تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

نۇرجا چوڭ جىلغىسى، بىر گۈزەل تاغ-دەريا يۆگىمە رەسىمىدۇر

 4-ئاينىڭ 22-كۈنى، سانجى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان نۇرجا چوڭ جىلغىسىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، بىپايان ئاسمان سۈپسۈزۈك ئىدى.

4-ئاينىڭ 22-كۈنى، نۇرجا چوڭ جىلغىسى سۇ بوياق رەسىمدەك رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەنىدى. ليۇ خۇا فوتوسى

    يىراققا نەزەر سالغاندا، يىراقتىكى قارلىق تاغ، دەنشيا ۋە يېقىن ئەتراپتىكى كۆل سۈيى، تاغ تىزمىلىرى گىرەلىشىپ، خۇددى بىر پارچە رەڭگارەڭ تاغ-دەريا رەسىمىگە ئوخشاپ قالغانىدى. ھاڭگىرت گاھ ئۈزۈپ، گاھ پەرۋاز قىلىپ، بىر-بىرى بىلەن ئوينىشىپ، تىنچ كۆل يۈزىگە ھاياتىي كۈچ قوشقانىدى. ئېگىز-پەس تاغ تىزمىلىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن جىلغىلار ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە زۇمرەتتەك سۇنى ئوراپ تۇرغان بولۇپ، يىلانباغرى سوزۇلۇپ، تېخىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر كۆك ئاسمان بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، باھاردىكى جىلغىنى خىلمۇخىل رەڭگە كىرگۈزگەنىدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ خۇا)

4-ئاينىڭ 22-كۈنى، نۇرجا چوڭ جىلغىسىنىڭ كۆل-تاغ مەنزىرىسى، سۈپسۈزۈك سۇلار دولقۇنلىماقتا. ليۇ خۇا فوتوسى

4-ئاينىڭ 22-كۈنى، نۇرجا چوڭ جىلغىسى، تاغ تىزمىلىرى بىلەن كۆل سۈيى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، مەنزىرىسى تولىمۇ يېقىشلىق ئىدى . ليۇ خۇا فوتوسى

​4-ئاينىڭ 22-كۈنى، نۇرجا چوڭ جىلغىسىدا غەلىتە تاشلار چوقچىيىپ تۇرغان، جىلغىلار گىرەلىشىپ كەتكەن، تاغ تىزمىلىرى كۆل سۈيىگە ياراشقان بولۇپ، كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز گۈزەل ئىدى. ليۇ خۇا فوتوسى

  4-ئاينىڭ 22-كۈنى، نۇرجا چوڭ جىلغىسىدا، ھاڭگىرت سۇدا ئۈزۈپ، بىر-بىرى بىلەن ئويناقشىپ، يىراقتىكى تاغ بىلەن تاغ-دەريا يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلغانىدى. ليۇ خۇا فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.