تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ياغسىز غىزالىنىش گۆشسىز تاماق يېيىش ھېسابلىنامدۇ؟ بۇ ساغلام غىزالىنىش كۆرسەتمىسىنى تاپشۇرۇۋېلىڭ

تۇرمۇشتا، بىز دائىم دوختۇرنىڭ ياغسىز غىزالىنىشنى تاپىلايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ھالبۇكى، نۇرغۇن كىشىدە ياغسىز غىزالىنىشقا قارىتا خاتا قاراش ساقلانغان بولۇپ، ياغسىز غىزالىنىش «ئامال بار گۆشسىز تاماق يېيىش، گۆش يېمەسلىك» دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق غىزالىنىش ئۇسۇلى ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، يەنە بەدەن سۈپىتىنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

ياغسىز غىزالىنىش گۆشسىز تاماق يېيىش دېگەنلىك ئەمەس

    تەن ساغلاملىقتىكى ئاساسلىق ئامىل گۆشلۈك ياكى گۆشسىز غىزالىنىشتا ئەمەس، بەلكى نېمە يېيىش ۋە قانچىلىك يېيىشتە، يەنى ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنىڭ تولۇق بولغان-بولمىغانلىقى، مۇۋاپىق مىقداردا بولغان-بولمىغانلىقىدا.

    توخۇ، ئۆردەك، بېلىق، گۆش تۈرىدىكى گۆشلۈك يېمەكلىكلەر ئوزۇقلۇقنىڭ مۇھىم مەنبەسىگە ئايلىنىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ماددا ئالمىشىشىنى زور مىقداردىكى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە ياغ كىسلاتاسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا، ئادەتتىكى كىشىلەر توپى ئۈچۈن ئېيتقاندا، گۆشنى مۇۋاپىق يېيىش بەدەم ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىلىق.

    شۇڭا، دوختۇر ياغسىز غىزالىنىشنى تەلەپ قىلغان تەقدىردىمۇ، گۆشلۈك ۋە گۆشسىز تاماقلارنىمۇ ئىمكانقەدەر يەپ بېرىش كېرەك. گۆشلۈك ۋە گۆشسىز يېمەكلىكلەر ماسلاشتۇرۇلغان يېمەكلىكلەر ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توقۇلما ھۈجەيرە قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلاپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، ساغلام، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

يېمەكلىكنى كۆپ خىللاشتۇرۇش __تۈپ پىرىنسىپ

    ياغسىز غىزالىنىش دېگەن زادى قانداق بولىدۇ؟

    ئەمەلىيەتتە جاۋاب ئانچە مۇرەككەپ ئەمەس، ئەڭ تۈپ پىرىنسىپ يېمەكلىكنى كۆپ خىللاشتۇرۇشتۇر. ئاساسلىق يېمەكلىكلەردە دانلىق زىرائەت، ياڭيۇ تۈرىدىكىلەرنى ئاساس قىلىش، كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا كۆپرەك يېيىش، دائىم سۈت تۈرىدىكى، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ۋە بېلىق، ئۆي قۇشلىرى، تۇخۇم، قارا گۆش قاتارلىقلارنى يەپ بېرىش كېرەك. مۇشۇ ئاساستا ياغسىز بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ياغ ئاز، تۇز ئاز، شېكەر ئاز بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

   كۈندىلىك غىزالىنىشتا تەبىئىي يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى تاللاپ، ئاددىي پىششىقلانسىلا بولىدۇ. تاللا بازىرىدىكى ئىنچىكە پىششىقلانغان ئۇششاق يېمەكلىكلەر، شۇنداقلا ئاشخانىلار تەييارلىغان مەززىلىك تائاملارغا تەم كىرگۈزۈش ئۈچۈن كۆپىنچە ھاللاردا ياكى ياغ، ياكى تۇز، ياكى شېكەر كۆپ ئىشلىتىلىدۇ، ھەتتا بۇ ئۈچ خىل تەم كىرگۈزگۈچنىڭ ھەممىسىنى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. يىل بويى مۇشۇنداق «ئۈچ كۆپ ئىشلىتىلگەن» يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، ئاخىرىدا دوختۇرنى ئىزدەپ «ئۈچ يۇقىرى بولۇش» (قاندا ماي يۇقىرى بولۇش، قان بېسىمى يۇقىرى بولۇش، قان شېكىرى يۇقىرى بولۇش) نى داۋالىتىشتەك كېسەللىك خەۋپ-خەتىرىمۇ زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ.

«مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.