تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

قەلبنى ئىللىتقان دەملەر | دېھقان

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ليۇ جيې

 يەنە بىر باھار كەلدى. دېھقانلار باھارنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ، كالېندارغا قادىلىپ تۇرۇپ، بارماقلىرىدا دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولىدىغان كۈنلىرىنى ئىنچىكە ھېسابلايدۇ. 

 مەن كەنت ئىچىدە ئايلىنىپ ماڭدىم، قولۇم- قوشنىلار كۆكتاتلىقنى پەرۋىش قىلىدىغان، تېرىقچىلىق قىلىدىغان ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپتۇ. «دېھقاننىڭ بوش ۋاقتى ئاز بولىدۇ»، دېھقانلار باھارنىڭ تەبىئەتنىڭ شاپائىتى ۋە سوۋغىسى ئىكەنلىكىنى ھەممىدىن بەك بىلىدۇ. 

 «تېرىيالمىساق تېرىمايلى، كىچىك يەرلەرگە زىرائەت تېرىساق كۆپ ئىشلەپ كېتىمىز، يەيدىغانغا يەتكۈدەك بولسىلا بولدى». دادامغا دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى يىغىشتۇرۇشۇپ بېرىۋېتىپ، مەن يەنە ئۆزۈمنى تۇتالماي ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلدىم. ئاتا- ئانام ياشىنىپ قالغاچقا، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى بۇرۇنقىدەك جايىدا قىلالمايتتى، مەن ئۇلارغا سالامەتلىكىگە دىققەت قىلىپ، يەرنى ئازراق تېرىشنى نەسىھەت قىلدىم. دادام زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، قولىدىكى ئىشىنى قىلغاچ، بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي ماڭا: «دېھقان يەر تېرىمىسا نېمە يەيدۇ!» دېدى. «مەنمۇ سىلەرنى پەقەتلا تېرىماڭلار دېگىنىم يوق، ئازراق تېرىڭلار دەۋاتىمەنغۇ». بەزىدە مەنمۇ دادامنىڭ جاھىللىقىنى چۈشىنەلمەيمەن، ئۇرۇق سالغاندا ئۇرۇقلۇق، دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇت، سۇلياۋ يوپۇق سېتىۋالغان؛ ئۇرۇق سېلىپ بولغاندىن كېيىن ئوت ئوتىغان، قۇرت يوقاتقان؛ ھوسۇل يىغقاندا مېۋە ئۈزگەن، دان ئايرىغان، ئاپتاپقا سالغان ... ھەر بىر ئىشتا جىسمانىي كۈچ، زېھنىي كۈچ، تەننەرخ كەم بولسا بولمايدۇ، ئاتا- بوۋىلىرىمىز مانا مۇشۇنداق يىللاردىن بۇيان تەكرار جاپالىق ئەمگەك قىلىپ كەلگەن.

 «كىم بىزنى دېھقان بولسۇن دەپتۇ». دادام قولىدىكى ئىشنى توختىتىپ، ئالدىرىماي سۆزلىدى. «يەر تېرىمىساق قاقاسلىشىپ كېتىدۇ، بىز بىر ئائىلە نەچچە مو يەر تېرىيمىز، ھەقىقەتەن بۇنىڭ ھېچقانچە پايدىسى يوق، ئەمما ھەممە ئائىلە تېرىمىسىچۇ؟ ئۇنداقتا كۆپچىلىك تاماق يېيەلمەيدۇ! ھەرقانداق ئىشنى خالىغانچە تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ، بىز دېھقانلار يەرنى ياخشى تېرىشىمىز كېرەك، مۇشۇنچىلىك ئىشقۇ شۇ؟»

 بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئېغىز ئاچالماي قالدىم. يېزىدا چوڭ بولغان مەن مول ھوسۇلنىڭ ئارقىسىدىكى جاپانى بىلىمەن. ئەگەر يەر قاقاسلىشىپ كەتسە، مېنىڭمۇ ئىچىم ئاغرىيدۇ. 

 «ئۇنداقتا سىلەر ئاستىراق قىلىڭلار، چارچاپ قالماڭلار. ئالدىراش ۋاقىتتا، بىز ھەممىمىز قايتىپ كېلىپ بىللە ئىشلەيلى. مۇشۇ يىللاردا ئىشلەۋېرىپ، مەنمۇ يېرىم <دېھقانچىلىق ماھىرى> بولۇپ قالدىم»، دېدىم. «سەنمۇ! ساڭا تېخى بالدۇر، سەن ئاۋۋال مەندەك بىر دېھقانغا ئەگىشىپ بىر نەچچە يىل ئىشلەپ بېقىپ ئاندىن بىر گەپ قىلارسەن»، دېدى دادام كۈلۈپ تۇرۇپ «ياراتمىغاندەك» قىلىپ، لېكىن مەن ناھايىتى خاتىرجەملىك ۋە ئىللىقلىق ھېس قىلدىم.

  دادامغا ئوخشاش دېھقان ناھايىتى كۆپ، ئۇلار «جاھاندىكى ئاشلىق ئامبارلىرىنى ياخشى ساقلاش» دېگەن داۋلىنى ئۇقمىسىمۇ، لېكىن ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئاشلىقنى يەر ئارقىلىق ساقلاش»نى كۈچەپ كۆرسەتتى. ئۇلار ھەر بىر پۇڭ يەرنىڭ قاقاسلىشىشىغا كۆزى قىيماي، يېڭى سورتلۇق ئۇرۇقلۇق سېتىۋېلىپ تېرىپ باقتى، كىچىك ماشىنىلارنى ئىشلىتىشنى تەتقىق قىلدى ... دېھقانلارنىڭ ئەمەلىيەتچىللىكى ۋە قەيسەرلىكى ئۆزىنى كۆرسەتمەي تۇرۇپ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلدى.

  باھار بارلىق شەيئىنى نەمدەيدۇ، باھار ئۈمىدنى يېتىلدۈرىدۇ. بىز ياش بىر ئەۋلاد دېھقانلار ئاتا- بوۋىلىرىمىز بىلەن بىللە ئەمگەك قىلىپ، ئېتىز باشلىرىغا ئۈمىدنىڭ ئۇرۇقىنى چاچتۇق.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەندۇڭ چىڭداۋ شىخەيئەن ئاممىۋى ئىشلار گۇرۇھى شەھەر مەمۇرىيىتى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.