ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى خۇش خەۋەر! «1-ماي» بايرىمىدا ساياھەتكە چىقىشتا يەنە بىر يېڭى تاللاش كۆپەيدى! «قاراجون ساياھىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، تېكەس ناھىيەسىگە جايلاشقان دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ھېسابلىنىدىغان قاراجون مەنزىرە رايونى رەسمىي ئېچىلىدۇ.
ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، ساياھەتچىلەرگە شۇ جاينىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىنى تېخىمۇ ئەركىن، راھەت ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، باغچا ئېچىلغان كۈندىن باشلاپ، قاراجون مەنزىرە رايونىدا ماس قەدەمدە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ئەندىزىسى يولغا قويۇلىدۇ.
«قاراجون ساياھىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسى كونكرېت ھالدا: ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ شەرقىي دەرۋازا مۇلازىمەت مەركىزى−ۋەننا مۇلازىمەت مەركىزى(مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت ئاپتوموبىلىغا ئالمىشىپ گۈل سۇپىسى ۋە بۈركۈت سۇپىسىغا بارىسىز)−بادام مەنزىرە نۇقتىسى-شېنمۇ ئورمان مەنزىرە نۇقتىسى−جاساغان كىچىك بازىرى مەنزىرە نۇقتىسى−بۈركۈت قەبىلىسى مەنزىرە رايونى-ئۇيسۇن شادۇ مۇلازىمەت رايونى−شىچۈەن مۇلازىمەت رايونى−قاراجون ئارقان يولى بېكىتى مۇلازىمەت رايونى−بۇلاق ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى بولۇپ، يەككە مۇساپىسى تەخمىنەن 36 كىلومېتىر ئىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل يەنە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى كېڭەيتىپ ياسىدى ھەمدە يول بويى مۇلازىمەت ئۆتىڭى تەسىس قىلدى. قاراجون مەنزىرە رايونى كۆكسۇ چوڭ جىلغىسى، قاراجون يايلىقى، ئوتتۇرا تىيانشان قارلىق چوققىسى ۋە تيەنلەي ئورمانلىقىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ مەنزىرە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەنزىرىسى بىپايان، گۈزەل بولۇپ، ساياھەت قىلىش ۋە سۈرەتكە تارتىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، ئەڭ ياخشى ساياھەت پەسلى 5-ئايدىن 9-ئايغىچە.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى