تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ مول ۋە رەڭدارلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق»

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ شى

«جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟» «جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟» 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، 2024 - يىللىق «خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى» شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ياش ئوقۇغۇچىلار ئەتىيازلىق لاگېرىغا قاتناشقان لاگېر ئەزالىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يىڭبىن يولىغا جايلاشقان خاۋيۆ باغچىلاشقان چاي سەنئىتى سارىيىغا كىرگەندە، لاگېر ئەزالىرى قىزىقىش ئىلكىدە سوئاللارنى سورىدى، چاي سەنئىتى سارىيىنىڭ مەسئۇلى لۇ يا جاۋاب بېرىپ ئۈلگۈرەلمەي قالدى.

كۆلىمى 2500 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان چاي سەنئىتى سارىيىدا، ئاساسلىقى چاي سەنئىتى، خەتتاتلىق، رەسساملىق، كۈجە ياساش قاتارلىق جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش تۈرلىرى بار. شۇ كۈنى، لاگېر ئەزالىرى شىنجاڭ داشۆنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇ تۈرلەرنى بىر - بىرلەپ ھېس قىلدى. «جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ مول ۋە رەڭدارلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق» دېدى لاگېر ئەزالىرى ھاياجان بىلەن.

ئالىنا بوروۋبايېۋا قىرغىزىستان دۆلەتلىك تېخنىكا داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. بۇ قېتىم جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىشتىن بۇرۇن، ئۇ ئەزەلدىن گۇجېڭ بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان، ھەتتا ئۇنى ئاڭلاپمۇ باقمىغانىدى. ئۇ چاي سەنئىتى سارىيىدىكى گۇجېڭنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، گۇجېڭنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ياساش ھۈنەر - سەنئىتى بىلەن تەپسىلىي تونۇشتى. بۇ جۇڭگو قەدىمىي چالغۇسىنىڭ 2500 يىللىق تارىخى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئالىنا گۇجېڭ چېلىشنى سىناپ باقتى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇ كەڭ، ئاجايىپ، ئۇزاققا سوزۇلغان ئاۋاز تۈسىدىن ھەيران قالدى، «گۇجېڭ چالغاندا، مەن خۇددى جۇڭگو مەدەنىيىتى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلانغاندەك بولدۇم، ھەقىقەتەن بەك ھۇزۇرلاندىم».

«تۇتۇپ مايلىق قەغەز كۈنلۈكنى، ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھەم تىمتاس يامغۇرلۇق كوچىدا قالدىم تېڭىرقاپ يېگانە...» چاي سەنئىتى سارىيىنىڭ مەدەنىيەت كۆرگەزمە زالىدا، ئاق رەڭلىك مايلىق قەغەز كۈنلۈكلەر تىزىلغان بولۇپ، لاگېر ئەزالىرى شائىر دەي ۋاڭشۇنىڭ «يامغۇرلۇق كوچا» ناملىق شېئىرىنى رىتىملىق دېكلاماتسىيە قىلدى. ئارقىدىن كۈنلۈك تىرىكىنى ساناپ باقتى، كۈنلۈك يۈزىنى سىلاپ باقتى، كۈنلۈك دەستىسىنى ئايلاندۇرۇپ باقتى، كۆپچىلىك بەس - بەستە مايلىق قەغەز كۈنلۈكنى ئېلىپ، رەسسام چەي سۇمياۋنى قولىدىكى مايلىق قەغەز كۈنلۈككە رەسىم سىزىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

«كۈنلۈك تىرىكى بامبۇكتىن ياسالغان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ۋە پەللىمۇپەللە يۇقىرى ئۆرلەش دېگەن مەنىسى بار؛ كۈنلۈكنى ئاچقاندىن كېيىن يۇمىلاق شەكىلگە كېلىدۇ، بۇ، بەخت - سائادەتكە تولۇش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.» چەي سۇمياۋ مايلىق قەغەز كۈنلۈكنىڭ تارىخىي ھېكايىسى ۋە مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چۈشەندۈرگەچ، مايلىق قەغەز كۈنلۈككە رەسىم سىزدى. مايلىق قەغەز كۈنلۈكنىڭ كۈنلۈك يۈزىدە بەدىئىي تۈزۈلۈشى مۇكەممەل بولغان مودەنگۈلنىڭ رەسىمى نامايان بولغاندا، كۆپچىلىك خۇشاللىقىدىن سەكرىشىپ كەتتى. «جۇڭگوچە رەسىمنىڭ مەنىسى بەك گۈزەل ئىكەن» دېدى قىرغىزىستان ئالابايېف دۆلەتلىك داشۆسى كۇڭزى دەرسخانىسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مارادبېك ئامانتۇر.

شۇ كۈنى چاي سەنئىتى سارىيى يەنە خەتتاتلىق، جۇەنشۇ خەت شەكلىدە تامغا ئويۇش ئۇستىسى شۆ لىننى تەكلىپ قىلىپ، لاگېر ئەزالىرىغا خەتتاتلىق سەنئىتىنى نامايان قىلدى. شۆ لىننىڭ ئۇزاقتىن بۇيان قاشتېشىغا داڭقان يېزىقى ئويۇشنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغانلىقىنى ھەم ئەنئەنىۋى داڭقان يېزىقى خەتتاتلىقى، قاشتېشى جۇەنشۇ خەت ئويمىچىلىقى قاتارلىق سەنئەت شەكىللىرىنى ئورگانىك يۇغۇرغانلىقىنى بىلىپ، لاگېر ئەزالىرى بەس - بەستە خەتكۈچنى ئېلىپ، شۆ لىننى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان سۆز - ئىبارىلەرنى يېزىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» «ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن» «ياخشى ئۆگىنىپ، كۈنسېرى يۇقىرى ئۆرلەيلى»...

خاجىم يىگەمبەردىيېف قىرغىزىستان جالالئاباد دۆلەتلىك داشۆسى كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، خەتتاتلىق ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خاجىم ئۆزىنىڭ جۇڭگو يېزىقىدىكى «گاۋخەن» دېگەن ئىسمىنى يازدى، ياندا تۇرغان لاگېر ئەزالىرىمۇ ئىختىيارسىز ئۇنىڭ ئۈچۈن چاۋاك چالدى.

«بۈگۈن بىز جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلىپ، گۈزەللىكنىڭ كۆپ خىللىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.» قىرغىزىستان ئالابايېف دۆلەتلىك داشۆسى كۇڭزى دەرسخانىسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئايانا رىسكۇلوفنا دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن، جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تۈرلۈك شەكىل ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ دوستىغا بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.