تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

​شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

​شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

​ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركىزىي كومىتېت دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 2023 - يىللىق شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى خۇلاسىلەندى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرىدىن خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى، قانۇن يۈرگۈزۈشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى، نىزام چىقىرىشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ۋە ئىشخانىسىنىڭ 2023 - يىللىق خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، 2024 - يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى مۇھاكىمە قىلىندى، قاراپ چىقىلدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىلىرى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە، مەسئۇلىيەت ئېغىر، يول يىراق، بىز ھەم بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ساھە، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى تۇتۇپ سىجىل كۈچىشىمىز، ھەم چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىشىمىز كېرەك. سىجىل تۈردە شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، نىشانلىق ئىش كۆرۈپ شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇقىملىقنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك. مۇقىملىقنى تۇتۇش بىلەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر سىياسەت، نىزام سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ نىزام چىقىرىش كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە ئۇيغۇن كېلىدىغان قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قانۇن ئىشلىرى رايونى قۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا سىڭىشىشنى تېزلىتىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قانۇن - نىزام بويىچە ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دىققەتنى قانۇنچىللىقتا خەلقنى كۆزلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنچىللىق جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭى ۋە قانۇن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قانۇننى قاتتىق، ئۆلچەملىك، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش ساھەسىدىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكىنى ئۆستۈرۈپ، ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ھەر مىللەت ئاممىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. دىققەتنى قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. مۇھىم مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئىلمىيلىشىشى ۋە قېلىپلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن جەريانلىق، دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى مۇنەۋۋەر كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، چېن مىڭگو، ۋاڭ جيەنشىن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار، ھەرقايسى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.