تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەملىكەت بويىچە «يىللىق ئەڭ گۈزەل كىتابخانا» ئېلان قىلىندى شىنجاڭدىن ئىككى كىتابخانا تاللاندى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى  4-ئاينىڭ 24-كۈنى، 3-نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنى . يىللىق ئەڭ گۈزەل كىتابخانىنى ئېلان قىلىش پائالىيىتى يۈننەن كۇنمىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، مەملىكەت بويىچە 53 كىتابخانا «يىللىق ئەڭ گۈزەل كىتابخانا» بولۇپ باھالاندى، شىنجاڭدىن ئىككىسى بار بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭ شىنخۇا كىتابخانىسى جىشىن كىتاب شەھەرچىسى ۋە قەشقەر شىنخۇا كىتابخانىسى تۇمشۇق شەھىرى سىياسىي-قانۇن مەكتەپ كىتابخانىسى.

​شىنجاڭ شىنخۇا كىتابخانىسى جىشىن كىتاب شەھەرچىسىدە ئوقۇش رايونى تەسىس قىلىنغان.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى فوتوسى

 شىنجاڭ شىنخۇا كىتابخانىسى جىشىن كىتاب شەھەرچىسى 2023-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى تىجارەت باشلىغان بولۇپ، شىنجاڭ شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ 152-تىجارەت تور نۇقتىسى، تىجارەت كۆلىمى 6752.48 كىۋادرات مېتىر، ھازىر 50 مىڭدىن ئارتۇق تۈردىكى كىتاب بار، كىتاب، مەدەنىيەت، ئىستىراھەت بىر گەۋدىلەشكەن، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنى كۆپ ئىقتىدارلىق، ھەر تەرەپلىمە، يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان زامانىۋى چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال كىتاب سېتىۋېلىش مەركىزى. 1-قەۋەتتە ئىجتىمائىي پەنلەر زالى ۋە مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى ئوقۇشلۇقلار زالى، 2-قەۋەتتە ئەدەبىيات زالى، مەدەنىيەت-مائارىپ زالى، ئۆسمۈرلەر زالى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك سارىيى، چاي بوشلۇقى، تەبىئىي پەنلەر زالى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش باغچىسى، مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ئىجادىيىتى، ئىستىراھەت، كىتاب ئوقۇش قاتارلىق رايونلار جايلاشقان بولۇپ، چاي، قەھۋە، گۈللۈك، ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنتلەر، تائاملار قاتارلىق مول ئېلېمېنتلار ماسلاشتۇرۇلغان، يەر ئاستى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 350ى سەپلەنگەن.

 «بىز ھەپتە ئاخىرى، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى قاتارلىق ۋاقىتلاردا، يازغۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنى، ئوقۇرمەنلەر سالونى، ئائىلە تەربىيەسى سالونى، تەتقىقات-ئۆگىنىش پائالىيىتى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇش تەسىراتىنى بېيىتىمىز. كىتابخانىنىڭ ھېس قىلىش بوشلۇقىنى ئورۇنلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى پائالىيەت سورۇنى قىلىشقا بولىدۇ، ئۆسمۈرلەر زالى كىچىك دوستلارنىڭ يىغىلىش، زاكاز قىلىش پائالىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ». جىشىن كىتاب شەھەرچىسىنىڭ مەسئۇلى مېن لى مۇنداق تونۇشتۇردى: كىتاب شەھەرچىسى «يۇقىرى بوشلۇق تەسىراتى + بىرىكمە كەسىپ ھالىتى ۋە سۇپا تىجارىتى» ئەقلىي كىتاب شەھەرچىسىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەدەنىيەت بوشلۇقى ۋە مەنىۋى ماكان بەرپا قىلدى، باشقا جايدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر شىنجاڭنىڭ ئادىمىيەت ھارارىتىدىكى شەھەر مەدەنىيەت بەلگىسىنى ھېس قىلدى.

 ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى باھالاشتا كىتابخانىلارنىڭ قىزىل كىلاسسىك گۈزەللىكى، ئوقۇش مۇلازىمىتىنىڭ گۈزەللىكى، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش گۈزەللىكى، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش گۈزەللىكى، يۇغۇرما تەرەققىيات گۈزەللىكى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش گۈزەللىكى، بوشلۇق لايىھەلەش گۈزەللىكىدىن ئىبارەت يەتتە نۇقتىدىن ئويلىشىلغان. يىللىق ئەڭ گۈزەل كىتابخانىنى ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئەمەلىي كىتابخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەركەزلەشكەن، بۇ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم پائالىيىتى. 2022-يىلىدىن بۇيان ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، «يىللىق ئەڭ گۈزەل كىتابخانا»دىن جەمئىي 149ى باھالىنىپ، ئەمەلىي كىتابخانىلارنى رەقەملەشتۈرۈش، يۇغۇرۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئەندىزە ئۆرنىكى ۋە تەجرىبە پايدىلانمىسى بىلەن تەمىنلىگەن، بۇ، بىر قەدەر ياخشى ئۈلگىلىك رولغا ئىگە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.