تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بوران قار-يامغۇرلۇق ھاۋارايىنى باشلاپ كەلمەكتە، كەلگۈسى بىرنەچچە كۈندە شىنجاڭنىڭ ھاۋارايى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ ←

  شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، كەلگۈسى بىرنەچچە كۈندە، شىنجاڭدا شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىدا 4 بالدىن 5 بالغىچە شامال چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا 9 بالدىن 10 بالغىچە بوران چىقىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم تاغلىق رايونلىرىدا يامغۇر ياكى قار ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، مۆلدۈر، گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بىرقەدەر چوڭ بولىدىكەن، كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايىنىڭ پايدىسىز تەسىرىدىن ساقلىنىش زۆرۈر ئىكەن.

پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئۈچ كۈنلۈك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

  4-ئاينىڭ 24-كۈنى كۈندۈزدە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، شەرقىي قىسمى، ئالتاي تېغىنىڭ تاغلىق رايونى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي يانباغرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ)، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ ۋە ياكى قار ياغىدۇ. شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 4 بالدىن 5 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزىدا 9 بالدىن 10 بالغىچە بوران چىقىدۇ، 11 بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ، قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.

  4-ئاينىڭ 24-كۈنى كېچىدىن 25-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونى ۋە ئىككى تەرىپى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي يانباغرى، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ)، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى دەريا ۋادىسى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ۋە ياكى قار ياغىدۇ، ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدۇ. شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 4 بالدىن 5 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا 9 بالدىن 10 بالغىچە بوران چىقىدۇ، قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.

  4-ئاينىڭ 25-كۈنى كېچىدىن 26-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونى ۋە شىمالىي ئېتىكى، قومۇل شەھىرى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايون، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ)، بۇنىڭ ئىچىدە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، تىيانشان تاغلىق رايونى ۋە شىمالىي ئېتىكى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ ۋە ياكى قار ياغىدۇ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ. شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، شىمالىي قىسمى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 4 بالدىن 5 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزىدا 9 بالدىن 10 بالغىچە بوران چىقىدۇ، قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.

  ئالدىن مەلۇماتقا تەسىر كۆرسىتىش ۋە خەۋپ-خەتەردىن سىگنال بېرىش ئەسكەرتمىسى:

  1. كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، شامال ئېغىزىدا شامال كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، قاتناش-تىرانسپورتقا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا قاتناش-تىرانسپورتنى باشقۇرۇش ۋە بوراندىن مۇداپىئە كۆرۈپ پارنىكلارنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، شەھەر ئاممىسى ئېگىزدىن نەرسە-كېرەكلەرنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.

  2. كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، مۆلدۈر، گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايىنىڭ پايدىسىز تەسىرىدىن مۇداپىئەلىنىش كېرەك.

بىر قىسىم شەھەرلەرنىڭ يەتتە كۈنلۈك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

  كەلگۈسى بىر ھەپتىدە، شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، 27-كۈنى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن بولىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يەتتە كۈنلۈك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

سانجى شەھىرىنىڭ يەتتە كۈنلۈك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

غۇلجا شەھىرىنىڭ يەتتە كۈنلۈك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

قەشقەر شەھىرىنىڭ يەتتە كۈنلۈك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

ئالتاي شەھىرىنىڭ يەتتە كۈنلۈك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

شىخەنزە شەھىرىنىڭ يەتتە كۈنلۈك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

كورلا شەھىرىنىڭ يەتتە كۈنلۈك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

قاراماي شەھىرىنىڭ يەتتە كۈنلۈك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

  پۈتۈن شىنجاڭدىكى 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتى

ئۇنىۋېرسال مەنبە: شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ۋېيبوسى، جۇڭگو ھاۋارايى تورى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.