تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئاشلىق، ياغلىق دان زىرائەتلىرىدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش، مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەھۋاللاردىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى​

ئاشلىق، ياغلىق دان زىرائەتلىرىدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش، مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش، ئەزالارنىڭ سىياسىي مەسلىھەت ۋە تەكلىپ بېرىشىگە كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش «پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق، ياغلىق دان زىرائەتلىرىدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش، مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش» بويىچە نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەھۋاللاردىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى، سۇچىلىق نازارىتى، پەن - تېخنىكا نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارنى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى ھەم سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، بىرلىكتە ياخشى تەدبىرلەرنى پىلانلىدى.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر مياۋ جيەنمىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئاشلىق، ياغلىق دان زىرائەتلىرى ھەم كەسىپ تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. يېزا ئىگىلىك چوڭ رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاشلىق، پاختا، ياغلىق دان ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە كۈچلۈك، تەرتىپلىك تۈرتكە بولدى.

«شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشتە رولى غايەت زور. شىنجاڭ قانداق قىلغاندا يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ، يۈكسەلدۈرەلەيدۇ؟» پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش ھالقىسىدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ما خۇادۇڭ ئالدى بىلەن سوئال سورىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى يېزا پەن - تېخنىكا باشقارمىسىنىڭ 2 - دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى ۋاڭ فېي دېھقانلارنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى سۇپىسىغا بولغان تونۇشى ۋە ئۇنى ئەمەلىي قوللىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ھەم يېزا ئىگىلىكىنى بىلىدىغان، ھەم ئۇچۇر تېخنىكىسىنى بىلىدىغان بىرىكمە تىپتىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە تېز تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن جاۋاب بەردى.

«ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىدە تېرىلغۇ يەرلەرنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى ئۈنۈملۈك تەڭشەپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە قانداق تەدبىرلەرنى قوللاندى؟» «قانداق قىلغاندا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئاشلىق، ياغلىق دان زىرائەتلىرىدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش، مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟»... ئەزالار، مۇتەخەسسىسلەر پائال سوئال سورىدى، ئالاقىدار ئورۇنلار ئەستايىدىل جاۋاب بەردى، سوئال سوراش، جاۋاب بېرىش جەريانىدا، چۈشەنچە بېرىلىپ مۈجمەل نۇقتىلار ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئىشەنچ ئاشۇرۇلۇپ، كۈچ مۇجەسسەملەندى.

ئەزالار مۇنداق قارىدى: ئەھۋاللاردىن خەۋەرلەندۈرۈش ئىخچام، مېغىزلىق بولدى، كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا سورالغان سوئاللاردا باش تېمىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، نازارەت، ئىدارىلەر كونكرېت، ئەمەلىي جاۋاب بېرىپ، بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش مەقسىتىگە يەتتۇق، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئاشلىق، ياغلىق دان زىرائەتلىرى ھەم كەسىپلەر تەرەققىيات ئەھۋالى، بولۇپمۇ پەن - تېخنىكا تىرىكى ئارقىلىق ئاشلىق، ياغلىق دان زىرائەتلىرىدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش، مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشەندۇق، بۇنىڭدىن كېيىن مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ئەمەلىي ئادا قىلىمىز، تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە قىلىمىز. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئىلمىي ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئاشلىق، ياغلىق دان زىرائەتلىرىدىن ئەلا سۈپەتلىك يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق، ياغلىق دان زىرائەتلىرىدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش، مول ھوسۇل ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمىز.

نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەھۋاللاردىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىش ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ بۇ يىللىق بىر تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمىتى بولۇپ، ئەزالارنىڭ ئەھۋاللار ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىن تېخىمۇ ياخشى خەۋەردار بولۇش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تونۇشىنى كۈچەيتىش، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.