تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«رەڭدارلىق ئىچىدە قەلبداشلىقنى تاۋلاش» ___ 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى باشلاندى!

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

     رەڭدارلىق ئىچىدە قەلبداشلىقنى تاۋلاش

     2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى بۈگۈن باشلاندى

    2024-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە

    2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى 4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    بۇ نۆۋەتلىك مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىدا ئېچىلىش-يېپىلىش مۇراسىمى، ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى، گۈزەل-سەنئەت كۆرگەزمىسى، ئاممىۋى مەدەنىيەت كۆرىكى قاتارلىق باش تېمىلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ، ياشلارنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتى تەجرىبىلىرىنى ھەمبەھرىلەش يىغىلىشى، سەنئەت دەرسخانىسى، بىر تىياتىرنى بىر باھالاش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر يولغا قويۇلىدۇ،
769 مەيدان قېتىم تۈرلۈك كۆرگەزمە ئويۇن (كۆرگەزمە) پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاساسىي مەيداندا 37 مۇنەۋۋەر كۆرەك ۋە كۆرگەزمە ئويۇنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى شۆبە مەيدانلاردا 15 ئويۇن نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، 132 مەيدان تۈرلۈك ئېسىل ئويۇن مەركەزلىك نامايان قىلىنىدۇ، ناخشا-ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى تىياتىر «مۇقام ناۋاسى»، دىراما «تۇپراقتىكى مول ھوسۇل ئۈچۈن»، سېرىك تىياتىرى «مېڭزىنىڭ ئانىسىنىڭ ئۈچ قېتىم كۆچۈشى»، مۇزىكىلىق تىياتىر «ئۆكۈنۈشسىز مېھىر-مۇھەببەت»، جىڭجۈ تىياتىرى «سۇمۇرغنىڭ ئۇۋىسىغا قايتىشى»، چىنجۈ تىياتىرلىرى «شىيۈ خەنگۇڭ» «جادا ئاستىدىكى خۇڭمېي»، بالىلار تىياتىرلىرى «تاڭ تۇڭ»«شېئىرىي مىسىرالاردىكى جۇڭگو − مۇلەن قوشىقى» قاتارلىق زور بىر تۈركۈم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مۇنەۋۋەر تىياتىرلار ئالاھىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.