تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تۇرپاننىڭ مېۋىلىرى تۈركۈملەپ بازارغا سېلىندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

بۇ «شېرىن» تېز يوللانمىلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىۋېلىڭ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر فەن چيۇڭيەن، پىراكتىكانت مۇخبىر ياڭ يەنيۈ) يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تۇرپان پىروۋېنس شوخلىسى، خوجوۋ كىچىك تاۋۇزى، بوياڭ قوغۇنى ئارقا- ئارقىدىن تۈركۈملەپ بازارغا سېلىندى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە يەتكۈزۈش كارخانىلىرى «شېرىن» تېز يوللانمىلارنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزدى.

4- ئاينىڭ 22- كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئاستانە يېزىسىنىڭ ئاۋات كەنتىدە، تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى خوجوۋ كىچىك تاۋۇزىنى ئاپتوموبىلغا باسماقتا. تيەن رەن فوتوسى

«4- ئاينىڭ 22- كۈنى، پىروۋېنس شوخلىسى، خوجوۋ كىچىك تاۋۇزىنىڭ يەتكۈزۈلۈش مىقدارى 2000 دانىدىن ئېشىپ كەتتى»، دېدى شىنجاڭ شۇنفېڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتى تۇرپان شۆبە شىركىتىنىڭ تىجارەت مەسئۇلى بەي شياۋچياڭ تونۇشتۇرۇپ. 4- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن باشلاپ، شۇنفېڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ يەتكۈزگۈچىلىرى تۇرپاندىكى پارنىكلاردا ئۆستۈرۈلگەن مېۋىلەرنىڭ تېز يوللانمىلىرىنى ئارقا- ئارقىدىن تاپشۇرۇۋالدى، ھازىر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 2000 يۈرۈش ئەتراپىدا بولماقتا. بۇنىڭ ئارقىسىدىن، قوغۇن، توقسۇننىڭ ئۈرۈكى پىشىدىغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، 4- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن «1- ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئاخىرلاشقۇچە تۇرپان مېۋىلىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى يۇقىرى پەللىنى كۈتۈۋالىدىكەن.

«بۇلتۇر < 1- ماي> مەزگىلىدە، تۇرپان شەھىرىدىن 20 مىڭ يەشىككە يېقىن مېۋە پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلدى. بۇ يىل مېۋە سېتىلىشنىڭ ئاۋات پەسلىدە تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەر بىۋاسىتە ئېتىز باشلىرى، مېۋىلىك باغ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چىقىدىغان جايلارغا بېرىپ، ئېتىز باشلىرىدىلا مېۋىلەرنى يەشىكلەرگە قاچىلاپ توشۇپ، ھەممىسىنى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ئارقىلىق توشۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خېرىدارلارنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ يېڭى مېۋىنى يېيىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ»، دېدى بەي شياۋچياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.