تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بازاردىكى يېڭىلىقلار ③丨 بازار «گۈل»لەرنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانىغا ئايلاندى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك

    4 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى يەكشەنبە، كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرىنىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق بۇخەلچەم تۇرسۇن چىرايلىق گىرىم قىلىپ، ئۇچىسىغا پارقىراق كۆز تۇتۇلغان قىزىل رەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىپ، قۇلىقىغا چۇچۇلا ھالقا تاقاپ، پۇتىغا قارا رەڭلىك ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ، كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى بازارغا كەلدى.

   بۇ، شۇ جايدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بازار بولۇپ، مەززىلىك تائاملاردىن كىيىم ـ كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇمى، قوغۇن ـ تاۋۇز، مېۋە ـ كۆكتات، ئاشلىق ـ ياغ، گۆش، تىرىك چارۋا قاتارلىقلارغىچە ھەممىسى تولۇق بولۇپ، 1000غا يېقىن سودىگەر ۋە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئېقىمى گىرەلىشىپ كىشىلەرنىڭ ھاياجانلىق سادالىرى ياڭرىغان قىزغىن مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى.

    «بازارغا كېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق چىرايلىق كىيىنىۋاپسىز ـ دە؟» دەپ سورىدىم.

    «ئۇنداق ئەمەس، كۈندە مۇشۇنداق چىرايلىق كىيىنىمەن!» بۇخەلچەم پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۇپ، بىر كىيىم ـ كېچەك يايمىسىنىڭ ئالدىدا توختىدى.

4-ئاينىڭ 21-كۈنى، كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ بازاردا، چىرايلىق كىيىنىۋالغان بىر ئايال كىيىم-كېچەك رايونىدا كىيىم سېتىۋالماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك فوتوسى

    35 ياشلىق بۇخەلچەم كوناشەھەر ناھىيەسىگە جايلاشقان قەشقەر جياڭگوگو يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەيدۇ، ئايلىق مائاشى 3500 يۈەن، ئېرى كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى كۆكتات بازىسىدا ئىشلەيدۇ، ئىككىسى بىر ئايدا 6000 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىدۇ.

    ئىلگىرى ئائىلىسىدە ئۆي ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇخەلچەم ھازىر تېخىمۇ كۆپ ئىستېمال ئەركىنلىكىگە ئىگە بولدى، بازاردىكى كىيىم ـ كېچەك رايونى ئۇ ئايلىنىشنى ئەڭ ياقتۇرىدىغان جاي.

    «كىرىپ كۆرۈپ بېقىڭە، بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ يىلقى ئەڭ يېڭى پاسونلار.» يايما ئىگىسى 40 نەچچە ياشلىق بۇئامىنە ئوسماننىڭ بازاردا كىيىم ـ كېچەك سېتىۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولغانىدى، ئۇ ھازىر مودا بولۇۋاتقان كىيىم ـ كېچەكلەرنىڭ پاسونى، رەڭگىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، كىرگۈزگەن ماللار ھەمىشە خانىم ـ قىزلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىدۇ.

    «ئىككى يىل ئىلگىرى، ئېرىم بىلەن ئۆيدە قوي ـ كالا باقاتتۇق، بىر قېتىم بازار ئايلانغىلى كېلىپ، چىرايلىق كىيىملەرنى، يەنە كىيىم ساتىدىغان ئاچا ـ سىڭىللارنى كۆرۈپ، تۇيۇقسىز ئۆزۈممۇ بازاردا يايما ئېچىپ سىناپ بېقىشنى ئويلاپ قالدىم» دېدى بۇئامىنە. قوي ـ كالا بېقىپ پۇل تاپقىلى بولسىمۇ، لېكىن بۇئامىنە ئۆزى قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى تاللىدى.

    ئىككى يىلدىن بۇيان، بۇئامىنە كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى چوڭ ـ كىچىك بازارلاردا تىرىشىپ مال ساتتى، ئازراقمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمىدى، ئېرىمۇ ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللىدى. «كىيىملەرنى ياخشى سېتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزۈم چىرايلىق ياسانمىسام بولمايدۇ» دېدى بۇئامىنە كۈلۈمسىرىگىنىچە.

   گەپ ئارىلىقىدا، بۇخەلچەم ئىككى جۈپ پايپاق تاللاپ، پۇلىنى تۆلەپ، بۇئامىنە بىلەن خوشلاشتى.

    «ئەمەلىيەتتە، ھازىر ئاياللارنىڭ بازار ئايلىنىشى ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ!» بۇخەلچەم مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بازارغا ئۆي لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈنلا كېلەتتۇق، تونۇشلار ئۇچرىسا پاراڭلىشىپ قوياتتۇق، لېكىن ھازىر بۇ جاي كۆپچىلىك ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە بولۇپ قالدى.

    ھازىر، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا ـ كەنت بازارلىرىنى ئايلانغاندا، ئىلگىرى قازان بېشىنى چۆرگىلەپ يۈرىدىغان يېزا ئاياللىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ چىرايلىق، مودا كىيىم ـ كېچەكلەرنى كىيگەنلىكىنى، چېھرىدە ئىشەنچكە تولغان تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغانلىقىنى؛ بەزىلىرىنىڭ غەيرەتكە كېلىپ بازاردا يايما ئېچىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق گۈزەل ئىستىقبالىنى يارىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

4-ئاينىڭ 21-كۈنى، كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ بازاردا، بىر ئايال ئۆز ئۆيىنىڭ ئەگمە پارنىكىدا ئۆستۈرگەن گۈللەرنى ساتماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك فوتوسى

   «تاغا ـ ھەدىلەر، بۇ بىزنىڭ يېڭى مەھسۇلاتىمىز، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىمىز بار، بەك مۇۋاپىق باھادا سېتىۋالالايسىلەر.» 4 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، پوسكام ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ يېزىسىدىكى بازاردا، 26 ياشلىق مېھرىبان قادىر قولىدىكى مەھسۇلاتلارنى قىزغىنلىق بىلەن تونۇشتۇرۇۋاتاتتى. ئىككى يىل ئىلگىرى، مېھرىبان شىنجاڭدىكى بىر ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن گۈلباغ يېزىسىغا قايتىپ كېلىپ، ئاتا ـ ئانىسىنىڭ كىچىك دۇكىنىنى ئاچتى. بۇ يىل، ئۇ ئاقسۇ شەھىرىدىكى يۇيۇش ـ ئاسراش بۇيۇملىرى شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ۋاكالەتچى بولدى، مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش يوللىرىنى ئېچىش ئۈچۈن، ئۇ بازارغا كەلدى.

    «بازاردا يايما ئېچىشنىڭ تەننەرخى يۇقىرى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە تېخىمۇ كۆپ نىشانلىق خېرىدارلار بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرغىلى، ئىستېمالچىلار بىلەن تېخىمۇ تېز ئالاقە ئورناتقىلى بولىدۇ.» مېھرىبان مۇنداق دېدى: دەسلەپتە بازاردا يايما ئېچىشنى پىلانلىغاندا، بازاردا تونۇشلىرىمنىڭ ئۇچراپ قېلىشىدىن خىجىل بولغانىدىم، باشقىلارنىڭ ئۇنى ـ بۇنى دېيىشىدىن ئەنسىرەپ، كاللامدا بىر مەھەل توقۇنۇش بولغانىدى.

   «ئەمما ھازىر كەيپىياتىم ناھايىتى ياخشى، مەھسۇلاتلارنى كۆرگىلى كەلگەن خېرىدارلار ناھايىتى كۆپ، مەنمۇ ئۇنچە خىجىل بولمايدىغان بولدۇم.» ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر تۇرمۇش شارائىتىمىز ياخشىلاندى، كىشىلەر تازىلىققا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، ئۇلاردا تېخىمۇ ياخشى تەسىرات قالدۇرىدىغان بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ھەمدە ئاياللار يۇيۇش ـ ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇشمۇ بىر ئەھمىيەتلىك ئىش.

4-ئاينىڭ 19-كۈنى، پوسكام ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ يېزىسىدىكى بازاردا، بىر ئايال ئېرىنىڭ ھەمراھلىقىدا يېڭى ئاياغنى كىيىپ سىنىماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك فوتوسى

    يېقىندا، قەشقەر شەھىرى خاڭدى يېزىسىدىكى بازاردا پۇقرالار سەھنىسى يېڭىدىن ياسالدى، يېزا ـ بازارلارغا قاراشلىق 11 يېزا ـ كەنت ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئەترىتى نۆۋەت بىلەن بۇ جايغا كېلىپ ئويۇن قويىدۇ. بازاردا گۈل ساتىدىغان ئارزۇگۈل قاسىممۇ ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، كەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرگە قاتناشقانىدى.

    «بازاردا ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ئادەم ناھايىتى كۆپ، بۇ يەردە نومۇر ئورۇنلىسام جىددىيلىشىمەن، لېكىن يەنە ھاياجانغا چۆمىمەن.» سەھنىگە نەزەر سالغاندا ئۇنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى.

    جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بۇ يېزا ـ كەنت بازارلىرى «گۈل»لەرگە يېڭى دۇنيانىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەرمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.