تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ھەر يىلى 40 مىڭ كىشىگە تەربىيەلىنىش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ بۇ ھەرىكەت ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشىدۇ

    ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىن يولغا قويۇش، مۇلازىمەت ئارقىلىق قوغداش» جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى مەخسۇس ھەرىكىتىنى باشلىدى، تۆت ئاي داۋاملىشىدىغان بۇ ھەرىكەتتە ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىنىڭ ئىختىساسلىقلار ۋە ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

    بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى كارخانىلارنى زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم 2000دىن ئارتۇق كارخانىغا مۇلازىمەت قىلىش ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزدى. بۇ ھەرىكەت ھەر يىلى كارخانىلارنى ماھارەت بويىچە 40 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانىلارنى 5000دىن ئاز بولمىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە پىراكتىكا ئىش ئورنى تەسىس قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ.

    «ئالدىنقى مەزگىلدە بىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم تولۇقلىمىسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولدۇق، ئەمدى يەنە شاگىرتلىق تۈزۈمى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرىمىز، بۇ ھەرىكەت دەل ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇلدى» دېدى ياشى چۇاڭنېڭ پەن-تېخنىكا (ئۈرۈمچى) چەكلىك شىركىتى ئۇنىۋېرسال ئىشلار باش نازارەتچىسى ۋاڭ يەن.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ليۇ شىيۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: 40 مىڭ كىشىگە تەربىيەلىنىش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشتە، ھەر بىر كىشىگە 1800 يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىق ئۆلچىمى بويىچە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ، كەسپىي ئالىي مەكتەپلەر، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىغا تايىنىپ، زاكاز شەكلىدە نىشانلىق تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن مەكتەپ، كەسىپكە ئايرىپ، كارخانىلار بىلەن ئالىي مەكتەپلەرنى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يەتكۈزۈپ بېرىش ھەمكارلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەيمىز.

     مەخسۇس ھەرىكەت مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى يەنە تور بېكىتى ۋە ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدا ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى كارخانىلار مۇلازىمەت مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىپ، كارخانىلار ئۈچۈن خادىم قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى ھەقسىز ئېلان قىلىپ بېرىدۇ؛ خادىم ئىشلىتىش كۆلىمى چوڭ كارخانىلارغا قارىتا، مەخسۇس خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن شەھەردىكى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى كارخانىلار بىلەن مەكتەپ-كارخانا ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىشىنى ماسلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى ئۈچۈن زاپاس ئادەم كۈچى بايلىقى تەييارلايدۇ؛ ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلار، تېخنىكا كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنىڭ كەسپىي ماھارەت دەرىجىسىنى باھالاش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، كارخانىلاردىكى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆرلەش يولىنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.