تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئۆرۈك چېچەكلىدى» تېمىسىدىكى MV تورغا چىقتى «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە ئەڭ گۈزەل كادىر» چېن شۇگو ياد ئېتىلدى

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى 

    «ئۆرۈك چېچەكلىدى، باھار كەلدى، مەن سىزگە ناخشا ئېيتىپ بېرەي ......» 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت ئىدارىسى تەشكىللەپ ئىشلىگەن ئىجادىي مۇزىكىلىق سىن «ئۆرۈك چېچەكلىدى» تورغا چىقىرىلدى. «ئۆرۈك چېچەكلىدى» ناملىق شېئىرنىڭ ئاپتورى تۇرپاندا نامى چىققان شائىر، ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن شۇگو بولۇپ، ئىلگىرى خەلق گېزىتى تەرىپىدىن «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە ئەڭ گۈزەل كادىر» دەپ تەرىپلەنگەن، ئۇنىڭ سەرخىل ۋېيبوسى ئىلگىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەچچە يۈز مىڭ «مەستانىلەر»نى جەلپ قىلغان. 2015-يىلى 2-ئايدا، «خەلق گېزىتى» «ئارزۇ تۇرپاندا چېچەكلىدى - <شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە ئەڭ گۈزەل كادىر> چېن شۇگو توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا چېن شۇگونىڭ ئىش ئىزلىرىنى خەۋەر قىلغانىدى. 2016-يىلى 2-ئايدا، چېن شۇگو كېسەل سەۋەبىدىن بەختكە قارشى ۋاپات بولدى. 

چېن شۇگونىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سۈرىتى.

سۈرەت مەنبەسى: خۇنەن مائارىپى 

    چېن شۇگو 2011-يىلى 2-ئايدا خۇنەننىڭ 6-تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەترىتى بىلەن بىللە تۇرپان ۋىلايەتلىك (ھازىرقى تۇرپان شەھەرلىك) مائارىپ ئىدارىسىدا ۋەزىپە بىلەن چېنىققان، 2012-يىلى 7-ئايدا، ئاشكارا تاللاش ئارقىلىق تۇرپان شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان، «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىر» دىن «شىنجاڭدا قالغان كادىر» غا ئايلانغان. ئۇ ئىلگىرى تۇرپاننىڭ ئىشلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، سىناپ باققۇسى بارلىقىنى، بۇ قېتىم تۇرپاندا قالىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. 

«بىر كىتابنى ئېلىپ تۇرپانغا بېرىش» 

   2011-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى، چېن شۇگو شىنجاڭغا كەلدى. ئۇنىڭ سالاھىيىتى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ 6-تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەترىتى مائارىپ گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، تۇرپان ۋىلايەتلىك (ھازىرقى تۇرپان شەھەرلىك) مائارىپ ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولۇپ، ئوقۇتۇش-تەتقىقات ۋە مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولدى. 

   بۇيلۇق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىدە، چېن شۇگو شۇ جايدىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپتە بالىلار دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇقىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن، چېن شۇگو ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، ھەر قايسى جايلاردىن دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇقلارنى توپلىدى. 2012-يىلى ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش باشلانغاندا، چاڭشادا دەم ئېلىۋاتقان ئۇ بالىسىنى ئېلىپ خۇنەن 1-سىفەن داشۆسى 2-شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپىگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇردى، يەنە بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى، چوڭ ئەترەت يېتەكچىسىنى ئىزدەپ، «باھاردىكى بۇيلۇق» نامىدا كىتاب يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، خۇنەنلىك بالىلارنى كىتاب ئىئانە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، 3000 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب بۇيلۇق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىگە يەتكۈزۈلدى. چېن شۇگو تۆمۈرنى قىززىقىدا سوقۇپ، ۋىلايەت بويىچە كىتاب ھىدىغا تولغان مەكتەپ قۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. كىتاب يېتىشمىسە، ئۇ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەترىتىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى كىتاب ئىئانە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى. 

«باھاردىكى بۇيلۇق» نامىدىكى كىتاب يەتكۈزۈش پائالىيىتى.

سۈرەت مەنبەسى: خۇنەن مائارىپى 

    2012-يىلى 7-ئايدا، چېن شۇگو تۇرپان ۋىلايەتلىك (ھازىرقى تۇرپان شەھەرلىك) ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقىلىق خىزمەت ئورنىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى، ئۇ بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، يەنە «تۇرپانغا بىر كىتاب ئېلىپ بېرىش» پائالىيىتىنى پىلانلاپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، تۇرپانغا بارىدىغان ساياھەتچىلەرنى تۇرپاندىكى بالىلارغا كىتاب ئالغاچ بېرىشقا چاقىرىق قىلدى. ئەينى چاغدا مەكتەپتە 12 سىنىپ بار بولۇپ، ھەر بىر سىنىپنىڭ ئۆزىنىڭ «كىتابخانىسى» بار ئىدى، كىتاب 400 پارچىدىن ئاشاتتى، چېن شۇگومۇ ھەر يىلى 2000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل چىقىرىپ بالىلارغا ئۇدا ئۈچ يىللىق ژۇرنال زاكاز قىلىپ بەردى. 

    چېن شۇگو شىنجاڭغا كەلگەن مەزگىل، دەل خۇنەننىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرىدا تۇنجى بولۇپ مائارىپتا كۈچلۈك ئۆلكە بەرپا قىلىش قىزغىن كەيپىياتى كۆتۈرۈلۈۋاتقان مەزگىل ئىدى. خۇنەننىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى تۇرپانغا قانداق كىرگۈزۈش كېرەك؟ چېن شۇگو ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «يىپەك يولىدىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار مۇنبىرى»، «شاپتۇل چېچىكى پەرىزاتى»دىن 1000نى كۆپەيتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى پىلانلاپ قانات يايدۇردى، خۇنەن بىلەن شىنجاڭنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان بىر مەيدان مائارىپ ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى شۇنىڭ بىلەن باشلاندى. 

تۇرپان ساياھەتچىلىكىگە مەدەنىيەت كىرگۈزۈش 

   ئەسلىدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار ئۈچ يىللىق مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئەسلىدىكى جايىغا قايتسا بولاتتى. 2012-يىلى 8-ئايدا، ئۇ تۇرپان ۋىلايەتلىك (ھازىرقى تۇرپان شەھەرلىك) ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى ئاشكارا تاللاشقا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى، جەمئىي توققۇز كىشى يېزىقچە ئىمتىھانغا قاتناشتى، چېن شۇگو ئىمتىھاندا بىرىنچى بولۇپ تاللاندى. 

چېن شۇگونىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سۈرىتى.

سۈرەت مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى 

    ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى بولغان بىر نەچچە يىلدا، چېن شۇگو ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «لابادا باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش، ئايدىڭكۆلگە بەخت تىلەش» «ئۆرۈك چېچىكى پەسلى» «ئۈجمە پەسلى» «ئۈزۈم ئۈزۈش پەسلى» «توخۇ سوقۇشتۇرۇش بايرىمى» قاتارلىق بىر قاتار ساياھەت مەدەنىيىتى باش تېما قىلىنغان پائالىيەتلەرنى پىلانلىدى. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تۇرپانغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، قىشتا بۇيلۇققا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى؛ ئايدىڭكۆلگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرمۇ كۆپەيدى، ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرگە 10 مىڭغا يېقىن ئادەم قېتىم قاتناشتى. بولۇپمۇ، «باھارغا بارىدىغان ئاپتوبۇس» «ئىشىك ئالدىدىكى ساياھەت» خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، 10 مىڭغا يېقىن يەرلىك ئاۋام ئىشىكى ئالدىدا ساياھەت سودىسى قىلدى، تۇرپاننىڭ ساياھەتچىلىكى جانلاندى، تۇرپاندىكى دېھقانلار ساياھەت ئارقىلىق زور پايدىغا ئېرىشتى. 2012-يىلى تۇرپان ۋىلايىتى (ھازىرقى تۇرپان شەھىرى) نىڭ ساياھەت ئىستېمالى 1 مىليارد 4 مىليون يۈەنگە يەتتى، 2015-يىلى تۇرپان شەھىرىنىڭ ساياھەت كىرىمى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ساياھەت ئىستېمالى 5 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتتى. 

پاقا مەھەللە كوچىسى

سۈرەت مەنبەسى: تۇرپان ساياھەتچىلىكى 

    «بىز كارىز سۈيى ئېلىش، ئۈزۈم بارىڭى ئېچىش، لابا بايرىمى شاتلىقى، گۈلخان كېچىلىكى، كۇڭمىڭ پانۇسى يېقىش، يالقۇنتاغنى كېسىپ ئۆتۈش قاتارلىق خەلق ئىچى پائالىيەتلىرىنى قايتا گۈللەندۈردۇق، يەنە ناخشىچى ئەن مىڭلياڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ «ئەۋلىيالار تۇرپاندا» دېگەن ساياھەت ناخشىسىنى ئىجاد قىلدۇق، ساياھەتنى پائالىيەتلەشتۈرۈپ، پائالىيەتنى مەدەنىيەتلەشتۈردۇق، تۇرپان مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىش رايونىغا ئايلاندى، ھەم جانلاندى». چېن شۇگو مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت قوشۇلغان تۇرپان ساياھىتى ئاستا-ئاستا جانلىنىشقا باشلىدى. 

ئىسمى جىسمىغا لايىق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ شائىر ئىدارە باشلىقى 

    «مەن شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا، مۇقام ناخشىلىرىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا، ماناس ئېپوسىغا، تارىم دەرياسىنىڭ مەنبەسىگە بېرىپ، قەدىمىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەيمەن». چېن شۇگو بىر ئۆمۈر شېئىر يېزىشقا ئىشتىياق باغلىدى، تۇرپان ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا قەدىمىي مەدەنىيەت بىلەن ھازىرقى زامان قوشاقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى بىلەن، ئۇ «كارىز» «ئىدىقۇت» «يارغول» قاتارلىق 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر يازدى. 2013-يىلى 12-ئايدا، چېن شۇگو جىڭلىن تەخەللۇسى بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش شېئىرلار توپلىمى «ئايدىڭكۆل بويىدا»نى نەشر قىلدۇرۇپ، سەھرا شېئىرلىرىدا ئۈزۈم، مەنزىرە، تۇرمۇش، دەرسخانا، خۇنەن-شىنجاڭ ئىككى جاينىڭ مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىشلىرىنى يېزىپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ شائىر ئىدارە باشلىقى بولدى. 

سۈرەت مەنبەسى: خۇنەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش 

    يولداش چېن شۇگو كېتىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن تۇرپاننىڭ ھەممە يېرىدە ئۇنىڭ ئىزنالىرى بار. «شۇنىڭ بىلەن يىراقلارغا كېتىپ، يوشۇرۇن ۋەدە بەردىم». بۇ چېن شۇگو يازغان «تۇرپان» دېگەن شېئىردىكى ئىككى مىسرا. ئۇ ھاياتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. ئۇ تۇرپاندىن ئىبارەت بۇ تۇپراقنى چوڭقۇر سۆيدى، ئۇنىڭ ماقالىلىرى، شېئىرلىرى، ناخشىلىرىغا ئۇنىڭ بۇ تۇپراققا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سىڭگەن. ھەر قېتىم ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى كەلگەندە، ئۇنىڭ «ئۆرۈك چېچەكلىدى» دېگەن ناخشىسى ھەممە يەردە ئېيتىلىپ، تۇرپان ساياھەتچىلىكىگە نۇرغۇن قىزغىنلىق ئېلىپ كېلىدۇ. 

   2011-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، چېن شۇگو ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بەش يىلنى يالقۇنتاغ باغرىدا ئۆتكۈزدى، 2024-يىلى ئەتىيازدا، ئىدىقۇت رايونلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت ئىدارىسى «ئۆرۈك چېچەكلىدى» ناملىق ئىجادىي مۇزىكىلىق سىننى ئىشلەپ، گۈزەل تۇرپاننى تەشۋىق قىلدى، شۇنداقلا بۇ سىن ئارقىلىق «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە ئەڭ گۈزەل كادىر» چېن شۇگونى ياد ئەتتى. 

(مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى، جۇڭگو مەدەنىيلىك تورى، شاڭخەي شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، خۇنەن مائارىپى، شىنجاڭ رادىيو كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.