شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: يېقىندا، تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ، شىنجاڭ تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى مۇز يۈزى تەدرىجىي ئېرىپ، چەكلىك بولغان «كۆك مۇز پەسلى»گە كىردى. كۆل بويىدا باھار سۈيى چايقىلىپ، كۆل مەركىزىدىكى مۇز كىرىستاللىرى كۆزنى چاقناتتى، قۇياش نۇرىدا سۇس كۆك ۋە سۈزۈك رەڭلەر گەۋدىلىنىپ، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ جۇلالىنىپ، تەبىئەتكە گۈزەل ۋە رومانتىك تۇيغۇ بېغىشلىدى.
تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى شىنجاڭنىڭ فۇكاڭ شەھىرىگە جايلاشقان، كۆل يۈزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1910 مېتىر، سۈيى سۈزۈك، مۇز قاتلىمى ئەينەكتەك سۈزۈك بولۇپ، قۇياش نۇرىدا كۆپكۆك ئاسمان ئەكس ئېتىپ، كۆك مۇز مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى، بۇ مەنزىرىنى تاماشا قىلىش مەزگىلى بىر ئايغىمۇ يەتمەيدۇ.
«شىنخۇا ئاگېنتلىقى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى