تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بېكىتىلدى! «قەشقەر قەلبى» «1-ماي»دا باش ئىستانسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شۆبە مەيدانىدا ئوينىلىدۇ

     تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئابىدە، ئىختىيارىي مۇخبىر ئەلفىرە مۇختەر خەۋەر قىلىدۇ:) 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ جيۇلۇڭچۈەن مەدەنىيەت ساياھەت مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ 2024-يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى قەشقەر شۆبە مەيدانى سەھنىسىدە، چوڭ تىپتىكى چۆكۈش شەكلىدىكى ئويۇن باش تېمىلىق تىياتىر «قەشقەر قەلبى» تۇنجى قېتىم ئوينىلىدۇ.

«قەشقەر قەلبى» ناملىق ئويۇننىڭ ئېلانى.

جاڭ شىرۇ تەمىنلىگەن رەسىم

   بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى لى لىشۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قەشقەر قەلبى» بۇ شىركەت ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان شىئەن ئويۇن قويۇش گۇرۇھى شىئەن ناخشا-ئۇسسۇل تىياتىرخانىسىنىڭ «چاڭئەندىكى 12 ۋاقىت بۆلىكى ئاساسىي تېما قىلىنغان كوچا رايونى» ئويۇنىنىڭ ئاساسلىق ئىجادىيەت كوللېكتىپى بەرپا قىلغان كۆرۈنۈشلۈك تىياتىر بولۇپ، ئاساسلىقى بىر جۈپ ياش ساياھەتچىنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا زاماندىن «ھالقىپ»، 2000 نەچچە يىل بۇرۇنقى قەدىمىي يىپەك يولىدىكى قەشقەرگە قايتىپ قالغانلىقى، تارىختىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش، يۇغۇرۇلۇش كۆرۈنۈشىگە گۇۋاھچى بولغانلىقى بايان قىلىنغان.
   «بۇ قېتىم بىز تەجرىبىسى مول ئىجادىيەت كوللېكتىپىنى تەكلىپ قىلىپلا قالماي، يەنە 140 تىن ئارتۇق ئارتىسى بار ئويۇن قويۇش ئۆمىكىدىكى كۆپ قىسىم ئارتىسلارنىمۇ شىئەن ناخشا-ئۇسسۇل تىياتىرخانىسىدىن تەكلىپ قىلدۇق. بىز كەسپىي ئويۇن ئارقىلىق، كۆپچىلىكنى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ياخشى ئويناپلا قالماي، يەنە يۇقىرى سۈپەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى لى لىشۈن.

«قەشقەر قەلبى»نىڭ رەپىتىس نەق مەيدانى.

نۇرمەمەت فوتوسى

    ئىجرائىيە رېژىسسورى ۋاڭ يۈكۇن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قەشقەر قەلبى» مۇقەددىمە، دۇنيا گۈزەللىكى، چاڭئەنگە قايتىش ئارزۇسى، يىپەك يولى شادلىقىدىن ئىبارەت تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەن. بۇ تىياتىردا كۆپ ۋاسىتىلىك تاراتقۇ ھەمتۈرتكە تېخنىكىسى ۋە تۈرلۈك ئۇسسۇل ئويۇنى قوللىنىلىپ، تاماشىبىنلارغا قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ مەدەنىيەت سېھرىي كۈچى ۋە زامان، ماكاننىڭ ئاجايىپلىقى ھېس قىلدۇرۇلىدۇ، يەنە «يىپەك يولىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى قايتا نامايان قىلىپ، مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېمىسى ئارقىلىق، يىپەك يولىنىڭ تارىخىي كاتتا مەنزىرىسى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش روھى نامايان قىلىنىدۇ.

«قەشقەر قەلبى»نىڭ رەپىتىس نەق مەيدانى.

نۇرمەمەت فوتوسى


   «پۈتۈن تىياتىردا يېڭىلىق يارىتىش + مەزمۇن + پەن-تېخنىكا + رەتلەشتىن ئىبارەت يېڭى ئۇسۇل قوللىنىلىپ، تارىخ، ئادىمىيەت گۈزەللىكى، زامانىۋى پەن-تېخنىكا يېڭىلىقى قاتارلىقلار يۇغۇرۇلۇپ نامايان قىلىنىپ، ئەنئەنىۋى ناخشا-ئۇسسۇل ئورۇنداش ئۇسۇلى بۇزۇپ تاشلىنىپ، تىياتىر ئەندىزىسى ئارقىلىق پۈتۈن مەيدان بىرلەشتۈرۈلدى. بىز بۇ خىل مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى بەرپا قىلىش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش ئۇسۇلى بىلەن، قەشقەر مەدەنىيەت ساياھىتى ئىستېمالىنىڭ يېڭى داكا قىلىش قىززىق نۇقتىسىنى بەرپا قىلىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى ۋاڭ يۈكۈن.

«قەشقەر قەلبى»نىڭ رەپىتىس نەق مەيدانى.

نۇرمەمەت فوتوسى

   لى لىشۈن مۇنداق بىلدۈردى: «قەشقەر قەلبى» «1-ماي»دىن «1-ئۆكتەبىر»گىچە داۋاملىق ئوينىلىدۇ ھەم مەزمۇنى ۋە ئويۇن قويۇش شەكلى دەرىجىسى داۋاملىق ئۆستۈرۈلىدۇ، ئويۇن قويۇش ۋاقتى ۋە بېلەت ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار كېيىن شىركەتنىڭ ئۆز تاراتقۇ سۇپىسىدا ئېلان قىلىنىدۇ. «بىز بىر نادىر ئەسەر يارىتىشقا كۈچ چىقىرىمىز. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئويۇن قويۇش جەريانىدا، بىزمۇ يەرلىك ئارتىسلارنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، ئىككى جايدىكى ئارتىسلارنىڭ ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشى ئارقىلىق، «قەشقەر قەلبى»نى مەنزىرە رايونىدىكى نادىر ئويۇنغا ئايلاندۇرىمىز».

«قەشقەر قەلبى»نىڭ رەپىتىس نەق مەيدانى.

نۇرمەمەت فوتوسى

    ئىگىلىنىشىچە، باش ئىستانسىنىڭ 2024-يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى قەشقەر شۆبە مەيدانىنىڭ سەھنىسى ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، داكا قىلىدىغان قىززىق نۇقتىغا ئايلىنىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ قەشقەرگە كېلىشتىكى ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالغان. ھازىر شۆبە مەيداندا 28 مەيدان ئويۇن قويۇلۇپ، جەمئىي 60 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تاماشىبىن كۈتۈۋېلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.