تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

تۈركۈملەپ بازارغا سېلىندى! تۇرپاننىڭ «ياڭجياۋمى» قوغۇنى، ئوت يۇرتى كىچىك تاۋۇزى، ئۈجمىلىرى پىشتى!

بىر قانچە كۈندىن بۇيان

تۇرپاننىڭ مېۋە-چېۋىلىرى ئارقا-ئارقىدىن تۈركۈملەپ بازارغا سېلىندى

ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە يەتكۈزۈپ بېرىش كارخانىلىرى ئارقىلىق

نۇرغۇنلىغان «شېرىن» تېز يوللانمىلار مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلىدۇ

4-ئاينىڭ 22-كۈنى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى يالقۇنتاغ بازىرى ئاستانە يېزىسى ئاۋات كەنتىدە، تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى ئوت يۇرتى كىچىك تاۋۇزىنى ئاپتوموبىلغا قاچىلىماقتا.

تيەن رەن فوتوسى

    «4-ئاينىڭ 22-كۈنى پىروۋېنسى شوخلىسى، ئوت يۇرتى كىچىك تاۋۇزىنىڭ يەتكۈزۈلۈش مىقدارى 2000 پارچىدىن  ئېشىپ كەتتى» دېدى شىنجاڭ شۇنفېڭ تېز توشۇش چەكلىك شىركىتى تۇرپان شۆبە شىركىتىنىڭ تىجارەت مەسئۇلى بەي شياۋچياڭ تونۇشتۇرۇپ. 4-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ، شۇنفېڭ تېز يەتكۈزگۈچىسى ئارقا-ئارقىدىن تۇرپاننىڭ پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن مېۋە-چېۋىلىرىنىڭ تېز يوللانمىلىرىنى تاپشۇرۇۋالغان، ھازىر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 2000 پارچە ئەتراپىدا تېز يوللانما بار ئىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن «1-ماي»لىق دەم ئېلىش ئاخىرلاشقىچە، تۇرپاننىڭ مېۋە-چېۋىلىرىنى يەتكۈزۈش يۇقىرى دولقۇنى كۆرۈلىدىكەن.

   «بۇلتۇر <1-ماي> مەزگىلىدە، تۇرپان شەھىرىدە 20 مىڭ يەشىككە يېقىن مېۋە-چېۋە پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلدى. بۇ يىل مېۋە-چېۋە سېتىشنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە، تېز يەتكۈزگۈچىلەر بىۋاسىتە ئېتىز بېشى، مېۋىلىك باغ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چىقىدىغان جايلارغا بېرىپ، مېۋە-چېۋىلەرنى يەشىكلەرگە قاچىلاپ يەتكۈزۈپ، ھەممىسىنى ئاۋىياتسىيە ئارقىلىق توشۇپ، خېرىدارلارنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ يېڭى مېۋە-چېۋىلەرنى يېيىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېدى بەي شياۋچياڭ.

مەنبە: تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھەرلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يار-يۆلەك بولۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، پوچتا، تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا قىلغۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ مېۋە-چېۋە قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يەتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، «بىر جايدا بىر مەھسۇلات» خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تۈرىنى يېتىشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. 2023-يىلى تۇرپان شەھىرىنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپى مىقدارى (پوچتا شىركىتىنىڭ پوسۇلكا كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) جەمئىي 4 مىليون 997 مىڭ 600 پارچىگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %130.52 ئاشتى؛ كەسىپتىن قىلغان كىرىم 82 مىليون 666 مىڭ 200 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %83.26 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى يېمەكلىك، يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى يەتكۈزۈش مىقدارى 1 مىليوندىن ئېشىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 50 مىليون يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

چۈچۈمەل، تاتلىق، تەملىك، شىرنىلىك

تۇرپاننىڭ قوغۇن-تاۋۇزلىرى بەك يېيىشلىك

كىچىك قوغۇن

تۇرپاننىڭ كىچىك قوغۇنى

پوستى نېپىز، ئېتى قېلىن، يۇمشاق ھەم شىرنىلىك

​بىر پىشقان كىچىك قوغۇننى مۇنداقلا ئاجراتسىڭىز ھىدى ئەتراپقا تاراپ كىشىنىڭ يېگۈسىنى كەلتۈرىدۇ

مەززىلىك ھەم تاتلىق

ئوت يۇرتى كىچىك تاۋۇزى

ئوت يۇرتى كىچىك تاۋۇزىنىڭ

جۇغى كىچىك، شاپىقى نېپىز، ئېتى قېلىن

ناھايىتى تاتلىق، سۇ تەركىبى يېتەرلىك

ھەر بىر كىچىك تاۋۇز بىر كىلوگىرام ئەتراپىدا

بىر قولدىلا تۇتۇپ تۇرغىلى بولىدۇ

قول بىلەن ئۇرسا ئاسانلا يېرىلىپ، قىپقىزىل ئېتى كۆرۈنىدۇ

شاپىقى نېپىز، قول بىلەنلا ئاجراتقىلى بولىدۇ

تەمى تاتلىق

تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى ئىشلىگەن سىندىن ئېلىندى

«ياڭجياۋمى» قوغۇنى

«ياڭجياۋمى» قوغۇنىنىڭ سىرتقى شەكلى

قوي مۈڭگۈزىگە ئوخشىغاچقا شۇنداق ئاتالغان

نېپىز شاپاقلىق قوغۇنغا تەۋە

تەمى تاۋۇزنىڭكىدىن سۇس، خاڭگادىن چۈرۈك ھەم يۇمران

ئۇ يەنە مەززىلىك پۇرايدۇ، چۈرۈك، تاتلىق

بىر چىشلىسىڭىزلا ئاغزىڭىز قوغۇن شىرنىسىگە تولىدۇ

مەنبە: توقسۇن نۆل ئارىلىق

ئۈجمە

پىشقان ئۈجمىنىڭ

مېۋىسى توق، رەڭگى ئوچۇق بولۇپ

ياپيېشىل ئۈجمە يوپۇرماقلىرى ئارىسىغا ئېسىلىپ تۇرىدۇ

بارمىقىڭىز تېگىپلا كەتسە چۈشۈپ كېتىدۇ

دەرەختىن ئۈزۈپلا يېگىلى بولىدۇ

سۈزۈك، تاتلىق، تولىمۇ يېيىشلىك

مەنبە: تۇرپان نۆل ئارىلىق

غورا

غورا دېگىنىمىز تېخى پىشمىغان ئۆرۈكنى كۆرسىتىدۇ

بىرنى ئېلىپ يەپ باقسىڭىز

چۈچۈمەللىكىدىن كۆزلىرىڭىز چىمىلداپ كېتىدۇ

ئادەتتە چۈچۈمەل يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلار قولدىن بېرىپ قويماڭلار

غورىنى ئالدىرىماي تېتىپ بېقىڭ

چۈچۈمەل ھەم تاتلىق، ئىشتىھايىڭىزنى قاندۇرىدۇ

مەنبە: توقسۇن نۆل ئارىلىق

بىر مەيدان مېۋە -چېۋە زىياپىتىگە بېرىپ كېلەيلى!

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىنى، ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى، تۇرپان نۆل ئارىلىق، توقسۇن نۆل ئارىلىق

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.