تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

ئاۋاتتا شاپتۇل چېچىكى بەس -بەستە ئېچىلىپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

   4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ باغتوغراق يېزىسى گۈلجىلغا كەنتىدىكى 100 مو شاپتۇللۇق باغدا، يىراقلارغا نەزەر سالساق، ھەممە يەرنى بىر ئالغان شاپتۇل چېچەكلىرى خۇددى تاڭ شەپىقىدەك جۇلالىنىپ تۇراتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەسى باغتوغراق يېزىسى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە كېڭەيتىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، دېھقانلارنى كۆپ خىل سورتلۇق شاپتۇل ئۆستۈرۈش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، كەسىپ ئاساسى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يېزا مېۋە ئۈزۈش، تاماشا قىلىش، ساياھەت قىلىش بىر گەۋدە قىلىنغان ئېكولوگىيەلىك تېرىقچىلىق رايونىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلىپ، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەۋلانجان مۆمىن    ساۋ خەيلۇڭ) 

ساياھەتچىلەر شاپتۇللۇق باغدا چېچەكلەرنى تاماشا قىلماقتا.

ساياھەتچىلەر شاپتۇللۇق باغدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.