تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

1500 تۈپ كۆچەت تىكىلىپ، 23 مو يەر يېڭىدىن كۆكەرتىلدى

4-ئاينىڭ 23-كۈنى، خالىسانە كۆچەت تىكىشكە قاتناشقان خىزمەتچى خادىملار S114 لىنىيەسىنىڭ يېنىدا كۆچەت تىكمەكتە.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى) «بۇ مېنىڭ خالىسانە كۆچەت تىكىشكە قاتنىشىشىمنىڭ 5-يىلى، ئالدىنقى ئىككى يىلدىمۇ مۇشۇ يەردە كۆچەت تىككەنىدىم، تىككەن كۆچەتلىرىم بۈك-باراقسان ئۆسۈپ، يەنە چېچەكلەپتۇ، مەن ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولدۇم» دېدى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچى خادىمى جاڭ جيەنبىن.

4-ئاينىڭ 23-كۈنى، خالىسانە كۆچەت تىكىشكە قاتناشقان خىزمەتچى خادىم نەق مەيداندا كۆچەت ئالماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

   4-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) 59 ئورۇن، 410 كىشىنى تەشكىللەپ، S114 لىنىيەسىنىڭ جەنۇب تەرىپى، ئۈرۈمچى بۇلۇت ھېسابلاش مەركىزىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى كۆچەت تىكىش نۇقتىسىدا ئومۇمىي خەلق خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

4-ئاينىڭ 23-كۈنى، خالىسانە كۆچەت تىكىشكە قاتناشقان خىزمەتچى خادىملار نەق مەيداندا كۆچەت ئېلىپ، كۆچەت تىكمەكتە.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

    «بۇ قېتىمقى خالىسانە كۆچەت تىكىشتە جەمئىي 1500 تۈپ كۆچەت تىكىلىپ، 23 مو يەر كۆكەرتىلدى، ئاساسلىقى سۆسۈن يوپۇرماقلىق شۇمۇرت سورتى تىكىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز شەھەرنىڭ شىمالىدىكى غول يول، S114 لىنىيەسىگە ئوخشاش تېز سۈرئەتلىك يول بويلىرىدا، كۆكەرتىش ئارقىلىق ئەتىيازدا چېچەكلىك، يازدا يېشىللىق، كۈزدە مېۋىلىك مەنزىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېكولوگىيە كارىدورى بەرپا قىلدۇق» دېدى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى كۆكەرتىش، ئاسراش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لو پىڭ تونۇشتۇرۇپ.

 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، خالىسانە كۆچەت تىكىشكە قاتناشقان خىزمەتچى خادىملار S114 لىنىيەسىنىڭ يېنىغا كۆچەت تىكمەكتە.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى 

    بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى يېشىللىقنى يېڭىدىن كۆپەيتىش نىشان-ۋەزىپىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھويلا-ئاران ۋە يوللارنى كۆكەرتىش، گۈل-گىياھلارنى تىزىش، كىچىك باغچە بەرپا قىلىش، پىيادە مېڭىپ سەيلە قىلىدىغان پىيادىلەر يولى ياساش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق شەھەرنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىشىنى كۆپەيتىپ، شەھەر رايونىنىڭ مۇھىت قىياپىتىنى ياخشىلاپ، پۈتۈن رايوندىكى ئاممىنى ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، مۇھىتى گۈزەل، ئىقتىدارى كۆپ خىل بولغان شەھەر ئىستىراھەت يېشىللىق جاي بىلەن تەمىنلەپ، شەھەر رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.