تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئەتىگەندە ماي قاچىلىسا تېخىمۇ پۇل تېجىگىلى بولامدۇ؟ رەنيوۋباۋ يىغىلىپ قالغان كاربوننى تازىلىۋېتەلەمدۇ؟ تۇرمۇشتىكى «ماي قاچىلاش»قا ئائىت خاتا قاراشلارنى چۈشىنىپ باقايلى (2)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

پىتنە- ئىغۋا: ماينىڭ نومۇرى قانچە يۇقىرى بولسا، سۈپىتى شۇنچە ياخشى بولىدۇ

ھەقىقىي ئەھۋال: ماينىڭ نومۇرى بىلەن سۈپىتىنىڭ بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق

بېنزىننىڭ ئاساسلىق تەركىبى C12 ~ C5 ياغ ھىدروكاربونلىرى ۋە نافتېنلىق ھىدروكاربونلار ھەمدە مەلۇم مىقداردىكى ئاروماتىك ھىدروكاربونلار بولۇپ، نېفىتتىن ئايرىۋېلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ بىر خىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بېنزىننىڭ ئوكتان قىممىتى بىرقەدەر يۇقىرى، يەنى پارتلاشقا، تەۋرىنىشكە، كۆيۈشكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بار.

 دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن- نىزاملاردىكى ئۆلچەمگە ئاساسەن، بېنزىن ماركا نومۇرى بويىچە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ ۋە سېتىلىدۇ، نومۇرى ئوكتان قىممىتى بويىچە ئايرىلىدۇ، دۆلەتنىڭ 4- باسقۇچلۇق ئۆلچىمىدە بېنزىن ماركا نومۇرىدىن ئۈچى بار بولۇپ، ئايرىم- ئايرىم 90- نومۇرلۇق، 93- نومۇرلۇق، 97- نومۇرلۇق. دۆلەتنىڭ 5- باسقۇچلۇق ئۆلچىمىدىكىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 89-، 92-، 95-، 98- نومۇرلۇق. ماركا نومۇرى قانچە يۇقىرى بولسا، پارتلاشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.

 95- نومۇرلۇق بېنزىننىڭ باھاسى 92- نومۇرلۇق بېنزىندىن يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئائىلە ئاپتوموبىللىرىغا ئادەتتە 95- نومۇرلۇق بېنزىن قاچىلىنىدىغان بولغاچقا، ئاز بولمىغان ئاپتوموبىل ئىگىسى ماي نومۇرى قانچە يۇقىرى بولسا سۈپىتى شۇنچە ياخشى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، ھەتتا بەزىلەر كۆيۈش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئالايىتەن يۇقىرى ئۆلچەملىك بېنزىن قاچىلايدۇ.

 بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى پەن- تېخنىكا تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسور دەرىجىلىك ئالىي ئىنژېنېرى گو چۈن مۇنداق بىلدۈردى: بېنزىننىڭ نومۇرى پارتلاشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، لېكىن سۈپىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، كۆپ ساندىكى پۇقرالار ئىشلىتىدىغان بېنزىن موتورلىرى «ھاۋا سۈمۈرۈش − قىسىش − كۆيدۈرۈش − گاز چىقىرىش»تىن ئىبارەت تۆت خىل ھالەتتە دەۋر قىلىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، كونكرېت قانداق ماي مەھسۇلاتلىرىنى قاچىلاشتا، ئاساسلىقى «قىسىش نىسبىتى»دىن ئىبارەت بۇ پارامېتىر ئاساس قىلىنىدۇ.

 قىسىش نىسبىتى پورشېننىڭ تۆۋەنكى توختاش نۇقتىسى بىلەن يۇقىرى توختاش نۇقتىسىدىكى سىلىندىر ھەجىمىنىڭ نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ. موتورنىڭ سىقىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان ئاپتوموبىللارنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ ياخشى، ئىسسىقلىق ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، ئاپتوموبىلنىڭ تېزلىنىشى، ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى قاتارلىقلارمۇ مۇناسىپ ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. شۇڭا، ئوتتۇرا دەرىجىلىك نۇرغۇن ئاپتوموبىلغا سىقىش نىسبىتى يۇقىرى موتور ئىشلىتىلىدۇ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بېنزىن قاچىلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئىخچام تىپتىكى ئاپتوموبىل، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارغا سىقىش نىسبىتى تۆۋەن موتور ئىشلىتىلىدۇ، تۆۋەن ئۆلچەملىك بېنزىن قاچىلاش يېقىلغۇ تېجەشچانلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.

 گو چۈن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئىستېمالچىلار ئالايىتەن يۇقىرى نومۇرلۇق بېنزىن قاچىلىماي، زاۋۇت كۆرسەتكەن نومۇر بويىچە ماي قاچىلىشى كېرەك، شۇنداقلا يەنە موتورنىڭ قىسىش نىسبىتىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىشقىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، قىسىش نىسبىتى 8.0 ~ 8.5 بولسا 92 ~ 95- نومۇرلۇق بېنزىننى تاللاشقا بولىدۇ، قىسىش نىسبىتى 8.5 ~ 9.0 بولسا 95- نومۇرلۇق بېنزىننى تاللاشقا بولىدۇ، قىسىش نىسبىتى 9.5 ~ 10.0 بولسا 95 ~ 98- نومۇرلۇق بېنزىننى تاللاشقا بولىدۇ، ئەمما قىسىش نىسبىتى 10.0دىن يۇقىرى بولسا 98- نومۇرلۇق بېنزىننى قاچىلىسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

 (داۋامى بار)

 پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو ئالاقە تورى بىرلەشمە رەددىيە بېرىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.