تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

ئوماق توشقانچاقلار يەكەن ناھىيەسىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «بېيىش ئىشىكى»نى ئاچتى

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەكەن ناھىيەسى خاس باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، خاس باقمىچىلىقتا تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، كەنتتە بېيىش كەسپى بولۇش، دېھقان ئائىلىلىرىدە كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولى بولۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.

    4-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىر يەكەن ناھىيەسىنىڭ تاغارچى بازىرىدىكى خۇڭشىن چارۋىچىلىق-باقمىچىلىق بازىسىغا كېلىپ، قاتار كەتكەن رەتلىك توشقان كاتەكلىرىدە، مۇلايىم، ئوماق توشقانلارنىڭ سەكرىشىپ ئويناۋاتقانلىقىنى، بودەك توشقانلارنىڭ خۇشال يەم يەۋاتقانلىقىنى، قەپەستىكى يېڭى تۇغۇلغان بۆجەنلەرنىڭ بىر-بىرىگە يۆلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى، بۇ مەنزىرە كىشىنى تولىمۇ خۇشال قىلاتتى. بىر يىگىت توشقان كاتىكىنى تازىلاش، توشقانغا يەم بېرىش بىلەن ئالدىراش ئىشلەۋاتقان بولۇپ، بىردەممۇ بىكار تۇرمايتتى.

    «90-يىللاردا تۇغۇلغان» ياسىن ئەخمەت بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە گۆش توشقىنى باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ بازار ئىستىقبالى ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئىشنىڭ يولىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، خۇڭشىن چارۋىچىلىق-باقمىچىلىق بازىسىغا كېلىپ خىزمەت قىلىپ، گۆش توشقىنى باقمىچىلىق تېخنىكىسى بىلەن پىششىق تونۇشتى ھەم ئىگىلىدى. ئىلگىرى ئىزچىل خىزمەت قىلمىغان ئۇ ئىشىكى ئالدىدا پۇل تېپىپلا قالماي، يەنە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان بولدى، ئىشلەش بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمىدى.
    ياسىن ئەخمەت مۇنداق دېدى: «مەن 100 نەچچە توشقان باقتىم، بۇ يەردە توشقان بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە ئائىلە كىرىمىمنى ئاشۇرالايمەن. مەن كېلەر يىلى نەچچە يۈز توشقاننى كۆپرەك سېتىۋېلىپ، ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەپ توشقان بېقىشنى ئويلاۋاتىمەن».

    گۆش توشقىنى باقمىچىلىق بازىسىدا جەمئىي 9000 دانە نەسىللىك توشقان بار بولۇپ، بازىدا ماشىنىلاشقان يەم-خەشەك ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ۋە يېڭى تىپتىكى ئاپتوماتىك قەپەس سايمانلىرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇھىت كونترول قىلىش سىستېمىسى، ئاپتوماتىك سۇ بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى، ئاپتوماتىك قىغ تازىلاش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلار ئىشلىتىلگەن، پۈتكۈل باقمىچىلىق جەريانىدا تولۇق ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان مۇھىتنى كونترول قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، بۇ يەردە ھەربىر توشقانچاقنىڭ «تۇرمۇشى»ى ئىنتايىن ئېنىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
    شىنجاڭ خۇڭشىن تۇۋېي چارۋىچىلىق پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ئەن جيې مۇنداق بىلدۈردى: «شىركىتىمىزدە ھازىر بىر ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش بازىسى، بىر يەم-خەشەك ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش زاۋۇتى، بەش باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە بىر تەجرىبە توشقىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قاتارلىق يادرولۇق كەسىپلەر بار بولۇپ، نەسىللىك توشقان يېتىشتۈرۈش، نەسىللىك توشقان بېقىش ۋە گۆش توشقىنى سېتىۋېلىش بىر گەۋدە قىلىنغان ئوتتۇرا تىپتىكى توشقان كەسپى شىركىتى. شىركەت <شىركەت+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى>دىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، باقمىچىلىق ئۈسكۈنىلىرى، يەم-خەشەك، تېخنىكا، نەسىللىك توشقان ۋە كاپالەتلىك باھادا سېتىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ باقمىچىلىقتىكى غەم-ئەندىشىسىنى ھەل قىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتى توشقان باقمىچىلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ياراتتى».

    ئىگىلىنىشىچە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىرلىكتە باقمىچىلىق قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ خۇڭشىن تۇۋېي چارۋىچىلىق پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى دېھقانلار %70 مەبلەغ چىقىرىش، شىركەت %30 ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ئەندىزىسىنى يولغا قويغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ھەر ھەپتىدە ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق باقمىچىلىق ئائىلىلىرىگە باقمىچىلىق تېخنىكىسى جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلغان ۋە ئەھۋال ئىگىلەپ مۇلازىمەت قىلغان. كېيىنكى قەدەمدە، بۇ شىركەت ئورگانىك ئوغۇت زاۋۇتى، گۆش توشقىنى قۇشخانىسى، پىششىقلاش زاۋۇتى، يېمەك-ئىچمەك دۇكىنى قاتارلىق يادرولۇق كەسىپلەرنى بەرپا قىلىپ، گۆش توشقىنى كەسپى تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە كېڭەيتىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىلىك توشقان كەسپى گۇرۇھىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ.
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەكەن ناھىيەسى باقمىچىلىق ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشتا «سۈرئەتنى تېزلىتىپ يۈگۈرۈش»نى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، «باشلامچى كارخانا+بازا+دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت تۈرتكە بولۇش ئەندىزىسىنى پائال يولغا قويۇپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، بىر يېزىدا بىر كەسىپنى گەۋدىلەندۈرۈپ، باقمىچىلىق كەسپىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، كۈچەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى. كېيىنكى قەدەمدە، خاس باقمىچىلىق كەسپىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاممىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەشتىكى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، سىياسەت يېتەكچىلىكىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خاس باقمىچىلىق باشلامچىلىرىنىڭ يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى پائال قېزىپ، جارى قىلدۇرۇپ، خاس باقمىچىلىقنىڭ ئۆلچەملىشىش، ئىلمىيلىشىش، كەسىپلىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز.
    جۇڭگو رادىيو-تېلېۋىزىيە شىنجاڭ تور پاي چەكلىك شىركىتى قەشقەر شۆبە شىركىتىنىڭ تاغارچى بازىرى گۈلباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى سۈي يۈەنچىڭ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، كەنتىمىز <بازا+دېھقان ئائىلىسى+بازار> ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كەنتىمىزدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى نەسىللىك توشقان باقمىچىلىقىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇردى. ھازىر، كەنتىمىزدىكى 20 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى توشقان بېقىش سېپىگە قوشۇلۇپ، توشقان بېقىش كەسپى ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي پايدىدىن بىرلىكتە بەھرىلەندى. نەسىللىك توشقان باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش يېزا-كەنت كەسىپلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كەنت ئاھالىلىرىگە ئەمەلىي ئىقتىسادىي نەپ ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى تەدرىجىي ھالدا <ھەميېنى>نى تومپايتىپ، پۇختا قەدەم بىلەن <بېيىش يولى>غا ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى».

(يەكەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى ئەكبەر ئەلى، زۇلفىنۇر نۇرمەمەت)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.