4-ئاينىڭ 22-كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى قۇمكۆل كەنتىدىكى بېشەكشېرىن ئۆستۈرۈش پارنىكىدا، قوغۇن مايسىلىرى بۈك-باراقسان ئۆسۈپ، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى، بۇ يەردە يېشىللىققا پۈركەنگەن مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭىئۆستەڭ يېزىسى خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ قاراپ، بېشەكشېرىن ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ ئالاھىدىلىكى روشەن، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى يېشىل، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر توپىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، «شېرىن» تۇرمۇشقا ئىگە قىلدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر چېن مىن)
كەنت ئاھالىلىرى بېشەكشېرىن پەرۋىشى بىلەن ئالدىراش بولدى.
كەنت ئاھالىلىرى بېشەكشېرىننىڭ پېلىكىنى رەتلىمەكتە.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى