تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىش | تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن شال تېرىش  ئىككى سائەتتىلا 200 مو

4-ئاينىڭ 22-كۈنى، كەچ سائەت 11دە، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ كېچىدە ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ليۇيۈەن بازىرىدىكى 10 مىڭ مولۇق شاللىققا ئۇرۇق چاچماقتا. 

4-ئاينىڭ 22-كۈنى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ليۇيۈەن بازىرىدىكى 10 مىڭ مو شاللىققا ئۇرۇق چاچماقتا. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرەت) 

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جۇ پېڭ خەۋىرى، فوتوسى) 4-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ليۇيۈەن بازىرى يۇڭشىڭ كەنتىدە، شال تېرىقچىلىقى ئاھالىسى شيې فېيلۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا: «ئىككى سائەتتىلا 200 مو يەرگە شال تېرىپ بولدۇق، بۇنى ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغانىدۇق»، دېدى. شيې فېيلۇڭ 3000 مودىن ئارتۇق شال تېرىدى، ئىلگىرى شال تېرىش پەسلى كەلگەندە، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر تەڭ ئاتلىنىپ، يەنە نەچچە ئون ئىشچى ياللاپ، ئىشتىنىنىڭ پۇشقىقىنى تۈرۈپ مۇزدەك سۇ بار شاللىققا كېچىپ تۇرۇپ شال تېرىيتتى. بۇ يىل، ئۇنىڭ ئائىلىسى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن شال تېرىشقا باشلىدى.

   «بۇلتۇر كەنتتە بەزىلەر تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن شال تېرىغانىدى، مەن ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن ئەنسىرەپ ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلالمىغانىدىم، نەتىجىدە باشقىلار تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن تېرىغان شالنىڭ تارقىلىشى تەكشى، زىچلىقىمۇ مۇۋاپىق بولۇپ، ۋاقىت، كۈچ ھەم پۇل تېجەپ قېلىنىپتۇ، شۇڭا مەنمۇ بۇ يىل تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن شال تېرىدىم، ئەمدى پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر سۇ كېچىپ ئىشلىمەيدىغان بولدۇق»،دېدى شيې فېيلۇڭ. 

4-ئاينىڭ 22-كۈنى، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ليۇيۈەن بازىرىدىكى 10 مىڭ مولۇق شاللىق. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرەت).

 4-ئاينىڭ 22-كۈنى، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ليۇيۈەن بازىرىدىكى 10 مىڭ مولۇق شاللىق. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرەت).

   4-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ليۇيۈەن بازىرىدىكى 14 مىڭ مو شاللىقتا ئومۇميۈزلۈك تېرىقچىلىق باشلانغان بولۇپ، پۈتۈنلەي تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن ئۇرۇق چېچىش، ماشىنىلاشقان تېرىش قوللىنىلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل شالنىڭ مو بېشى ھۇسۇلى ئومۇميۈزلۈك 700 كىلوگىرامدىن 900 كىلوگىرامغىچە بولۇپ، بىر مو يەردىن 700 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە كىرىم قىلغىلى بولىدىكەن.   

   ئىگىلىنىشىچە، 2024-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى 100 مىڭ مو يەرگە شال تېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى يېڭى تېخنىكا، يېڭى جابدۇقلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە كەڭ قوللىنىلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن تېرىش، كېسەللىك-ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى پائال يولغا قويغان.

4-ئاينىڭ 22-كۈنى،​ دېھقانلار ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ليۇيۈەن بازىرىدا تىزگىنەكلىك ئۇچقۇغا شال ئۇرۇقىنى تولۇقلاپ قاچىلىماقتا. 

 4-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ليۇيۈەن بازىرىدىكى دېھقانلار چاچىدىغان شال ئۇرۇقىنى تەكشۈرمەكتە.

   «تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا بىۋاسىتە تېرىشنىڭ دەل ۋە تەكشى بولۇش، ۋاقىتنى، ئىشنى، تەننەرخنى تېجەپ قېلىش قاتارلىق ئارتۇقچىلىقلىرى بار، بىز يەنە شالنىڭ كېيىنكى مەزگىللىك پەرۋىشىدىمۇ تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن ئوغۇتلاش، كېسەللىك-ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، زامانىۋى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشقا كۈچ قوشۇپ، دېھقانلارنىڭ ھوسۇلنى ئاشۇرىشىغا، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز»، دېدى ئاقسۇ شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى راۋ سۈيتىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.