تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كۈرەش قىلغۇچىلار ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتۇش | «2000-يىللاردا تۇغۇلغان» ئېھسان كۇنۇپكا تاختىسىدا يېڭى يول ئاچتى

     ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

     ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يەن شياۋتيەن، پىراكتىكانت ياڭ يەنيۈ

   46 تۈرلۈك كەشپىيات پاتېنتىغا ئىگە، خۇاۋېي مەملىكەتلىك سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كارخانا تۈرى مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ياخشى تۈر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، EF تور كېلىشىمىنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ۋۇجۇدقا چىقارغان... شىنجاڭدىن كەلگەن «2000-يىللاردا تۇغۇلغان» ئېھسان ئۆمەرجان يۇقىرىقىدەك نەتىجىلىرى بىلەن، كۆپچىلىكنىڭ تېخى ئوقۇۋاتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان تونۇشىنى يېڭىلاپ، «كۇنۇپكا تاختىسى»دا ياشلىق باھارىنى نامايان قىلدى.

ئېھسان شىركەتنىڭ مەھسۇلاتىنى تونۇشتۇرماقتا.

ئۆزى تەمىنلىگەن سۈرەت

   ئورۇقراق كەلگەن، قابىلىيەتلىك ئېھسان داليەن «دۇڭرۈەن» ئۇچۇر شۆيۈەنى كومپيۇتېر كەسپىنىڭ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى، شۇنداقلا «ئەيۋۇ» پەن-تېخنىكا (داليەن) چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. بۇ پەن-تېخنىكا شىركىتى قۇرۇلۇپ بىر يىل بولمايلا، كەسىپ بۆلىكىنى كېڭەيتىپ، سودا شىركىتى ۋە كۈتۈنۈش شىركىتى قۇردى، يەنە ئېنزې ئائىلىۋى ئاقىل كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىدىن 12نى تەسىس قىلدى، بارلىق شىركەتنىڭ تىجارەت سوممىسى 14 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

كىچىك سىناق تۇرمۇشنى ئۆزگەرتتى

    بۇ يىل 21 ياشقا كىرگەن ئېھسان ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپلا ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارغا ناھايىتى قىزىقاتتى. ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئارزۇ تولدۇرغاندا، كومپيۇتېر كەسپىنى تاللاپ، داليەن دۇڭرۈەن ئۇچۇر شۆيۈەنىگە ئوقۇشقا كىردى.

    2021-يىلى، ئەمدىلا داشۆنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئېھسان مېھمانخانىدا ئىشلەيدىغان ئاپىسىنىڭ خىزمەتتە ئۇچرىغان قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بىر يۈرۈش يان تېلېفون تەكشۈرۈپ تەستىقلاش سىستېمىسى يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ، مۇرەككەپ ئارقا سەپ رېمونت قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرماقچى بولدى.
    بۇ قېتىمقى يۇمشاق دېتال ئېچىش جەريانى خۇددى ئادەمسىز قاقاس رايوندىن ئۆتكەنگە ئوخشايتتى، بۇ بىر مەيدان تېخنىكا بىلەن كودنىڭ كۈچ سىنىشىشى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر مەيدان ئەقىل-پاراسەت ۋە چىدامچانلىققا قويۇلغان سىناق ئىدى.
   ئېچىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار كەينى-كەينىدىن يۈز بېرىپ، مېھمانخانىدىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئەسلىدىكى تۇتاشتۇرۇش تەرتىپىنى بەش قولدەك ئىگىلەشكە توغرا كەلدى: نېمىنى تەكشۈرۈش كېرەك، رېمونت قىلىشقا قانداق ماتېرىيال كېتىدۇ، مەمۇرىي تارماقلار قانداق تەستىقلايدۇ... بىر تەپسىلاتنى چۈشۈرۈپ قويۇش ياكى قوشۇپ قويۇش، بىر ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش، ئۆزگەرتىش كودنى قايتىدىن تۈزۈش، سىناقنى قايتىدىن قىلىشتىن دېرەك بېرەتتى.
    ئېچىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يۇمشاق دېتال دەسلەپكى پەقەت ئىككى-ئۈچ تارماققا مۇلازىمەت قىلىشتىن، كېيىنكى 10 نەچچە تارماققا مۇلازىمەت قىلىشقا ئۆزگەردى، ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇش، سانلىق مەلۇمات قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، سىستېما قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىش... ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 60 نۇسخىنى سىناق قىلىش ئارقىلىق، ئاخىر 1.0 نۇسخىسى رەسمىي بارلىققا كەلدى.
 ئىلگىرى خىزمەتچىلەر ياتاقتىكى ئۈستەل چىرىغىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بايقىسا، سۆزلىشىش ئاپپاراتى ئارقىلىق رېمونتچىلارنى چاقىرىپ، ئاندىن كومپيۇتېردا تىزىمغا ئالدۇراتتى، رېمونت قىلىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى بىلگىلى بولمايتتى. ھازىر ئۇ تەتقىق قىلىپ ياسىغان يۇمشاق دېتال ئارقىلىق، بۇ تەرتىپلەرنى يان تېلېفوندىلا مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان بولدى، رېمونت قىلىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنىمۇ بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدىغان بولدى.
     نۆۋەتتە، بۇ يۇمشاق دېتال شىنجاڭ كوئىنلۇن مېھمانخانىسىدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى كىچىك سىناق جەريانى ئېھساننىڭ يۇمشاق دېتال تەتقىقاتى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى پەن-تېخنىكا ئېلىپ كەلگەن تەرەققىياتتىن بەھرىمەن قىلىش ئىشەنچىسىنى چىڭىتتى.

خۇاۋېي AIغا ئالاقىدار شەرەپ گۇۋاھنامىسى.

ئۆزى تەمىنلىگەن سۈرەت

پولات سىمدا ماڭغاندەك ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى

    تۇنجى مەھسۇلاتتا ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەت ئېھساننى يۇمشاق دېتال ئېچىش يولىدا ئۇچقاندەك ئالغا ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئاچقان يۇمشاق دېتال 2021-يىللىق خۇاۋېي AI سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تۈرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپات، «قۇرۇلۇش بانكىسى لوڭقىسى» لياۋنىڭ ئۆلكىلىك 9-نۆۋەتلىك «ئالاقە تورى +» داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى، 16-نۆۋەتلىك تياۋجەن لوڭقىسى لياۋنىڭ ئۆلكىلىك داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن سىرتقى ئىلمىي پەن-تېخنىكا ئەسەرلىرى مۇسابىقىسىدە 2-دەرىجىلىك مۇكاپات قاتارلىق تۆت تۈرلۈك مەملىكەتلىك ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئېھسان (ئوتتۇرىدا) لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى كەسپىي پىلان مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.

ئۆزى تەمىنلىگەن سۈرەت

     «ئۇ ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، ھەر خىل يېڭى شەيئىلەرنى سىناپ بېقىشقا ئامراق، ئەگەر ئۇ بىر ئىشنى قىلماقچى بولسا، چوقۇم ئاخىرىغا چىقىرىدۇ» دېدى ئېھسان بىلەن ۋېيشىن توپىدا تونۇشقىنىغا يەتتە يىل بولغان، ئىلگىرى نەنجىڭ داشۆدە پىروفېسسور بولغان جياڭ جېڭچۈەن. كۆپ يىللىق ئالاقە جەريانىدا ئۇلار ئارىسىدا ھەم ئۇستاز، ھەم دوست كەبى دوستلۇق پەيدا بولدى، ئۇ جان تىكىپ ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان بۇ شىنجاڭلىق يىگىتنى ياقتۇرۇپ قالدى، ئېھسان داشۆنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا، ئۇ 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، ئېھساننىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى.

   مۇئەللىمنىڭ ئىلھام بېرىشى، مەكتەپنىڭ ھەقسىز مەيدان بىلەن تەمىنلىشى بىلەن، 2023-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئېھسان ئۈچ ساۋاقدىشى بىلەن ئەيۋۇ پەن-تېخنىكا (داليەن) چەكلىك شىركىتىنى قۇردى.

    ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئېھسان نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە ئۆزىنى قاچۇرغىلى بولمايدىغان تۈرلۈك تاسادىپىيلىقلارغا دۇچ كەلدى، ئېھسانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەشۋىشلىنىش، ئۇيقۇسىزلىق نورمال ئەھۋال بولۇپ، «ھەر ۋاقىت پولات سىمدىن ئۆتۈش» تەييارلىقى بولۇشى كېرەك ئىدى.
    «ئىش باشلاش ھەقىقەتەن بەك تەسكە توختىدى». ئېھساننىڭ دېيىشىچە، مەبلەغ ۋە خېرىدار مەنبەسى كەمچىل بولغاچقا، ئۇلار جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى پائالىيەت ئۆيىدە ئىش بېجىرگەن، خېرىدار مەنبەسى تېپىش ئۈچۈن، پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي داليەن شەھىرىنىڭ كوچا-كويلىرى، بىنالىرى ئارىسىدا قاتراپ يۇمشاق دېتال ساتقان، يۇمشاق دېتالنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مۇسابىقىگە قاتنىشىش لايىھەسىنى كېچىلەپ مۇزاكىرە قىلىپ، ئەسەر لايىھەلىگەن.

    شىركەت قۇرۇلۇپ ئۈچ ئايدىن كېيىن، ئۇلار ئاخىر تۇنجى قېتىملىق «زور سوممىلىق» زاكازنى ئالدى، بۇ بىر ئۆي-زېمىن شىركىتىنىڭ ئۆي تاللاش يۇمشاق دېتالىنى ئېچىشىغا ياردەم بېرىش ئىدى. بۇ زاكازنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۇلار ھەتتا ھايات-ماماتلىق كېلىشىم ئىمزالىدى، بۇ 200 مىڭ يۈەنلىك تۈرنىڭ تۆلەم پۇلى 400 مىڭ يۈەن بولدى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇش مۇشۇ قېتىملىق ئىشقا باغلىق بولۇپ قالدى.
    كېيىنكى بىر ئايدا، كۆپچىلىك ئاساسىي جەھەتتىن توختىماي ئايلاندى. 30 گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئۇلار كومپيۇتېر ۋە ئۆلچەش-سىزىش ئۈسكۈنىلىرىنى يۈدۈپ، بىخەتەرلىك قالپىقىنى كىيىپ، ئىش ئورنىدا سۈرەتكە تارتىپ، ئۆلچەپ-سىزىپ، vr ئۇسۇلى بىلەن نەق مەيداننى ئەسلىگە كەلتۈردى. ئىشخانىغا قايتىپ كېلىپ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ مودېل ياسىدى، ئۈنۈم خەرىتىسىنى تۈزدى، يۇمشاق دېتالنى سىنىدى.

    يۇمشاق دېتالنى تاپشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى بىر قورقۇنچلۇق ئىش يۈز بەردى. خىزمەتتىكى سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن، يۇمشاق دېتال قاچىلانغان قاتتىق دىسكا فورماتلىنىپ، بارلىق قان-تەر بىكارغا كەتتى. بۇ چاغدا يۇمشاق دېتالنى تاپشۇرۇشقا 12 سائەتمۇ قالمىغان بولۇپ، 400 مىڭ يۈەن توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى خۇددى بىر چوڭ تاغدەك ئېھساننىڭ يەلكىسىنى بېسىپ تۇراتتى.
    «جياڭ مۇئەللىم، يۇمشاق دېتال يوق بولدى، تاڭ ئېتىشى بىلەنلا مالنى تاپشۇرىمىز، قانداق قىلىشىم كېرەك...» ئېھسان تېلېفوندا قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى. «جىددىيلەشمەڭ، خام ماتېرىياللار تېخى بار بولغاندىكىن، بىز بىللە قىلايلى، ئون نەچچە سائەت بار، ئۈلگۈرىمىز. جياڭ جېڭچۈەننىڭ ياردىمىدە ئېھسان باشقىچە يول تۇتۇپ، ئەسلىدىكى ئۈنۈمنىڭ %70ىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، سۇپىنى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇپ، سانلىق مەلۇمات كىرگۈزۈشنى تاماملىدى، نۇسخىنى سىناق قىلدى، يۇمشاق دېتالنى ئوراپ قاچىلىدى، بىر كېچە ئۇخلىماي ئىشلەش ئارقىلىق، يۇمشاق دېتالنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئا تەرەپكە تاپشۇردى.

جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىش

    «تېخنىكا بىلەن شۇغۇللىنىشتا يېتەرلىك سەۋرچانلىق ۋە تولۇق ئىشەنچ بولۇشى كېرەك». ياساپ چىققان ھەر بىر يۇمشاق دېتالى ئۈستىدە توختالغاندا، ئېھسان مۇنداق دېدى: يۇمشاق دېتال ئېچىپ بىر-بىرلەپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئەيۋۇ پەن-تېخنىكىسى خۇاۋېي، تېڭشۈن بۇلۇت قاتارلىق كارخانىلار بىلەن بىر قاتار ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
     بىر قېتىم، خېرىدارلار ئېھساننى ئىزدەپ كۈتۈنۈش يۇمشاق دېتالى زاكاز قىلدى، بۇنىڭ بىلەن شىركەت يېڭى ساھە ئېچىش، يېڭى سودا پۇرسىتى تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى: يېڭى بىر ئەۋلاد ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۇمشاق، قاتتىق دېتالنى ياساپ، ئاقىل كۈتۈنۈش ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر يۈرۈش يېپيېڭى «ئاقىل كۈتۈنۈش» سۇپىسى بەرپا قىلدى. ئېھسان مۇنداق دېدى: بۇ سۇپا توپلاشتۇرۇلغان يۇمشاق دېتال بىلەن قاتتىق دېتال چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈلگەن سىستېما. ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسىدا ياشانغانلار ئۈچۈن ئۇچۇر كارتىسى بەرپا قىلىنىدۇ، ياشانغانلارنىڭ ھەر قېتىملىق ھەرىكەت ئادىتى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم تەرىپىدىن خاتىرىلىنىپ، خاسلاشتۇرۇش ۋە زاكازلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
    «ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەرقلەندۈرۈش قۇرۇلمىسىنى ئورناتقاندا، ياشانغانلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىغىلى بولىدۇ. ئەگەر ياشانغانلار يىقىلىپ كەتسە، دەرھال خىزمەتچى خادىملار بىلەن ئالاقىلىشىپ جىددىي بىر تەرەپ قىلىدۇ». ئېھسان مۇنداق دېدى: دەل مۇشۇ ئەۋزەللىك ئاساسىدا، 12 ئائىلىۋى ئاقىل كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزى بارلىققا كەلدى.
   جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا، ئېھسانمۇ ئۆسۈپ يېتىلدى. يېڭى مودا، جەلپكار تېخنىكىنى قوغلىشىشتىن ھازىرقى قىزىق نۇقتىلىق ئەمەلىي كۆرۈنۈشلەرگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە، بازارغا ماس كېلىدىغان تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلارنى يارىتىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە ئۆزگەردى.
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېھسان بىر قاتار كودلار ئىچىدىن يۆنىلىش ۋە ئىشەنچنى تاپتى. بۇ يىل ئۇ ئۆزىگە يېڭى نىشان بېكىتتى، شىركەت كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئارزۇسى بار ياشلارنىڭ «ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش»ىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ كۆپ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تۈرلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، يۇرتىدىكى ئەنئەنىۋى كارخانىلارنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.