باھار كۈنلىرىدە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلۈپ
كىشىلەر نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن سەھەردە
يامغۇر ئارىلاش قار ياغدى
توڭلاپ كەتتىڭىزمۇ
4-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچىدە يامغۇر ئارىلاش قار ياغدى، كىشىلەر سىرتقا چىققاندا كۈنلۈك كۆتۈرۈۋالدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى
ئالدىنقى قېتىملىق ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايىدىن كېيىن
ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا بارا-بارا ئۆرلەپ
ئۇدا بىرنەچچە كۈن ھاۋا ئىللىق بولدى
4-ئاينىڭ 23-كۈنى
ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 24.6 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىپ
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا رېكورتىنى يېڭىلىدى
بىراق، 4-ئايدا يەنە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلۈپ
يامغۇر يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى
↓↓↓
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كەلگۈسى بىرنەچچە كۈنلۈك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات.
مەنبە: جۇڭگو ھاۋارايى تورى
شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ، قارغا ئۆزگىرىدىكەن، شەھەر رايونىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 6 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆل سېلسىيە گىرادۇس بولىدىكەن، تاغلىق رايونلاردا ئوتتۇراھال يامغۇر يېغىپ، يامغۇر ئارىلاش قارغا ئۆزگىرىدىكەن، 4 بالدىن 5 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن. 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 2 سېلسىيە گىرادۇستىن 3 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، تاغلىق رايونلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 5 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 1 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن.
بۈگۈن ئەتىگەندىكى بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى:
4-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا يامغۇر ئارىلاش قار لەپىلدىدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى
4-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە قار ياغدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى
4-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 8دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونىدا قار ئۇچقۇندىدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن پېڭ فوتوسى
4-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچىدە يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ، يول يۈزىدە نۇرغۇن سۇ يىغىلىپ قالدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى
4-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچىدە يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ ئۈستىدە مۇز يىغىلىپ قالدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى
4-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچىدە يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ، گۈللەر ۋە دەرەخ شاخلىرىدا قار ۋە مەرۋايىتتەك سۇ تامچىلىرىنى قالدۇردى.

ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى كوئېنلۇن شەرقىي كوچىسىدا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قارغا قارىماي مەكتەپكە ماڭدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن پېڭ فوتوسى
كىچىك دوستلار سىرتقا چىققاندا
قېلىنراق كىيىنىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار ~
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى