تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

باھار بىلەن تەڭ، مەنزىرە نۇقتىلىرىدا بۇ خۇشاللىقلار سىزنى كۈتمەكتە

نارات مەنزىرە رايونى پەنلۇڭ جىلغىسى يولىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى

نارات مەنزىرە رايونى پەنلۇڭ جىلغىسى يولى مەنزىرىسى(ماتېرىيال سۈرەت). ياڭ شياۋچيەن فوتوسى

   4-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ نارات مەنزىرە رايونى پەنلۇڭ جىلغىسى يولىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىپ ساياھەتچىلەر كۈتۈۋېلىندى. پەنلۇڭ جىلغىسى يولى ئېكولوگىيە ئۈلگە يولى بولۇپ، نارات دەريا جىلغىسى يايلىقىغا جايلاشقان. ئۇ بوشلۇقتىكى يايلاقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۆلەك بىلەن بىر ئايلانما ساياھەت يولىدۇر.

   پەنلۇڭ جىلغىسى يولىدا تۇرۇپ ئەتراپقا نەزەر تاشلىسڭىز باھاردا جىلۋە قىلغان قار-مۇزلار كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ. بىر كۈن ئىچىدە باھار، ياز، كۈز، قىشتىن ئىبارەت تۆت پەسىلنى ھېس قىلالايسىز، يەنىمۇ ئىچكىرلەپ ماڭسىڭىز «ئېكولوگىيە كارىدورى»غا كىرىسىز، چوڭقۇر جىلغا، ئاجايىپ-غارايىپ گۈل-گىياھلار، توپ-توپ ھايۋانلار ئۇچراپ، ھەر قەدەمدىكى بىر كۆركەم مەنزىرە، ھەممىسى يۈرەكنى لەرزىگە سالىدۇ.

نارات مەنزىرە رايونى ئورتاجوتا لىنىيەسىدە قاتناش باشلىنىپ ساياھەتچىلەر كۈتۈۋېلىندى

   شىنجاڭ نارات دۆلەتلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 4-ئاينىڭ 22-كۈنى، نارات مەنزىرە رايونى ئورتاجوتا لىنىيەسىدە قاتناش باشلىنىپ ساياھەتچىلەر كۈتۈۋېلىنغان.

نارات مەنزىرە رايونى ئورتاجوتا. سۈرەت مەنبەسى: نارات دۆلەتلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونى

   ئىگىلىنىشىچە، ئورتاجوتا لىنىيەسىدە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر مول، ئورمانلار بىلەن ئورالغان تاغلار يامبۇغا ئوخشايدىغان بولغاچقا، يېشىل يامبۇ دەپ ئاتالغان. بۇ يەرمۇ مۇھەببەت ئاساسى تېما قىلىنغان لىنىيە. ئۇنىڭ تاغقا چىقىدىغان پىيادىلەر يولىدا قول تۇتۇشۇش، رىشتە باغلاش، بىللە ئۆتكۈزۈش قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىپ، تاغدىكى گۈللەرنىڭ ھەمراھلىقىدا بۇ يەردە رومانتىك ئىزلارنى قالدۇرىدۇ.

   نارات مەنزىرە رايونىدا جەمئىي بەش ساياھەت لىنىيەسى بار بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ساي يايلاق لىنىيەسى، بوشلۇقتىكى يايلاق لىنىيەسى، پەنلۇڭ جىلغىسى، تيەنشېنتەي(قار لەيلىسى جىلغىسى) ھەمدە ئورتاجولتا لىنىيەسىدىن ئىبارەت. 

ئورتاجولتانىڭ كونكرېت لىنىيەسى: دەيگلاس/ئورمان باغچىسى-يېشىل يامبۇ-ۋەنخۇاگۇ-ئورتاجولتا-دەيگلاس/ئورمان باغچىسى(32KM/29KM پۈتۈن مۇساپە)، بېرىپ-كېلىش باھاسى 120 يۈەن/ئادەم قېتىم.

ئۈرۈمچى تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسى «1-ماي»دا يېڭى قىياپەت بىلەن كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ

   ئالتە ئايغا سوزۇلغان دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسىى «1ـ ماي» مەزگىلىدە يېڭى قىياپەت بىلەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ. 

   تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇنجى چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدىكى خەن، تاڭ ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستىراھەت كوچا رايونى، بۇلتۇر بۇ جاي ئېچىلغاندىن بۇيان، جانلىنىش ئېففېكتى 10-ئايغىچە داۋاملىشىپ، چەمبىرەكتىكى ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك «توردا ئالقىشلانغان جاي»غا ئايلاندى. ئالتە ئايغا سوزۇلغان دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن،«1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بۇ كوچا رايونى ئېچىلىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدۇ.

قاراجون مەنزىرە رايونى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى رەسمىي ئېچىلىدۇ

قاراجون يايلىقى.    چېن جىخۇڭ فوتوسى

   «قاراجون ساياھىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، تېكەس ناھىيەسىگە جايلاشقان دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ھېسابلىنىدىغان قاراجون مەنزىرە رايونى رەسمىي ئېچىلىدۇ. باغچا ئېچىلغان كۈندىن باشلاپ، قاراجون مەنزىرە رايونىدا ماس قەدەمدە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ئەندىزىسى يولغا قويۇلىدۇ. ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسى كونكرېت ھالدا: ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ شەرقىي دەرۋازا مۇلازىمەت مەركىزى−ۋەننا مۇلازىمەت مەركىزى(مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت ئاپتوموبىلىغا ئالمىشىپ گۈل سۇپىسى ۋە بۈركۈت سۇپىسىغا بارىسىز)−بادام مەنزىرە نۇقتىسى-شېنمۇ ئورمان مەنزىرە نۇقتىسى−جاساغان كىچىك بازىرى مەنزىرە نۇقتىسى−بۈركۈت قەبىلىسى مەنزىرە رايونى-ئۇيسۇن شادۇ مۇلازىمەت رايونى−شىچۈەن مۇلازىمەت رايونى−قاراجون ئارقان يولى بېكىتى مۇلازىمەت رايونى−بۇلاق ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى بولۇپ، يەككە مۇساپىسى تەخمىنەن 36 كىلومېتىر.

   قاراجون مەنزىرە رايونى كۆكسۇ چوڭ جىلغىسى، قاراجون يايلىقى، ئوتتۇرا تىيانشان قارلىق چوققىسى ۋە تيەنلەي ئورمانلىقىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ مەنزىرە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەنزىرىسى بىپايان، گۈزەل بولۇپ، ساياھەت قىلىش ۋە سۈرەتكە تارتىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، ئەڭ ياخشى ساياھەت پەسلى 5-ئايدىن 9-ئايغىچە.

كۈنەس ناھىيەسىدىكى 10 مىڭ مولۇق ياۋا ئۆرۈكلۈكتە چېچەكلەر ئېچىلىپ باھارنى كۈتۈۋالدى

بۇ، 4-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇرگېن ئۆرۈك چېچىكى چوڭ جىلغىسىدا تارتىلغان ياۋا ئۆرۈكلۈك، چارۋىلار تاغدا بەخىرامان ئوتلىماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

   شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيەسىدە ھازىر بار بولغان ياۋا ئۆرۈكلۈك كۆلىمى تەخمىنەن 70 مىڭ مو. ھازىر، تۇرگېن يېزىسى، ئالمىلىق بازىرى قاتارلىق جايلاردا، نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى، ئۆرۈك چېچىكى چوڭ جىلغىسى، ئىلى ئۆسۈملۈك باغچىسىدىكى نەچچە ئون مىڭ مو ياۋا ئۆرۈك چېچەكلىرى تۇتاش كەتكەن يايلاقتا بەس-بەستە ئېچىلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان باھار مەنزىرىسى يۆگىمە رەسىمىنى شەكىللەندۈردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى، خەۋىرى

ۋۇجىياچۈدە 2 مىليون 800 مىڭ تۈپ كۈركۈم گۈلى بەس - بەستە چېچەكلىدى

 ۋۇجياچۈ چىڭگىداخۇ ساياھەت مەنزىرە رايونىدا كۈركۈم گۈلى پورەكلەپ ئېچىلدى. تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يەن شياۋتيەن فوتوسى

 ۋۇجياچۈ شەھىرىنىڭ 19 - نۆۋەتلىك كۈركۈم گۈلى مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ۋۇجياچۈ چىڭگىداخۇ ساياھەت مەنزىرە رايونىدا رەسمىي باشلىنىدۇ، 30 خىل تۈردىكى 2 مىليون 800 مىڭ تۈپ كۈركۈم گۈلى چىڭگېداخۇنىڭ باھار تۈسىگە ھۆسن قوشىدۇ.

   ۋۇجياچۈ شەھىرى 2006 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك كۈركۈم گۈلى بايرىمى ئۆتكۈزگەندىن بۇيان، 18 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى. كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، چىڭگېداخۇ مەنزىرە رايونىدىكى كۈركۈم گۈللىرى دەسلەپكى 100 مىڭ تۈپتىن بۇ يىلقى 2 مىليون 800 مىڭ تۈپكە كېڭەيتىلدى، 10 خىلدىن 30 نەچچە خىلغا كۆپەيتىلدى. بۇ يىل مەنزىرە رايونىدىكى كۈركۈم گۈللىرى قىزغۇچ سېرىق، قىزىل، ھال، سېرىق، سۆسۈن قاتارلىق بەش خىل رەڭنى ئاساس قىلىدۇ.

4-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، تۇرپاندا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ

چىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ كاڭشى يىللىرىدىكى جىڭدېجېن فارفور بۇيۇملىرىنىڭ

قانچىلىك نەپىسلىكىنى بىلەمسىز؟

   تۇرپان مۇزېيى بىلەن فۇجوۋ شەھەرلىك مۇزېي بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «خەيسى گۆھىرى— <ۋەنجياۋ 1-نومۇر> ناملىق  چۆكۈپ كەتكەن كېمىدىن سۈزۈۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» 4-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە تۇرپان مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ كۆرگەزمە ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن، كۆرگەزمە قىلىنىدىغان 103 دانە فارفور بۇيۇم چۆكۈپ كەتكەن كېمىدىن سۈزۈۋېلىنغان 10 مىڭدىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدىن تاللانغان بولۇپ، كومزەك، تەخسە، چىنە، قورساقلىق ئىستاكان، ئوچاق، ھاراق لوڭقىسى، جام قاتارلىقلار چىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى جۇڭگو پۇقرا خۇمدانلىرىدىن چىققان فارفۇر بۇيۇملىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.بۇ بۇيۇملار خېلى يۇقىرى بولغان تارىخ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت قىممىتىگە ئىگە.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئامەيلۇڭ خىيالىي شادلىق باغچىسى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېچىلىدۇ

ئامەيلۇڭ خىيالىي شادلىق باغچىسىدىكى خۇشال ئاتا - ئانىلار ۋە بالىلار. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى (شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) تەمىنلىگەن سۈرەت

   ئۈرۈمچى شەھىرى ئامەيلۇڭ خىيالىي شادلىق باغچىسى 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئېچىلىدۇ.  ئامەيلۇڭ خىيالىي شادلىق باغچىسى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان، جەمئىي 3 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 367 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرى ئۇنىۋېرسال كارتون پەن - تېخنىكىسى، رەقەملىك ھولوگرافىك كىنو - تېلېۋىزىيە باش تېمىلىق ئويۇن قويۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش ھەمتۈرتكىسى، باش تېمىلىق كارتون ئوبرازى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى ئۆي ئىچى - سىرتى باش تېمىلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى 100 يۈرۈشكە يېقىنلىشىدۇ.

ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ مەنزىرە رايونلارغا بارالايسىز

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.