تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   گۈزەل شىنجاڭ

89 تۈپ! قەشقەر شەھىرىدىكى قەدىمىي، داڭلىق دەرەخلەر ئېلان قىلىندى ئەڭ چوڭىنىڭ يېشى 235 ياش

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى قەشقەر قەدىمىي شەھەر ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، قەشقەر شەھەرلىك كۆكەرتىش كومىتېتى قەشقەر شەھىرىدىكى قەدىمىي، داڭلىق دەرەخلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان.

    قەدىمىي، داڭلىق دەرەخلەرنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇ يىل قەشقەر شەھىرى قەدىمىي، داڭلىق دەرەخلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلىدى. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق، قەشقەر شەھىرىدە ھازىر 89 تۈپ قەدىمىي، داڭلىق دەرەخ بارلىقى ئېنىقلاندى، بۇلارنىڭ ھەممىسى 3-دەرىجىلىك قەدىمىي دەرەخ (دەرەخ يېشى 100 يىلدىن 299 يىلغىچە) بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭىنىڭ يېشى 235 ياش ئىكەن، بۇ يېشى ئەڭ چوڭ دەرەخ ئىككى تۈپ بولۇپ، بىرى، ئاق ئۈچمە دەرىخى، يەنە بىرى، ئاق تېرەك ئىكەن.

    ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 89 تۈپ قەدىمىي، داڭلىق دەرەخ جەمئىي يەتتە ئائىلە، توققۇز ئۇرۇقداش، 14 خىل دەرەخ تۈرىگە چېتىلىدىكەن، ئاساسلىق دەرەخ تۈرلىرىدىن ئاق تېرەك، سېدە، ئەرمۇدۇن، سۆگەت قاتارلىقلار بار ئىكەن.

سۈرەت قەدىمىي شەھەر قەشقەر ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىندى

    قەدىمىي دەرەخ يېشى 100 يىلدىن ئاشقان دەرەخلەرنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، يېشى 500 يىلدىن ئاشقىنى 1-دەرىجىلىك قەدىمىي دەرەخ، يېشى 499 يىلدىن 300 يىلغىچە بولغىنى 2-دەرىجىلىك قەدىمىي دەرەخ، يېشى 299 يىلدىن 100 يىلغىچە بولغىنى 3-دەرىجىلىك قەدىمىي دەرەخ ھېسابلىنىدۇ. داڭلىق دەرەخ مۇھىم تارىخىي، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن، مەنزىرە قىممىتى ۋە مۇھىم خاتىرىلەش ئەھمىيىتىگە ئىگە دەرەخنى كۆرسىتىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قەدىمىي دەرەخ شاھى − قارىياغاچ.

سۈرەت شىنجاڭ ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىندى

   ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدا ھازىر بار بولغان قەدىمىي دەرەخ، داڭلىق دەرەخلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 30 مىڭ 801 تۈپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، قەدىمىي دەرەخ 30 مىڭ 719 تۈپ، داڭلىق دەرەخ 82 تۈپ ئىكەن. دۆلەت 1-دەرىجىلىك قەدىمىي دەرەختىن 110 تۈپ، 2-دەرىجىلىك قەدىمىي دەرەختىن 629 تۈپ، 3-دەرىجىلىك قەدىمىي دەرەختىن 29 مىڭ 980 تۈپ بار ئىكەن. قەدىمىي دەرەخ توپىدىن 22سى بولۇپ، ئومۇمىي تۈپ سانى 24 مىڭ 533 ئىكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.