تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئوتلاق گويا پايانسىز يېشىل گىلەم كالا، قويلار ئوتلاپ يۈرەر بىغەم

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۈنەس ناھىيەسى «ئېكولوگىيەلىك ناھىيە قۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئوتلاق ئېكولوگىيە ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى ھەممىلا جايدا ئۇچراتقىلى بولىدىغان بولدى. ھەر باھاردىكى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان جاۋۇر تېغى ئەتىيازلىق ئوتلىقى ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ. كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار ئاستىدا، ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر يىراقتىكى تاغ تىزمىلىرى بىلەن بىر-بىرىگە جور بولۇپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلىدۇ. ئېگىز-پەس تاغ باغرىدا ئات، كالا، قوي پادىلىرى بەخىرامان سەيلە قىلىپ، ئوت-چۆپ يەپ، ئىناق مەنزىرە ھاسىل قىلىدۇ، بۇ يەر بىر مەھەل ئۇلارنىڭ شادلىق باغچىسىغا ئايلىنىدۇ. (جاڭ ۋېنتىڭ، لى جىنۋېي، شياۋ يىخۇڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.