تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ھەسەلدىنمۇ شېرىن ئىكەن»

​− پاكىستان ياش سەرخىللار تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا كەلگەنلىكى توغرىسىدا

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

جاھاندىكى ئەڭ گۈزەل ۋاقىت 4 - ئايدا، شىنجاڭ ھەر تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ تەكلىپى بىلەن پاكىستان ياش سەرخىللار تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭغا كېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، ئاتۇش شەھىرىدە نەق مەيداندا زىيارەتتە بولۇپ، شۇ جايلاردىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانغان، دىنلار ئىناق بولغان، مەدەنىيەت گۈللەنگەن، ساياھەتچىلىك جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ھەقىقىي ئەھۋالنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار قاتارلىق جايلاردا ئايلانغاندا، خاسلىققا ئىگە ئىمارەتلەر، خەلق ئۆرپ - ئادەتلىرى، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار، مىللەتلەر ناخشا - ئۇسسۇللىرىنىڭ ھەممىسى تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەرنى چوڭقۇر جەلپ قىلدى. ئۇلار قەدىمىنى توختىتىپ سۈرەتكە تارتىپ، مېھرىنى ئۈزەلمەي قالدى. «شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئىناق بىللە ئۆتۈۋېتىپتۇ، ھەر خىل مەدەنىيەت گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىپتۇ، كىشىلەرنىڭ ھەمىشە بىرلىكتە شوخ ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەسەلدىنمۇ شېرىن ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.» پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى(شەرىف مەزھىپى) پەنجاپ ئۆلكىلىك پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، تاراتقۇ مۇتەخەسسىسى شىنا بات مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ شۇ قەدەر گۈزەل ئىكەن، كېلەر قېتىم ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىمنى ئېلىپ يەنە كېلىشنى ئارزۇ قىلىمەن.

ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۇنتاغ بازىرى ئازغان كەنتىدە، تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدا زىيارەتتە بولدى؛ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇزېيدا قىرغىز خەلق ئۆرپ - ئادىتى مەدەنىيىتى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولدى، قىرغىز مىللىتىنىڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى «ماناس» ئېيتىشىنى كۆردى؛ قەشقەر شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسى توقام مەھەللىسى كەنتىدە گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسىنى ھېس قىلدى.

«شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلىرى ناھايىتى چىرايلىق قۇرۇلۇپتۇ، يېزىلاردىكى ھويلا - ئارانلار پاكىز، رەتلىك، گۈزەل، نەپىس ئىكەن، كىشىلەر كەلگۈسى تەرەققىياتقا نىسبەتەن ئىشەنچكە تولۇپتۇ.» پاكىستان خەلق پارتىيەسى سىندى ئۆلكىلىك مەبلەغ سېلىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى قاسىم كامال سەككىز يىل ئىلگىرى شىنجاڭغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىپتۇ، قاتناش ھەممە تەرەپكە تۇتىشىپتۇ، شەھەرلەر ئاۋات ئىكەن، ھەممىلا جايدا ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمۈپتۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچەش ئىرادىسى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلىپتۇ.

دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ نىسپىي بېكىنمە ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى. قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى، ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى شەھەر پىلانلاش سارىيى قاتارلىق جايلاردا، تەكشۈرۈش ئۆمىكى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلدى.

پاكىستان خەلق پارتىيەسى ئۆلكىلىك پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئالبوب خان مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازىسى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش سۇپىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى، بۇمۇ پاكىستانغا تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى سىجىل تەرەققىي قىلدى، ئىككى تەرەپنىڭ سودا، مەبلەغ سېلىش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەزالىرى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورىزمغا ۋە ئەسەبىزمگە زەربە بېرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. «نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش ئەڭ ھەقىقىي بولىدۇ. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپتۇ. بۇ جاينىڭ ھەممىلا يېرىدە ئىناق، مۇقىم، گۈللەنگەن مەنزىرىنى كۆردۇق، بۇلارنىڭ ھەممىسى غەربتىكى بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ دېگىنىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن.» پاكىستان خەلق پارتىيەسى خەلق پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مۇرتازا مەھمۇت مۇنداق دېدى: تېررورىزمنىڭ چېگراسى يوق، دىن ۋە دۆلەت ئايرىمايدۇ، پاكىستانمۇ ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان، جۇڭگو بىلەن ئوخشاش خىرىسقا دۇچ كەلگەن، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەجرىبىسى ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىكەن.

تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر يەنە قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ مەسچىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنى زىيارەت قىلدى، شىنجاڭنىڭ پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى. پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى(شەرىف مەزھىپى) پەنجاپ ئۆلكىلىك پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مەخۋىش سۇرتانا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتقانلىقى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىنغانلىقى ۋە قوغدالغانلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم، ھەقىقىي گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە سۆزلەپ بېرىمەن.

ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت مەزگىلىدە، تەكشۈرۈش ئۆمىكى شىنجاڭدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەزالىرى بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە تولغان جاي ئىكەن، بۇ جايدا كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت توپلانغان بولۇپ، خەلق قىزغىن، مېھماندوست ئىكەن، بۇ گۈزەل تەسىراتلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى كەڭ تارقىتىمىز.

«بەش كۈندىن بۇيان كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم مەندە چەكسىز گۈزەل تەسىراتلارنى قالدۇردى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپتۇ.» پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى(شەرىف مەزھىپى) خەلق پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى لانا يىلىدات مۇنداق بىلدۈردى: مۇقىم، گۈللەنگەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز ئىكەن، شىنجاڭدىكى گۈزەل تەسىراتلىرىمدىن ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىمنى بەھرىلەندۈرىمەن، شىنجاڭغا يەنە كېلىشنى ئارزۇ قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.