ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرلار ۋاڭ جىڭجىڭ، خۇاڭ شىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 23:12لەردە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۇبەي ساقچى كۇلۇبى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق ئاسىيا ياشلار يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقسىىدە، جۇڭگو ماھىرى ئەلىشىر ئۆمەر 45 سېكۇنت 53 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولۇپ، گو جۇڭزې ساقلاپ كېلىۋاتقان 45 سېكۇنت 66 دەقىقىلىك مەملىكەتلىك ياشلار رېكورتىنى بۇزدى.
2024-يىللىق ئاسىيا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، ئەلشىر 45 سېكۇنت 53 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولدى. ماتېرىيال سۈرەت
ئاقسۇدىن كەلگەن ئەلىشىر بۇ قېتىم 45 سېكۇنت 53 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولۇپ، ئۆزى ساقلاپ كېلىۋاتقان مەملىكەتلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر رېكورتىنى ۋە شىنجاڭنىڭ قورامىغا يەتكەنلەر بويىچە ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا يۈگرەش رېكورتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى، بۇ نەتىجە سەئۇدىي ئەرەبىستانىنىڭ پېشقەدەم ماھىرى ماسلاش 2023-يىلى خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا يۈگرەش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىدە چېمپىيون بولغاندا ئېرىشكەن 45 سېكۇنت 55 دەقىقىلىق نەتىجىسىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ، كەلگۈسىدىكى ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا، ئەلىشىرنىڭ سەئۇدىي ئەرەبىستانى ۋە ياپونىيەنىڭ بۇ تۈردىكى ئۇزاق يىللىق چېمپىيونلۇق مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈمىدى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.