تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياخشى باشلىنىش بىزنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىشىمىزغا تۈرتكە بولدى

□شىن شىجيەن

2024 ـ يىلى 1 ـ پەسىلدىكى ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ ئىشقا ئاشۇرغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 441 مىليارد 321 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئېشىپ، پۇختا يۈرۈشۈش، ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولۇش ۋەزىيىتى نامايان بولغان، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ياخشى باشلىنىشنى كۈتۈۋېلىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا پۇختا ئاساس سالغان.

ياخشى باشلىنىش ئىشلەشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتىن كەلگەن. تۈرلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۇتۇش، چوڭ تۈرلەرنى تۇتۇشنىڭ «ئىش باشلاش بۇرغىسى»نى بالدۇرلا چېلىشتىن، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىدىكى «1 + 8 + 36 + 1» سىياسەت سىستېمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشقىچە، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاشتىن، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى سىجىل كۈچەيتىشكىچە، يەنە مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىق يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشقىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كونكرېت «قۇرۇلۇش خەرىتىسى» قىلىپ، كۈرەش ۋە ئەجىر بىلەن سۇغىرىلغان تەرەققىيات مېۋىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئىشەنچ ۋە كۈچ قوشتى.

بىر ئۈلۈش ئەجىر قىلسا، بىر ئۈلۈش ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. دەل پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئىقتىسادنى تۇتۇپ كۈرەش قىلغاچقا، يېزا ئىگىلىك ۋەزىيىتى ياخشىلاندى، سانائەت تىرىكى كۈچلۈك بولدى، سېلىنما تېز ئاشتى، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى سىجىل كۆپەيدى؛ دەل «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىش»نى كۈچلۈك ئەمەلدە كۆرسەتكەچكە، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تېز شەكىللەندى، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئومۇمىي ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلاندى. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى بىلدۈردىكى، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى، سىياسەت ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغاندا، چوقۇم يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى تىرىشىپ ياراتقىلى بولىدۇ.

ئىقتىساد نەتىجە قەغىزى سۈپىتىنىڭ قانداق بولۇشىدا مىقدارغىلا ئەمەس، سۈپەتكىمۇ قاراش كېرەك. خۇشاللىنارلىقى شۇكى، شىنجاڭنىڭ 1 ـ پەسىللىك ئىقتىسادىدا «مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشى» نامايان بولۇپلا قالماي، يەنە «سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى»مۇ كۆرۈلدى. مەسىلەن، چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئاشتى، ئەسلىھەلىك مېۋە ئومۇمىي ھوسۇلى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.5 ھەسسە ئاشتى، بۇ، يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى؛ يەنە مەسىلەن، لىتىي ئىيونلۇق باتارېيە، تىرانسفورموتور ۋە شامال كۈچى ئارقىلىق توك چىقىرىش گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 12.8 ھەسسە، %24.5 ۋە %21.9 ئاشتى، بۇ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىستىقبالىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى؛ يەنە مەسىلەن، تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.7 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 37.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2 ـ ئورۇندا تۇردى، بۇ، ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولىنىڭ «ئالتۇن ئۈنۈمى»نى تېز قويۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلدى؛ يەنە مەسىلەن، كۆلەمدىن يۇقىرى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 9.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشى، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى مۇنبەت تۇپراققا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ناھايىتى قىممەتلىك بولغان بۇنداق يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى كەسىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرى كۆزلىمىنى كۈچەيتىپ، ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇپ، ئىشەنچنى پۇختىلىدى، تېخىمۇ مۇھىمى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ زاپاس كۈچى ۋە ئىستىقبالىنى تۈپتىن بەلگىلىمەكتە.

بىراق، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنىمۇ كۆرۈش كېرەك. مەسىلەن، 1 ـ پەسىلدە، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.5 ئاشتى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %5لىك ئېشىش سۈرئىتى بىلەن بەلگىلىك پەرق بار، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىستېمال بازىرىنى تېخىمۇ ياخشى جانلاندۇرۇپ، ئەۋجىگە چىقىرىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك موتور بىلەن تەمىنلەشكە توغرا كېلىدۇ. پۈتۈن ۋەزىيەتكە قارىغاندا، ئۆزىمىزگە قارىغاندا، پۇرسەتنى كۆزەتكەندە، خىرىسنى كۆزەتكەندە، شىنجاڭ دۇچ كەلگەن پايدىلىق شارائىت پايدىسىز ئامىللاردىن كۈچلۈك، بىز ھازىرقى پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پايدىلىق شارائىتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئايدىڭلاشتۇرغان ھامان چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، قانچىلىك كۆپ ئىشلىگىلى بولسا شۇنچىلىك كۆپ ئىشلەپ، تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك.

ۋاقىت ئاتقان ئوق. 2 ـ پەسىل باشلانغىلى 20 نەچچە كۈن بولدى، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، بىز جەزمەن ئىشەنچ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، ئاچقۇچلۇق تەدبىرلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2 ـ پەسىللىك ئىقتىساد خىزمىتىدە «سۈرئەتنى تېزلىتىش»كە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، چوڭ ـ چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، سىجىل تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 麦麦提艾力

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.