4-ئاينىڭ 22-كۈنى، كۈنەس ناھىيەسى بەشتۆپە يېزىسىنىڭ كۆممىقۇناق ئېتىزىدا، بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى ئۇرۇقنى ئېتىزغا دەل جايىدا چېچىش، سولياۋ يوپۇقنى تەكشى ياتقۇزۇش، ئوغۇتلاش، تېرىشتىن ئىبارەت ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىر گەۋدىلەشكەن مەشغۇلاتنى باشلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۈنەس ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز يۈرۈشلەشتۈرۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا-ئۈسكۈنىلىرىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق، «ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكى»نى «ئاقىل يېزا ئىگىلىكى» تىپىگە ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى. بۇ يىل، كۈنەس ناھىيەسى 67 مىڭ مو يەرگە كۆممىقۇناق تېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، 5-ئاينىڭ بېشىدا تېرىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش مۆلچەرلەنمەكتە. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ ۋېنتىڭ، ساۋ شياۋجۈەن، دەي يامېي)
تېرىقچىلىق ئائىلىسى كۆممىقوناقنىڭ تېرىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى شوپۇرى بىلەن تېرىقچىلىق ئائىلىسى سولياۋ يوپۇقنى ئالماشتۇرماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى