تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بۇ قېتىمقى ئەتىيازلىق لاگېر ئۇنتۇلغۇسىز بولدى، پۇرسەت بولسا جۇڭگو شىنجاڭغا چوقۇم يەنە كېلىمەن»

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شېن زۇشياۋ

«بۇ قېتىمقى ئەتىيازلىق لاگېر ئۇنتۇلغۇسىز بولدى، پۇرسەت بولسا جۇڭگو شىنجاڭغا چوقۇم يەنە كېلىمەن.» 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، 2024 - يىللىق «خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى» شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ياش ئوقۇغۇچىلار ئەتىيازلىق لاگېرىغا قاتناشقان پاكىستان فايسالئاباد يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئافاق مۇنداق دېدى: 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى دۆلىتىمگە قايتىمەن، بۇ قېتىمقى جۇڭگو شىنجاڭ سەپىرى مېنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرىمنىڭ بىرى، مەن ئائىلەمدىكىلەر ۋە دوستلىرىمغا بۇ گۈزەل تەسىراتلىرىمنى ھەمبەھرىلەيمەن.

4 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن باشلاپ، 2024 - يىللىق «خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى» شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ياش ئوقۇغۇچىلار ئەتىيازلىق لاگېرىنىڭ پاكىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن لاگېر ئەزالىرى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ تەشكىللىشىدە شىنجاڭ مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شىنجاڭ تارىخى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولدى؛ چاي سەنئىتى سارىيىغا بېرىپ جۇڭگو چاي مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدى؛ جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، قىزغىن ئۇسسۇلغا چۈشتى؛ جىڭجۈ تىياتىرى، قەغەز قىيما، جۇڭگوچە رەسىم قاتارلىق جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدى.

يېشىل ئۆسۈملۈك، كىچىك كۆۋرۈك، ئېقىن سۇ، كىچىك شىپاڭ، ئادىمىيەت مەنزىرىسى بىلەن تەبىئىي مەنزىرە يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلانغان خاۋيۆ باغچىلاشقان چاي سەنئىتى سارىيى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەربىيە بازىسى. 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، لاگېر ئەزالىرى چاي سەنئىتى سارىيىغا كىرىپ، چاي سەنئىتى ئۇستىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇڭگو چاي سەنئىتىنى ئۆگەندى.

«قىزلار ئىستاكاننى كۆتۈرۈپ، بارماقلىرىنى كەترەنسىمان چىقىرىپ، مۇلايىم، نازاكەتلىك سالاپىتىنى نامايان قىلىدۇ...» چاي سەنئىتى سارىيىدىكى چاي سەنئىتى ئۇستىلىرى چاي سۇنۇش قائىدە - يوسۇنلىرىنى كۆرسەتتى، لاگېر ئەزالىرى چاي سەنئىتى ئۇستىلىرىغا ئەگىشىپ چاينىڭ رەڭگىنى كۆرۈپ، چاينىڭ خۇش پۇرىقىنى پۇراپ، چاينىڭ تەمىنى تېتىپ، جۇڭگو چاي سەنئىتىنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلاندى، كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان چاينىڭ خۇش پۇرىقىنى كۆپچىلىك ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى.

ھېس قىلىش ھالقىسىدا، چاي سەنئىتى ئۇستىلىرىنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكچىلىكىدە، لاگېر ئەزالىرى جۇڭگو چاي مەدەنىيىتىنىڭ نەپىسلىكى ۋە رومانتىكلىقىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدى. «جۇڭگو چېيىنى ئىچكەندە باشقا قوشۇمچە ماتېرىياللار سېلىنمايدىكەن، چاينىڭ خۇش پۇرىقى ناھايىتى ئۆزگىچە ئىكەن.» ئۆزبېكىستان تاشكەنت دۆلەتلىك ئىقتىساد داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى دىيار چەينەكنى كۆتۈرۈپ مەشغۇلات قىلىشقا باشلىدى، گەرچە ئۇنىڭ ھەرىكىتى سەل قۇۋلاشمىغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما چاي سەنئىتى ئۇستىسىنىڭ ياردىمىدە چاي دەملەشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى ھەم ھەمراھلىرىنىڭ تېتىپ بېقىشىغا سۇندى. «ياخشى، ئىچىشلىك بوپتۇ!» لاگېر ئەزالىرى جۇڭگو چېيىنى تېتىپ بولغاندىن كېيىن بەس - بەستە ئالقىشلىدى.

چاي سەنئىتى سارىيى يەنە خەتتاتلارنى لاگېر ئەزالىرىغا جۇڭگو خەتتاتلىقىدىن دەرس ئۆتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغانىدى. خەتتاتلار جۇڭگو ئەنئەنىۋى خەتتاتلىق بىلىملىرىنى تونۇشتۇرۇپ، لاگېر ئەزالىرىنىڭ توغرا بولغان قەلەم تۇتۇش ئۇسۇلى، خەت يېزىش قىياپىتى قاتارلىقلارنى ئىگىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. خەتتات جاۋ فۇشېڭ يەنە نەق مەيداندا «جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇقى ياشىسۇن» دېگەن خەتنى يېزىپ پاكىستاندىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا سوۋغا قىلدى.

پاكىستاندىن كەلگەن لاگېر ئەزاسى ئەمىيەخان مۇنداق دېدى: پاكىستاندا نۇرغۇن ياشلار خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنى تاللىدى. جۇڭگو خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ مەزمۇنى مول ۋە چوڭقۇر، مەن جۇڭگو تىل - ئەدەبىياتىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، خەنزۇچە خەت يېزىشنى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ياخشى دوستلۇق ئەلچىسى بولىمەن.

«شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن كىمخاب مۇھاپىزەت يەڭلىكى، ھۈنەر - سەنئىتى مۇرەككەپ، نەپىس سەككىز ئەجدىھا نەقىشلىك ئالتۇن توقا... شىنجاڭ مۇزېيىغا كىرىپ، لاگېر ئەزالىرى چۈشەندۈرگۈچىگە ئەگىشىپ، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخ - مەدەنىيىتىنى چۈشىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى.

«ئىنتايىن ھاياجانلاندىم! ساقلانغان بۇيۇملار مول بولغان مۇزېي مېنى شىنجاڭنىڭ تارىخىنى يەنىمۇ چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم» دېدى ئۆزبېكىستان تاشكەنت دۆلەتلىك ئىقتىساد داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سابىننا.

پائالىيەت مەزگىلىدە، لاگېر ئەزالىرى يەنە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىدە تەيجى گۇمپىسى، پانۇس ياساش، خەتتاتلىق قاتارلىق جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت دەرسلىرىنى ھېس قىلدى ھەم شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

«ياخشىمۇسىلەر» «ياخشىمۇسىز»... بوش ۋاقىتلىرىدا، مەكتەپ ھويلىسىدا ماڭغاندا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى پات - پات لاگېر ئەزالىرىغا قول ئىشارىسى قىلىپ سالام بەردى. گۈزەل مەكتەپ مۇھىتى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن دوستانىلىقى لاگېر ئەزالىرىغا ھەسسىلەپ ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى.

دۆلىتىگە قايتىش ئالدىدا تۇرغان پاكىستان فايسالئاباد يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىرپان مۇنداق تىلەك تىلىدى: كەلگۈسىدە دائىم جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق دوست تۇتۇپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.