تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بازارمۇبازار يۈرۈپ سودا قىلىۋاتقان كەسپىي يايمىچىلار

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

رەڭگارەڭ يايما لاپاسلىرى ۋە تاۋارلار باھاردىكى كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى؛ كاناي ئاۋازى بىلەن كۈلكە ئاۋازلىرى ئارىلىشىپ، كاۋاپنىڭ خۇش ھىدى بىلەن تەڭ ئەتراپقا تارقالماقتا ئىدى... 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتە، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ يېزا - كەنت بازىرى − جام بازىرىدا ئادەم ئېقىمى يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە، يايمىچىلار 1000دىن ئېشىپ، خېرىدارلار ئېقىمى 10 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.

«مەن 2008 - يىلىدىن باشلاپ بازاردا يايما ئاچتىم، قايسى بازار ئاۋات بولسا، شۇ بازارغا بارىمەن، <كەسپىي يايمىچى> بولۇپ قالدىم.» جام بازىرىدىكى بىر ئۇششاق تاۋارلار يايما ئورنىدا، ئاقسۇ شەھىرىدىن كەلگەن يايمىچى فۇ شيەنچېڭ سۈرەتكە تارتىش دەستىسىنىڭ ئىقتىدارىنى چۈشەندۈرگەچ، زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەۋاتقان بازار دىرېكتورى مەنۋەر مۇختەرگە شۇنداق دېدى.

«سىز ئەينى يىلى بازاردا مال ساتقاندا، مەن تېخى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتىم، شۇ چاغدىكى جام بازىرى بىر چوڭ ئازگاللىقتا ئىدى، مۇھىتى بۇنداق ياخشى ئەمەس، تاۋارلارمۇ بۇنچىلىك مول ئەمەس ئىدى، نەرسە - كېرەك ساتىدىغانلار، سېتىۋالىدىغانلار ئاساسەن يەرلىك كىشىلەر ئىدى...» كىچىكىدىنلا جام بازىرى قازانئاسما كەنتىدە چوڭ بولغان مەنۋەر فۇ شيەنچېڭ بىلەن بازاردىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ناھىيە، شەھەردە، ھەرقايسى يېزا - بازارلاردىكى بازارلار ھەر ھەپتىدە بىر كۈندىن نۆۋەت بىلەن ئېچىلىدۇ، فۇ شيەنچېڭغا ئوخشاش كەسپىي يايمىچىلارنىڭ كاللىسىدا «بازارغا بېرىش ۋاقىت جەدۋىلى» بار بولۇپلا قالماي، يەنە ھازىر ھەر پەيشەنبە كۈنى كېلىدىغان جام بازىرىغا ئوخشاش بەزى بازارلاردىكى سودا پۇرسىتىنى بايقىيالايدۇ. 2014 - يىلىدىن باشلاپ، مەنۋەرنىڭ دادىسى مۇختەر ئەلا بازارنى ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئارقا - ئارقىدىن 40 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، بازارنى ئەسلىھەلىرى تولۇق، تەرتىپلىك بولغان ئۇنىۋېرسال يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بازاردىن ئۆتىدىغان يولنىڭ قاتناش شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغاچقا، ئەتراپتىكى تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونىدىكى ھەرقايسى مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ داڭقى چىقتى، بازارنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى كۈندىن - كۈنگە ئاشتى.

2021 - يىلى، تيەنجىن شەھەر قۇرۇلۇشى داشۆسىنى پۈتكۈزگەن مەنۋەر يۇرتىغا قايتىپ كەلدى، ئۇنىڭ ئارزۇسى بىناكارلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دادىسىغا ئەگىشىپ شەھەردە تەرەققىي قىلىش ئىدى، لېكىن دادىسى ئۇنى يېزىغا بېرىپ چېنىقىشقا، ئىشنى بازاردىكى ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارنى قىلىشتىن باشلاشقا بۇيرۇدى.

«بىر يېزا - كەنت بازىرىنىڭ باشقۇرغۇدەك نېمىسى بار، پەقەت شۇ مۇھىت تازىلىقىنى قىلىپ قويسا، يايما ئورنى ھەققىنى يىغىپ قويسىلا بولىدىغۇ؟» مەنۋەر ئۆزىنى مۇۋاپىق ئورۇنغا قويۇلمىغاندەك ھېس قىلدى. ئەمما بىرنەچچە بازار كۈنىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ بۈگۈنكى كۈندىكى يېزا - كەنت بازىرىنىڭ ئالدىنقى يىللاردىكى بازارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىدى: شەھەردىن كەلگەن كەسپىي يايمىچىلار كۆپەيگەنىدى، ئۇلار خۇددى پەسىل قۇشلىرى ياشايدىغان ماكانىنى تاللىغانغا ئوخشاش مۇۋاپىق بازارنى تاللاپ يايما ئاچقاچقا، ھەرقايسى جايلارنىڭ يېزا - كەنت بازىرىدىكى رىقابەت كۈچىيىپ كەتكەنىدى.

فۇ شيەنچېڭنىڭ قارىشىچە، كەسپىي يايمىچىلارنىڭ بازار تاللىشى خۇددى بازارغا بارغان خېرىدارلارنىڭ تاۋار تاللىشىغا ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسى جەمئىيەت تەرەققىياتى، بازار رىقابىتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ئىدى. ئالدىنقى يىللاردا، ئۇ پەقەت مودا بولۇۋاتقان باش كىيىملىرىنى توپ باھادا سېتىۋېلىپ، بازارغا ئاپىرىپ ساتتى، بۇ ئىككى يىلدا، يېزىلاردا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننىڭ كۈنسېرى ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، يېزا - كەنتلەرگە كېلىپ بازار ئايلىنىدىغان شەھەرلىكلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، ئۇ يان تېلېفون يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا باشلىدى ھەم ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى سۈرەتكە تارتىش دەستىسىگە لەنيا قۇرۇلمىسى ئورنىتىشنى ئۆگىنىۋالدى.

جام بازىرىدا «قۇلاق تېشىمىز» دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلغان بىر قاتار يايما ئورنى بار بولۇپ، بىر قاراپلا يايمىچىلارنىڭ كەسپىي يايمىچىلار ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى. يايمىچى مېھراي ئەزىز مۇنداق دېدى: مەن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھىرىدە ئەمەلىي دۇكان ئاچقانىدىم، كېيىن ھەممە جايغا بېرىپ بازارمۇبازار يۈرۈپ سودا قىلىشنى تاللىدىم، چۈنكى مەن بازارنىڭ يايما ئورنى ھەققىنىڭ تۆۋەن، ئادەم ئېقىمىنىڭ كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى ياقتۇرۇپ قالدىم. بىراق، ھازىر بازاردا قۇلاق تەشكۈزىدىغان خېرىدارلار ئانچە كۆپ بولمىغاچقا، مەن زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى، يالغان چاچ، گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىق تاۋارلارنى توپ باھادا سېتىۋېلىپ كېلىپ، خېرىدارلارغا سېتىۋاتىمەن. مېھراينىڭ «گۈزەللىك ئىشلىرى» بازاردا بارغانسېرى راۋاج تاپتى.

ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىكى ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى ئېسىلغان ئاپتوموبىللارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، مەنۋەر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر بازارغا كېلىپ نەرسە - كېرەك ساتىدىغانلارنىڭ %85ىدىن كۆپرەكى كەسپىي يايمىچىلار، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مۇشۇ ناھىيە ۋە ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردىن كەلگەن، بەزىلىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى باشقا ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن كەلگەن، يەنە بەزىلىرى پاكىستاندىن كەلگەن. ئۇلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇرغۇن يېزا - كەنت بازىرىنى ئايلىنىپ يۈرىدۇ، كۆرگەن - بىلگىنى كۆپ، بازار مۇلازىمىتىگە بولغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى.

جام بازىرىدا، بىر كۈنلۈك ساپ كىرىمى 3000 - 4000 يۈەنگە يېتىدىغان ئۇششاق يېمەكلىكلەر يايمىچىلىرى بار، كۈنبويى سودا قىلالمىغان كىيىم - كېچەك يايمىچىلىرىمۇ بار؛ لىق بىر ئاپتوموبىل كۆكتات مايسىلىرىنى ئېلىپ كەلگەن ياش مايسا يېتىشتۈرگۈچىلەر بار، بازار سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقىش ئالدىدا تۇرغان پېشقەدەم موزدۇزلارمۇ بار... مەنۋەرنىڭ نەزەرىدە، بازارمۇبازار يۈرۈپ سودا قىلىۋاتقان بۇ كەسپىي يايمىچىلار مەيلى قەيەردىن كەلگەن بولسۇن، سودىسى ياخشى ياكى ناچار بولسۇن، ھەممىسى تەرەپ - تەرەپتە يايما ئېچىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان كۈرەش قىلغۇچىلاردۇر.

مەنۋەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بىرنەچچە كۈندە، ئۇ جام بازىرىدىكى قىسقا سىن ئىشلەشكە ماھىر كادىر ئابلاجان ھەسەن بىلەن مەسلىھەتلىشىۋېتىپتۇ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ جام بازىرىغا كېلىپ داكا قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا خاسلىقى بار كەسپىي يايمىچىلار توغرىسىدا بىرنەچچە بۆلەك قىسقا سىن ئىشلەتكۈزۈپ، بۇ كەسپىي يايمىچىلارنى تەشۋىق قىلماقچى ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.