تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىلىكلەر دىققەت، «1-ماي»لىق تەنتەربىيە چوڭ سوۋغىتى يەتكۈزۈلىدۇ

     ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر گو چيەن خەۋەر قىلىدۇ) «1-ماي» مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى مول تەنتەربىيە چوڭ سوۋغىتى تەييارلىدى. «شىنجاڭ ياخشى جاي» جۇڭگو شىنجاڭ دالا تەنھەرىكىتى يىغىنى−2024-يىللىق ئۈرۈمچى مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇسابىقىنىڭ 8000 كىشلىك كۆلەمدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلاندى. جۇڭگو يېنىك ئاتلېتىكا جەمئىيىتى تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ. مۇسابىقە جەريانىدا ۋە مۇسابىقىدىن كېيىنكى مەزگىلدە، ئۈرۈمچى ناھىيەسى مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ۋە ساياھەتچىلەرگە خاس تائاملار ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىشقا تەييارلاندى. 

    5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئۇسسۇلى جەمئىيىتى 2024-يىللىق «غەربىي رايون شەھەرلىرى لوڭقىسى» تەنتەربىيە ئۇسسۇلى(خەلقارا ئۆلچەملىك ئۇسسۇل) ئاشكارا مۇسابىقىسى ۋە 8-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى تەنتەربىيە ئۇسسۇلى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدۇ. 

    ئىگىلىنىشىچە، رېمونت قىلىش، ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىلتاغ سۇ ئۈزۈش سارىيى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن. تىجارەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۇ ئۈزۈش جەمئىيىتى 5-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە «2024-يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرى سۇ ئۈزۈش كۇلۇبلىرى ئالماشتۇرۇش مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزىدۇ، قىزىلتاغ سۇ ئۈزۈش سارىيى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى سۇ ئۈزۈش كۇلۇبلىرى، سۇ ئۈزۈش جەمئىيەتلىرى، سۇ ئۈزۈش مەيدان-سارايلىرىدىكى ئوقۇش يېشىدىكى تەنھەرىكەتچىلەرنى پائال قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ، شۇنداقلا سۇ ئۈزۈش ھەۋەسكارلىرىنىڭ كېلىپ مۇسابىقىنى كۆرۈشىنى قارشى ئالىدۇ. 

قىزىلتاغ سۇ ئۈزۈش سارىيىنىڭ سىرتقى مەيدان سارايلىرى.  سۈرەتنى قىزىلتاغ تەنتەربىيە مەركىزى تەمىنلىگەن 

    بۇنىڭدىن باشقا، 5-ئاي مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە ئۈرۈمچى شەھىرى تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق گىمناستىكا مۇسابىقىسى، «جىڭجياڭلەي» 2024-يىللىق ئېلېكتىرونلۇق ماھارەت ئاشكارا مۇسابىقىسى، ئۈرۈمچى شەھىرى سەككىز كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسى(ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلار)، «يۈگرەيلى . ئۆسمۈرلەر» ئۈرۈمچى شەھىرى ياشلار، ئۆسمۈرلەر چاقلىق كانكى مۇسابىقىسى، ئۈرۈمچى شەھىرى بىليارت بىرلەشمە مۇسابىقىسى، ئۈرۈمچى شەھىرى چياۋپەي خەۋەرلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-نۆۋەتلىك ئەقلىي كۈچ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى باشلاپ، سېھىرلىك كۇبىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ؛ 2024-يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەھەللە(كەنت) ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ رايون، ناھىيە تاللاش مۇسابىقىسىنى باشلايدۇ؛ 2024-يىللىق مەملىكەتلىك U18 يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى 32-نۆۋەتلىك «جۇڭخۇا لوڭقىسى» مەملىكەتلىك ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشانغانلار پۇتبول مۇسابىقىسى، ئاپتونوم رايونلۇق 6-نۆۋەتلىك ياشانغانلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدان ئۇسسۇلى مۇسابىقىسى، 1-نۆۋەتلىك شىنجاڭ تەنھەرىكەت بەدەن چېنىقتۇرۇش قورشاۋ شاھمات مۇسابىقىسى قاتارلىق بىر قاتار مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.