇتىشىش، شەرق بىلەن يۇغۇرۇلۇش، غەرب بىلەن بىرلىشىش قانداقمۇ چۇڭچىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالسۇن؟ سۆھبەت يىغىنىدا، ھەربىر ئۆلكە ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى: شەنشىدە، بۇلتۇر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى %178 ئاشتى؛ شىنجاڭدا، بۇلتۇر تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى %45.9 ئاشتى؛ گۇاڭشى بېيبۇۋەن قولتۇقى ئارقىلىق «11 دۆلەت بىلەن قولتۇقلاشتى»، پىڭلۇ قانىلى قۇرۇلۇشى قاينام - تاشقىنلىق ئىلكىدە ئېلىپ بېرىلماقتا، پۈتكەندىن كېيىن غەربىي جەنۇب رايونىدىكى ئەڭ قولايلىق سۇ تىرانسپورتى دېڭىزغا چىقىش يولىغا ئايلىنىدۇ.

يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى، پويىز شوپۇرى، قاچىلاش - چۈشۈرۈش ئىشچىسى، يەنە مەيدان - ۋوگزال باشقۇرغۇچىسى باش شۇجىغا بەس - بەستە مۇنداق دېدى:

«ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئاساسلىق ماللار ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتلاردىن <يېڭى ئۈچ خىل> مەھسۇلاتقا ئۆزگەردى»؛

«چۇڭچىڭدا ياسالغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ چەت ئەللەردە سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى بولدى»؛

«قايتىش سەپىرىدە قۇرۇق ساندۇق نىسبىتى تۆۋەنلىدى، چەت ئەلنىڭ مەھسۇلاتلىرى بۇ يەردىن پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالدى»؛

غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاچقۇچى ماسلاشتۇرۇش، يادروسى بولسا دەل يېڭىلىق يارىتىش.

ئېچىۋېتىش غەربىي قىسىمغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ سىرتقا چىقىرىش بولۇپلا قالماي، يەنە ئەمەلىي كۈچنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئۆلچەم بولۇپ، خەلقئارا بازاردا بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

چۇڭچىڭدا دۆلىتىمىزدىكى 41 سانائەت چوڭ تۈرىنىڭ 39ى، 31 ياسىمىچىلىق چوڭ تۈرىنىڭ ھەممىسى بار بولۇپ، ئۇ ياسىمىچىلىقتىكى ئىسمى - جىسمىغا لايىق مۇھىم جاي. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئۈچىنچى قاتاردىكى شەھەر قۇرۇلۇشىدىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى سانائەتنى گۈللەندۈرۈشكىچە، ئاندىن يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقىچە، ئېچىۋېتىش جاسارىتىنى ئورتاق ياراتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپ تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرگەزمە زالىغا كىردى.

جۇڭگو - گېرمانىيە شېرىكلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان ھىدروگېن ئېنېرگىيەلىك موتور، تېخنىكىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان نانومېتىر ۋاقىت سېتكىسى، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تىپتىكى پاراخوتقا ئىشلىتىلىدىغان تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچ، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى «گاز چىقىرىش مىقدارى چوڭ بولغان كىچىك تىپتىكى پورشېنلىق موتور»، يەنە تۇنجى بولۇپ ئىجاد قىلىنغان ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسىگە ئىگە قان تازىلاش ماشىنىسى... كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئىجادىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئېچىۋېتىشتىكى ئەھمىيىتىنى يەتكۈزمەكتە.

تەتقىق قىلىپ ياسالغان دېڭىز ئۈستى شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ دۆلىتىمىزدە ياسىلىش نىسبىتىنىڭ %99كە يەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ناھايىتى مەمنۇن بولدى: «ئەينى يىلى مەن فۇجيەندە خىزمەت قىلىۋاتقان چاغدا، جۇڭگودا تېخى دېڭىز ئۈستى شامال ئېلېكتىرى يوق ئىدى. ئارىلىقتىن تېخى ھېچقانچە ۋاقىت ئۆتمىدى - ھە!»

«چۇڭچىڭنىڭ ياسىمىچىلىقى ئۆزىگە خاس قۇرۇلما ئالاھىدىلىكىگە، مۇناسىپ ئەۋزەللىككە ئىگە. مال - دۇنيا قانچە كۆپ بولسىمۇ بىر ھۈنەرنى بىلگەنگە يەتمەيدۇ. چىڭ كۆزلىگەن ئىكەنمىز چوقۇم سىجىل ئىشلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز، بوشاشماي تىرىشىشىمىز كېرەك».

ئىدارە قىلىشقا دائىر بىر سوئال

«غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك»

ئاپتوموبىل كوچىلارنى كېسىپ ئۆتتى، ئاپتوموبىل دېرىزىسىدىن رەت - رەت ئېگىز بىنالار كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

چۇڭچىڭ − جۇڭگودىكى ئەڭ ياش بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، چوڭ شەھەر، چوڭ يېزا، چوڭ تاغلىق رايون، چوڭ ئامبار رايونىنى بىر گەۋدە قىلغان. 82 مىڭ 400 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، 38 رايون، ناھىيە، 30 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس بار، رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، شەھەر - يېزىلارنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل بولۇپ، ئالدىغا غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت بىر ئىمتىھان سوئالى قويۇلغان.

جيۇلۇڭپو رايونىنىڭ شيېجياۋەن كوچا باشقارمىسى مىنجۇسۈن مەھەللىسى ئىلگىرى يىراق - يېقىنغا داڭلىق «كونا، ۋەيرانە، كىچىك» مەھەللە بولۇپ، ئۆيلىرى ناچار، تۇرۇبا تورى كونا، يۇندى كۆپ، يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى كەمچىل ئىدى. 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كەچقۇرۇن، باش شۇجى ئولتۇراق رايونغا كىردى.

كۆك تاش تاختا، قىزىل خىشلىق ئۆي، خۇاڭجۆ دەرىخى، ئازادە بولغان مەھەللە مېھمان قوبۇل قىلىش زالى، ئىقتىدارى تولۇق بولغان پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزى، يەنە تاماقلارنىڭ مەززىلىك ھىدى بىلەن تولغان مەھەللە ئاشخانىسى بار.

تاماق قاچىسىغا خەلق رايى مۇجەسسەملەنگەن. باش شۇجىنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ياشانغانلار، بالىلار ھاياجانلانغان ھالدا ئورنىدىن تۇردى، ئالقىش ساداسى، كۈلكە ساداسى، ھال سوراش ساداسى ئۈزۈلمىدى. باش شۇجى كۈلۈمسىرىگىنىچە كۆپچىلىك بىلەن پاراڭلاشتى.

«بىر كىشىلىك تاماق قانچە پۇل؟»

«60 ياشتىن تۆۋەنلەرگە 18 كوي، 60 ياشتىن ئاشقانلارغا 15 كوي، بىزنىڭ مەھەللىدە 60 ياشتىن ئاشقان 2600دىن ئارتۇق ياشانغان كىشى بار، %32نى ئىگىلەيدۇ».

«تىجارەت قىلغۇچى تەرەپ كىم؟ پايدا ئالالىدىمۇ؟»

«3 - تەرەپ تىجارەت قىلىدۇ، مەھەللە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ، ئاز پايدا ئالىدۇ».

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تاپىلىدى: «چوقۇم ئىمكانىيەتلىك سىجىل داۋاملاشتۇرۇڭلار».

ئاشخانىنىڭ ئالدى ئىلگىرى زەيكەش ئىدى، كېيىن سېسىق سۇ ئازگىلىغا ئايلىنىپ قالدى. تۈزەش ئارقىلىق ئاھالىلەر ئارام ئالىدىغان كىچىك مەيدانغا ئايلاندى. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى مەھەللە 2022 - يىلىنىڭ بېشىدا يولغا قويغان يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش تۈرىدىن، شۇنداقلا بۇ تۈرنىڭ مەملىكەت بويىچە ئالاقىدار سىناق نۇقتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن بولدى.

ئاھالىلەر بەس - بەستە كىچىك مەيدانغا كەلدى، ئالقىش سادالىرى بىنالار ئارىسىدا ياڭرىدى.

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق خىزمىتى پۇقرالارنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر ئىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ كونا ئولتۇراق رايونلارنى ياخشى ئۆزگەرتىش. كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇپ، مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچ ئاجرىتىپ، ھەر يىلى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر بىر قىسىم ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پارتىيە ئىستىلىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە، باش شۇجى بىر مەلۇمات جەدۋىلىنى كۆردى.

«<يۈكۈەيجېڭ> APPسىدا پۈتۈن شەھەرنىڭ ھەممىباب ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەلۇمات جەدۋىلى ئەمەلىي قوللانمىسى بار، ئىلگىرى بىز نۇرغۇن مەلۇمات جەدۋىلىنى تولدۇراتتۇق، بەزى ئۇچۇرلار ئانچە پەرقلەنمەيتتى، دائىم تەكرار تولدۇراتتۇق. ئىلگىرى بىز بىر يىلدا 100دىن ئارتۇق جەدۋەل يوللايتتۇق، ھازىر پەقەت 12 جەدۋەلنىلا يوللايمىز».

بەش يىل ئىلگىرى، ئوخشاشلا 4 - ئاي، يەنە شۇ چۇڭچىڭ. باش شۇجى شۇ چاغدىمۇ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەش ھەققىدە توختالغانىدى: «ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ئوشۇقچە قائىدە - يوسۇن، تۈگىمەس ھۆججەت، ئۈزۈلمەس يىغىن، كۈتۈۋېلىش، ئۇزىتىشلاردىن قۇتۇلدۇرۇش كېرەك.» شۇ يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» ئىدى.

يۈكنى يېنىكلىتىش كۈچ قوشتى، تۈزەش ئۈنۈمنى ئۆستۈردى، بەش يىللىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا ئېلاستىكلىق نامايان بولدى، ئەمەلىي ئۈنۈم كۆرۈلدى. بۇ قېتىم باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، ھەممىلا ئىشنى ئاساسىي قاتلامغا يۈكلەپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئاساسىي قاتلام قايسى خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ، مەسئۇلىيەت ئىش تۈرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك».

يۈكنى يېنىكلىتىشتە، يېنىكلىتىلگىنى شەكىلۋازلىقنىڭ ئاسارىتى، كۆپەيتىلگىنى ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتىكى كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھ. تەكشۈرۈشتە بولغان 3 - كۈنى ئېچىلغان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ دوكلات قىلىش يىغىنىدا، باش شۇجى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈستىدە يەنە توختالدى:

«ئالدىنقى كۈنى جيۇلۇڭپوغا بارغاندا، مەن مەھەللە پارتىيە كومىتېتى شۇجىسىدىن ھازىر يۈكنىڭ ئېغىر ياكى ئېغىر ئەمەسلىكىنى سورىدىم. ئۇ ئىلگىرى نۇرغۇن مەلۇمات جەدۋەللىرىنى تولدۇرۇپ، مەلۇمات جەدۋىلى ئارقىلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇراتتۇق، دېدى. بۇنداق بولسا بولمايدۇ. شەكىل مەزمۇندىن ئېشىپ كەتسە، يۈزەكى ئىشلار ئەمەلىي ئۈنۈمدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. شەكىلۋازلىق ئازراق، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش كۆپرەك بولسا، زىددىيەتمۇ ئازىيىدۇ، ئەمەلىي نەتىجىمۇ كۆپىيىدۇ. بۇ ئىشنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك».

4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چۇڭچىڭ شەھەرلىك رەقەملەشكەن شەھەر يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىدارە قىلىش مەركىزى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭنىڭ «شەھەر چوڭ مېڭىسى»دە تەكشۈرۈشتە بولدى.

ئىلگىرى ھەممە يەرگە تارقالغان سانلىق مەلۇماتلار بىرىكتۈرۈلدى، كۈچ قوشتى. سۇ، توك، تەبىئىي گاز، خەۋەرلىشىش، كۆۋرۈك، تونېل، رېلىس، تۇرۇبا تورى قاتارلىق شەھەر قۇرۇلمىسى كۆرسەتكۈچلىرىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولاتتى، چۇڭچىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك قايتا بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

ئالاقىدار يولداش بۇلتۇرقى بىر قېتىملىق تاغ گۆمۈرۈلۈشتىن ئالدىن سىگنال بېرىش مىسالىنى سۆزلەپ بەردى ھەم ئەمدىلا بىر مەيدان ئوت ئاپىتىنى بىر تەرەپ قىلغان بېيبېي تارماق ئەترىتىنىڭ ئوت ئۆچۈرگۈچىلىرى بىلەن سىنلىق ئۇلىنىش قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ ئويلىنىپ مۇنداق دېدى: «ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن. بۇ مەسىلىگە مەن ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن.» «شەھەرنى ئىدارە قىلىش ھەرقايسى تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ، باش ئورۇندا تۇرىدىغىنى <دائىم غېمىدە بولۇش>تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، لايىھەنى ياخشى تۈزۈپ، دەل جايىدا باشقۇرۇپ، تىزگىنلەپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، تۈرلۈك ئەھۋاللارنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، شەھەرنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».

«شەھەر چوڭ مېڭىسى»گە بولغان تەسىراتى چوڭقۇر بولغاچقا، باش شۇجى شۇنىڭدىن كېيىنكى تەكشۈرۈش داۋامىدا شەھەرنى ئىدارە قىلىش تېمىسىنى يەنە نەچچە قېتىم تىلغا ئالدى: «ئۇچۇرلاشقان دەۋردە، ئاقىل شەھەر قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، شەھەرنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىدارە قىلىش ئەقلىي ئىقتىدار تۈگۈنى بەرپا قىلىپ، <چوڭ ھەر تەرەپلىمە، بىر گەۋدىلەشكەن> شەھەرنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەھەرنى ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ دەل جايىدا قىلىش كېرەك».

بىر پارچە ئىستراتېگىيەلىك خەرىتە

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋامىدا غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك»

رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئەزەلدىن بىر مۇھىم مەسىلە بولۇپ كەلدى. ئۇزۇنغا سوزۇلغان مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يولىنىڭ ئاچقۇچلۇق مۇساپىسىدە، ئۇ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش چوڭ رامكىسىدا مىسلىسىز كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئورۇنغا قويۇلدى.

سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك، دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، «رايونلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش يەنىلا چوڭ ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى.» ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئورۇنلاشتۇرمىنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا ئەگىشىپ، بىر پارچە ئىستراتېگىيەلىك خەرىتە قەغەز يۈزىدە نامايان بولدى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىدىن ئىبارەت باش تېمىنى چۆرىدەپ، باش شۇجى ئارقا - ئارقىدىن سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېيدىن چاڭجياڭ دېلتىسىغىچە، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشتىن ئوتتۇرا قىسىمنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگىچە، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىدىن غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقىچە، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق بىپايان زېمىندا ئۆزئارا بىرلىشىپ ۋەزىيەت شەكىللەندۈردى.

سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئالدى بىلەن بىز بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىنى ئەسلەپ ئۆتەيلى» دېدى.

1999 - يىلى «غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش» تۇنجى قېتىم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھۆججىتىدە نامايان بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ ئىستراتېگىيە دەۋر ئالاھىدىلىكىنى يۇغۇرۇپ، ھەيۋەتلىك ھەم بىپايان غەربىي قىسىم رايونلارنى سىجىل ھەم چوڭقۇر بەرپا قىلىپ كەلمەكتە.

20 يىلدىن كېيىنكى 2019 - يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. 10 مىڭ خەتلىك ۋەزنى ئېغىر ئۇزۇن ھۆججەتتە «كەڭ كۆلەمدە قوغداش، كەڭ ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش»تىن ئىبارەت يېڭى ئەندىزىگە ئېنىقلىما بېرىلدى.

سۆھبەت يىغىنىدا، سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، باش شۇجى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: «غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش دۆلەت ئىستراتېگىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى. قىلچە تەۋرەنمىدۇق، شۇنداقلا ئاجىزلاشتۇرۇۋەتمىدۇق، بەلكى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق ۋە مۇكەممەللەشتۈردۇق. بىز ھازىرمۇ يەنە بۇ تۈرلۈك خىزمەتكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇۋاتىمىز. بوشاشماي تىرىشىپ، توختىماي ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، مۇكەممەل يۈكسەكلىككە يەتمىگۈچە بولدى قىلماسلىقىمىز كېرەك».

ھالبۇكى بۇ قېتىم، سۆھبەت يىغىنىدا نىشان يېڭى ئەندىزىگە يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈلدى، شۇنداقلا «بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش» ئىرادىسى يەنە بىر قېتىم مۇستەھكەملەندى: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىزچىل ياخشى تۇتۇپ، كەڭ كۆلەمدە قوغداش، كەڭ ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەكىللەندۈرۈپ، رايونلارنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋامىدا غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك».

«پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ»، بۇ، غەربىي قىسىمنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى. غەربىي قىسىمغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش بۇرچنىڭ مەھسۇلى، شۇنداقلا مېھىر - مۇھەببەتنىڭ ئاساسى.

«پارتىيەمىز مۇشۇ يەردىن مېڭىپ كەلگەن.» غەربىي قىسىمدىكى قىزىل مۇنبەت تۇپراقتا، ئۇ ئىنقىلابىي خاتىرە جايلارغا قايتا - قايتا بېرىپ ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، قوبۇل قىلغانغا تۈگىمەيدىغان، ئىشلەتكەنگە ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان كۈچ - قۇۋۋەت مەنبەسىنى ھېس قىلدى.

باش شۇجى ئىزچىل غەربىي قىسىمنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى، ئۇ يەردە «كونا ئىنقىلابىي رايون، مىللەتلەر رايونى، چېگرا رايون، نامرات رايون كۆپ» ئىدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، «30 نەچچە قېتىم غەربىي قىسىمغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، شۇنداقلا ھەر قېتىم قاراتمىلىق ھالدا بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى».

يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇشۇ يىللاردىكى ۋەزنى بار نەتىجىلەرنى ئېدىتلىدى، شۇنداقلا جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك كەمتۈكلۈك ۋە قىيىنچىلىقنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى: «تېگى - تەكتىمىزنى ئېنىقلاپ، ئۆزىمىزدىكى ئارتۇقچىلىق، كەمتۈكلۈكلەرنى رەتلەپ باقايلى».

تاغقا كىرسە ئوتۇنچىدىن، سۇغا يولۇقسا بېلىقچىدىن مەسلىھەت سوراش كېرەك. يېڭى ئەندىزە قانداق پىلانلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؟ سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش»نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، «خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش»؛

كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇشتا چىڭ تۇرۇش»؛

دىققەتنى كەڭ ئېچىۋېتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، «كەڭ ئېچىۋېتىش ئارقىلىق كەڭ ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش»؛

خەۋپسىزلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش»؛

خەلق تۇرمۇشىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش»؛

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىغا نەزەر سېلىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇش».

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز شەكىللەندى، بېيىدى ۋە يېڭىلاندى. بۇ «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدىيەۋى قاراش شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى قاتارلىق زور ئىدىيە سىستېمىلىرىغا سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشى، ۋاقىتقا قاراپ ۋەزىيەت يارىتىشىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

قەتئىي بوشاشمىغاندىلا يىراق مەنزىلگە يەتكىلى بولىدۇ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن مېتودولوگىيە ئىزچىل داۋاملىشىدۇ.

«بىر پارچە خەرىتە» نەزەر دائىرىسى ئاستىدا دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر بار.

«ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە تېخنىكا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش كېرەك» دېگەن سۆزنى تىلغا ئالغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى قالاق كەسىپ دېگىلى بولمايدۇ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر ئىچىدىمۇ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بار، يۇقىرى پەن - تېخنىكىمۇ بار».

كۆمۈر قاتارلىق ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىنى تىلغا ئالغاندا، باش شۇجى «قوناق مومىسى» بىلەن «تۈجۈپىلەپ تەييارلانغان چۆپ»نى مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئاۋۋال قورساقنى تويغۇزۇشىمىز، ئاندىن ياخشى يېيىشنى ئويلىشىشىمىز كېرەك. بىز ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىشىمىز، ھەم يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات قەدىمىنى ئاستىلاتماسلىقىمىز، ھەم بەك غايىۋىلەشتۈرۈۋەتمەسلىكىمىز، ئالدى بىلەن ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك».

«بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» مۇساپىسىدە يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى بار.

باش شۇجى چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %1.9ىنى ئىگىلەيدىغان بۇ مۇنبەت تۇپراقتىن %6تىن ئارتۇق رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يارىتىلدى. قانداق قىلغاندا يېڭى دەۋردىكى غەربىي قىسىم «قوش شەھەر خاتىرىسى»نى ياخشى ئېيتقىلى بولىدۇ؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ سىچۇەن - چۇڭچىڭ ئىككى جاينىڭ «زىچ ھەمكارلىشىپ، تەرەققىيات ئېنېرگىيە دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى»نى ئۈمىد قىلدى.

يول ماڭغانسېرى ئايدىڭلىشىدۇ؛ قانچە ئالدىغا ماڭغانسېرى، ئىشەنچ شۇنچە تولۇپ، قەدەم شۇنچە مۇستەھكەم بولىدۇ.

پارتىيە رەھبەرلىكى ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى.

«پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چالدى، «ئازادە كۆرۈنىدىغان مۇھىتقىمۇ خەۋپ يوشۇرۇنغان بولىدۇ، ئىلگىرىكى ئىشلاردىن ئىبرەت ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ، ھەممەيلەن يەنىلا ياخشى تەكرار قىلىشىمىز كېرەك. كاللىمىزدا ئۆزىمىزنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان چەكلىمە بولۇشى كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئەيمىنىش تۇيغۇسى بولمىسا يولدىن ئېزىپ قالىمىز».

ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدىغان قەيسەرلىك ئۇيۇل تاشتەك ئەسلىي مەقسەتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. قۇياش نۇرى يىغىلغاندىلا يالقۇن ھاسىل بولىدۇ، بارماق چىڭ تۈگۈلگەندە مۇشت ھاسىل بولىدۇ. غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتىن ئىبارەت ھەيۋەتلىك ئۇلۇغ ئىشنى پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ياراتقان.

«سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.» باش شۇجى «ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارغا، بولۇپمۇ شارائىتى جاپالىق رايونلاردىكى كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، كادىرلارنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، دادىل يول ئېچىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك»، «ياش كادىرلارنى غەربىي قىسىم رايوندا يېتىشتۈرۈش، چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك» دەپ تاپىلىدى.

غەربىي قىسىم نى - نى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدىغان بىپايان زېمىن.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چۇڭچىڭ، 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.