تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بىر ھەپتە داۋاملىشىدۇ، ھەر كۈنى كەچ سائەت 0:30دىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تېز سۈرئەتلىك يوللار «يۇيۇلىدۇ»

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋېي خۇڭپىڭ) «يول تاقالدى، بارلىق مەشغۇلات ئاپتوموبىللىرى تەرتىپ بويىچە كىرىڭلار، بىخەتەر ئارىلىق ساقلاڭلار ...» 4- ئاينىڭ  23-كۈنى سائەت 0دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، بۇيرۇق بېرىلىشى بىلەن، ئاگاھلاندۇرۇش چىرىغىنى ياندۇرۇۋالغان رېشاتكا يۇيۇش ئاپتوموبىلى، دولقۇنسىمان تاختىنى يۇيۇش ئاپتوموبىلى، يۇيۇپ تازىلاش ئاپتوموبىللىرى بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تېز سۈرئەتلىك يوللارنىڭ بىرى بولغان جەنۇبىي ئايلانما قەۋەت يولىغا كىرىپ تولۇق يېپىق ھالەتتە يۇيۇش مەشغۇلاتى قىلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى (مۇھىت تازىلىقى ئالاھىدە مەشغۇلات مەركىزى) قانات يايدۇرغان شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولى قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ئەتىيازلىق مەخسۇس مەركەزلەشتۈرۈپ يۇيۇپ تازىلاش رەسمىي باشلاندى. 

  

4-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 0 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي ئايلانما قەۋەت يولىنىڭ شەرقتىن غەربكە ماڭغان يۆنىلىشىدىكى گۇاڭخۇي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن يامالىق تېغى تونېلى 2- قەۋىتىگىچە بولغان بۆلىكى پۈتۈنلەي يېپىق ھالەتتە يۇيۇپ تازىلانماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي خۇڭپىڭ فوتوسى

   «1-ماي»لىق دەم ئېلىش يېقىنلاپ قالغان پەيتتە، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە پاكىز، گۈزەل سەپەر قىلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى (مۇھىت تازىلىقى ئالاھىدە مەشغۇلات مەركىزى) تېز سۈرئەتلىك يول تازىلىق مۇلازىمىتى كارخانىسىدىن تۆتنى تەشكىللەپ، تاشقى ئايلانما قەۋەت يولى، قاراماي جەنۇبىي يولى قەۋەت يولى، شىسەن قەۋەت يولى، ئالتاي قەۋەت يولى، ئايرودۇرۇم يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، ساي تېز سۈرئەتلىك يولى، شەرقىي 2- ئايلانما تېز سۈرئەتلىك يولىدىن ئىبارەت يەتتە شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولىنىڭ قاتناش ئەسلىھەلىرىنى يۇيۇپ تازىلىدى.

4-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 0 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي ئايلانما قەۋەت يولىنىڭ شەرقتىن غەربكە ماڭغان يۆنىلىشىدىكى گۇاڭخۇي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن يامالىق تېغى تونېلى 2- قەۋىتىگىچە بولغان بۆلىكى پۈتۈنلەي يېپىق ھالەتتە يۇيۇپ تازىلانماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي خۇڭپىڭ فوتوسى

   ئىگىلىنىشىچە، قېلىپلاشقان، بىخەتەر مەشغۇلات قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان مەخسۇس يۇيۇپ تازىلاش مەشغۇلاتى ئىمكانقەدەر كېچىدە قىلىنىدىكەن، ھەر كۈنى كېچىسى سائەت 0:30دىن 6:30 غىچە بۆلەكلەر بويىچە تولۇق يېپىق ھالەتتە يۇيۇپ تازىلايدىكەن، كۈندۈزى يېرىم يېپىق ھالەتتە يۇيۇپ تازىلايدىكەن. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.