تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاپتوموبىل ئىشىكىنى بۇزۇپ ئېچىپ ئادەم قۇتقۇزۇش، كىران ئىشلىتىپ قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش، قارلىق كېچىدە ئاپتوموبىلنى سۆرەپ چىقىش... قەشقەردىكى خەلق ساقچىلىرى دۆلەت يولى 219- لىنىيەسىدە 26 سائەتتە ئۈچ قېتىم قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشكە ئاتلاندى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ چىمىڭ) 26 سائەت ئىچىدە، دۆلەت يولى 219- لىنىيەسىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 149 كىلومېتىر، 210 كىلومېتىر، 272 كىلومېتىر كېلىدىغان ئورۇنلىرىدا ئۈچ قېتىم قاتناش ھادىسىسى يۈز بەردى. كۇدى چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى ئۈچ قېتىم خەتەردىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى: سوڭدىشىشتىن شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن ئاپتوموبىل ئىشىكىنى بۇزۇپ ئېچىپ، قىسىلىپ قالغان شوپۇرنى قۇتقۇزدى؛ چوڭ كىران تېپىپ كېلىپ، دۆلەت يولىدا توغرىسىغا تۇرۇپ قالغان زىيانغا ئۇچرىغان ئاپتوموبىلنى يۆتكەپ، توسۇلۇپ قالغان 200گە يېقىن ئاپتوموبىلنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ داۋاملىق يول يۈرۈشىگە شارائىت يارىتىپ بەردى؛ لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قاردا، ئوتى ئۆچۈپ قالغان ئاپتوموبىلنى سۆرەپ چىقتى.

4- ئاينىڭ 20- كۈنى، دۆلەت يولى 219- لىنىيەسىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 272 كىلومېتىر كېلىدىغان جايىدا، ئىككى چوڭ يۈك ئاپتوموبىل سوڭدىشىش ھادىسىسى يۈز بەردى. خې ۋېي فوتوسى

  بۇ ئۈچ ۋەقەنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى قەشقەر چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى كۇدى چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ تەۋەلىكىدە يۈز بەردى.

سۈرەتتە: 4- ئاينىڭ 20- كۈنى، دۆلەت يولى 219- لىنىيەسىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 272 كىلومېتىر كېلىدىغان جايىدا، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش خادىملىرى ئاپتوموبىل ئىشىكىنى بۇزۇپ ئېچىپ شوپۇرنى قۇتقۇزماقتا. خې ۋېي فوتوسى

  4- ئاينىڭ 20- كۈنى سائەت 18دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلەت يولى 219- لىنىيەسىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 272 كىلومېتىر كېلىدىغان جايىدا، ئىككى چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى سوڭدىشىش ۋەقەسى يۈز بەردى. بىر شوپۇر شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن ئاپتوموبىلنىڭ ئىشىكى تەرىپىدىن كابىنكىدا قىسىلىپ قېلىپ مىدىرلىيالماي قالدى. ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىلىرى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەسۋاب بىلەن ئاپتوموبىل ئىشىكىنى بۇزۇپ ئېچىپ، شوپۇرنى قۇتقۇزۇپ چىقتى. خەلق ساقچىلىرى ۋە تېببىي خادىملارنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇشى- ياردەم قىلىشى بىلەن يارىدار خەتەردىن قۇتۇلدى.

4- ئاينىڭ 21- كۈنى، دۆلەت يولى 219- لىنىيەسىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 149 كىلومېتىر كېلىدىغان جايىدا، خەلق ساقچىلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا يولدا توغرىسىغا تۇرۇپ قالغان ئاپتوموبىلنى كىران بىلەن سۆرەپ ئېلىپ كېتىشكە قوماندانلىق قىلماقتا. خې ۋېي فوتوسى

  4- ئاينىڭ 21- كۈنى سائەت 19لاردا، دۆلەت يولى 219- لىنىيەسىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى بولغان بولغان ئارىلىقى 149 كىلومېتىر كېلىدىغان جايىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى. زىيانغا ئۇچرىغان بىر يۈك ئاپتوموبىلى دۆلەت يولىدا «توغرىسىغا»  تۇرۇپ قېلىپ، يول قىستاڭچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، 200گە يېقىن ئاپتوموبىل ئۆتەلمەي تۇرۇپ قالدى. خەلق ساقچىلىرى كىران ماسلاشتۇرۇپ، ھادىسە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىلنى سۆرەپ ئېلىپ كېتىپ، يولنى ئېچىپ، توسۇلۇپ قالغان ئاپتوموبىللارنىڭ تەرتىپلىك يۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

4- ئاينىڭ 21- كۈنى، دۆلەت يولى 219- لىنىيەسىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 210 كىلومېتىر كېلىدىغان جايىدا ئاپتوموبىل قاپسىلىپ قالدى، خەلق ساقچىلىرى ساقچى ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشكە ئاتلاندى. شۈ شيەنفېڭ فوتوسى

4- ئاينىڭ 21- كۈنى، دۆلەت يولى  219- لىنىيەسىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 210 كىلومېتىر كېلىدىغان جايىدا، خەلق ساقچىسى قاپسىلىپ قالغان ئاپتوموبىلنىڭ ئەتراپىدىكى قار- مۇزلارنى تازىلاپ، ئۇنى سۆرەپ ئېلىپ چىقماقتا. شۈ شيەنفېڭ فوتوسى

   ئويلىمىغان يەردىن، ئىككى سائەتتىن كېيىن، يەنى 4- ئاينىڭ 21- كۈنى سائەت 21لەردە، دۆلەت يولى 219- لىنىيەسىنىڭ قاغىلىق بۆلىكىدە تۇيۇقسىز قېلىن قار يېغىپ، قاغىلىق ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 210 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بىر ئاپتوموبىل يول ئۇلىدىن سىيرىلىپ، زەيكەشكە چۈشۈپ كېتىپ، مىدىرلىيالماي قالدى، شوپۇر كۆپ قېتىم سىناپمۇ زەيكەشتىن چىقالمىدى. خەلق ساقچىلىرى ياردەم تەلەپ قىلىش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، شىۋىرغانلىق كېچىدە نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ساقچى ئاپتوموبىلىغا سۆرىتىش ئارقىلىق، قاپسىلىپ قالغان ئاپتوموبىلنى يول ئۇلىغا سۆرەپ چىقىپ، ئاپتوموبىلدىكىلەرنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.